نامايىشتىن كىيىن ئويلىغانلىرىم

شۇنداق قىلىپ ئۇزۇن ۋاقىتلىق تەييارلىق قىلىش ۋە پىلانلاش ئارقىلىق بۇ قېتىملىق نامايىش زوراۋانلىقسىز، زىدىيەتسىز ۋە مەسلىسىز غەلبىلىك ئاخىرلاشتى. 
نامايىش جەريانىدا نامايىش قاتناشقۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى يەنىمۇ يۇقىرى كۈرۇلگەن ۋە ھاياجان ئىللىكىدە مىللەتنىڭ بىرلىكلىك، باراۋەرلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتكەن بولدۇقٜ، قەلبىمىزدە ئىشەنچ پەيدا بولدى.
ئۇيغۇرنىڭ چېچىلىپ كەتمىگەنلىكىنى، يالغۇز ئەمەسلىكىنى، ھەر يەردە خىتاينىڭ دىگىنى ھىساپ بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەنمۇ بولدۇق.
نامايىش جەريانىدا بىر نەچچە خىتاي غالچى ئىشپىيۇنلارنىڭ تۇتۇلشى خىتاينىڭ يۈزىگە تەستەك بىلەن ئۇرۇلغانلىق بولدى ۋە خىتايغا بىرىلگەن بىر سىگىنال ئىدى.
لىكىن بىر نەچچە كۈندىن بىرى تور دۇنياسىغا قارايدىغان بولساق، نامايىش ئۇرۇنلاشتۇرغان رەھبەرلەرگە بولغان تەنقىدى پىكىرلەر كۆپىيىپ ئۇلارنى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىمىگەن، ئاۋۇ ئانداق بوپ قالدى ماۋۇ ماندا بوپ قالدى دىگەندەك رەنجىشلەر، تەنقىدى پىكىرلەر ھەتتا ئۇلارنى ھاقارەتلەيدىغان ئىنكاسلار پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى.
لىكىن شۇلار ئۆزلىرىدىن " مەن نىمە قىلدىم؟ شۇلار قىلمىغان ئىشلارنى مەن نىمىشقا قىلمىدىم؟ دىگەن سۇئاللارنى سوراپ باققانمىدۇ؟ ”
بۇ قېتىملىق نامايىشتا بىز ھەققىدە خەۋەر ئىشلەيدىغان ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ كەملىكى، شۇ پاالىيەتنىڭ مۇھىم ئاخپارت ۋاستىلىرىدە تىلغا ئېلىنمىغانلىقى ئاساسلىق تەنقىتلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ، رەھبەرلەر نىمە ئىش قىلۋاتىدۇ؟ ئۇلار خىزمەتنى ياخشى قىلمىدى؟ ئاخپارات ۋاستىلىرىغا ئۇقتۇرماپتۇ؟ دىگەندەك تەنقىدى سۇئاللار سورالدى، ھەتتا بەزىلىرىمىز ئۇلارنى بىكارغا نان يايدىغان نان قېپى، بىكاغا پۇل خەجلەيدىغان خائىنلار دەپ تىللاشقا ئۈلگۇردۇق.
توغرا، ھەر قانداق ئىشنىڭ كەينىدە بىر مەسئۇليەت بۇلىدۇٜ. بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بېلگىيەدىن باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنى ئېلىپ شىۋىتسارىيەگە دالا پائالىيتىگە ماڭغان بىر ئاپتۇبۇس شىۋىتسارىيە دائىرسى ئىچىدە بىر تونېلدا قازاغا يۇلۇقۇپ ئاپتۇبۇستىكى ھەممە ئۇقۇغۇچىلار ۋە شوپۇر قازا قىلغان ئىدى. شۇ يىلى بېلگىيە ئۈچۇن بىر ماتەم يىلى بولغان ئىدى. بۇ ئىشتىكى مەسئۇليەتنى شۇ ۋاقىتتا دەرھالا شوپۇرغا ئارتمىغان، بۇ ۋەقەنى تەكشۇرۇشكە بەرگەن بۇلۇپ تەخمىنەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كىيىن ۋەقە سەۋەبىنى بېلگىيە ۋە شىۋىتسارىيە ھۈكۇمىتى ئېلان قىلغان ئىدى. مەسئۇليەتنىڭ يېرىمى شوپۇرغا ئارتىلغان، چۈنكى شوپۇر ئارلىقتا قىسقا دەم ئېلىپ سەگەپ ماڭماي، ئۆزىنى چارچىتىپ دىققەتنى مەركەزلەشتۇرەلمەي ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرمىغان; يەنە بىر يېرىمى بولسا شۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئۇرۇن ياكى مەكتەپ زاپاس شوپۇر ئىشلەتمىگەن دەپ ئەيىپلەنگەنٜ. دىمەك بۇ ۋەقەدىكى مەسئۇليەت بىر ئادەمگە ئەمەس بىر قانچە ئادەملەرگە ياكى تەرەپلەرگە چىتىلغان.
خوش، ئۆزىمىزگە كەلسەك، 5000 كىشلىك نامايىشنى ئۇرۇنلاشتۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاز كىلىشىگە تۇللۇق مەسئۇل بولسا بولمايدۇٜ. مەسئۇليەتنىڭ يېرىمىنى نامايىشقا قاتناشقۇچىلار، بېلگىيەدە ۋە قوشنا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئۇستىگە ئېلىش كىرەكٜ .چۈنكى د ئۇ ق رەھبەرلىرى پەقەتلا ئۆزىنىڭ ۋەتەندىكى تۇققانلىرى ئۈچۇن ئەمەس پۈتكۇل ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۇن، شۇ نامايىشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاتا ئانىسى، ئۇرۇق تۇققانلىرى، قاماقتىكى مىللىيون خەلىقنىڭ ئەركىنلىكى، خۇلاسىلىگەندە، ۋەتەننىڭ مۇستەققىلىقى ئۇچۇن نامايىش ئۇيۇشتۇرغان. بۇ يەردە مەسئۇليەتكە بىز شىرىك بۇلشىمىز كىرەك، چۈنكى بىز شۇ ۋەتەننىڭ بىر پارچىسى، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ھەققىمىز ۋە مەجبۇريەتلىرىمىز بار ئەلۋەتتە.
رەھبەرلەرگە 4 كۈنلۇك ھەمرا بۇلۇش جەريانىدا ئۇلارنىڭ قانچىلىك ئالدىراش ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قۇلىدىكى خىزمەتنىڭ قانچىلىك كۆپلىگىنى، بىر سائەتتە 10 نەچچە قېتىم تېلفۇن تاپشۇرۋالدىغانلىقىنى، خىزمەتلەرنى ئۇرۇنلاشتۇرۋاتقانلىقىنى، تور ئارقىلىق ئۇچۇر ئالاقە قىلۋاتقانلىقىنى ئوز كۆزەم بىلەن كۆردۇم. ئايروپىلاندا بىر ھەپتىدە 10 نەچچە مىڭ كىلومىتىر ئۇچقانلىقىغا شاھىت بولدۇم. ئۇلار خۇددى ئۆز ئائىلىسىنى ئۇنتۇپ قالغاندەكلام. بۇنىڭ ھەممىسى شۇ مىللەت ئۈچۈن، شۇ 30 مىللىون خەلىق ئۇچۇن.
ئەمما بىز ئۇ دەرىجىدە ئالىراش ئەمەسمىز، بىر ئاخپارات ۋاستىسىغا " 27-چىسلا نامايىش بۇلىدۇ، بېرىشقا ۋاقتىڭز بارمۇ ؟ " بىر تال تېلفۇن بىلەن، ياكى بىر پارچە ئېمەيىل بىلەن بۇلدىغان ئىشنى قىلىشقا بىزنىڭ ۋاقتىمىز چىقماي قالارمۇ؟ بىز ئۆزىمىز تۇرىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئاساسلىق ئاخپارات ۋاستىلىرنى كۇندە ئىنتېرنېت ياكى ت ۋ لاردا، گېزىتلار ئارقىلىق ياخشى بىلىمىز، بۇنىمۇ شۇ رەھبەرلەر قىلسۇن دەپ ئارتىپ قويساق ئەمسە بىز نىمە قىلمىز؟
بۇ يەردە مەن شۇنى دىمەكچى، ھەر بىر شەرقى تۇركىستانلىق، ئۇيغۇرنىڭ تۇنۇلشىغا، ئۇيغۇرنىڭ مەسلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا، ئۇيغۇر دەۋاسىغا مەسئۇل بۇلىشى كېرەك، چۇنكى سىزنىڭ شەرقى تۇركىستانلىق بۇلۇش سۇپىتىڭز بىلەن سىزنىڭ ۋەتەن مىللەت ئۇچۇن ئۆتەيدىغان مەجبۇرىيەتلىرىڭز بار بەھىرلىندىغان ھۇقۇقلىرىڭز بار.
تور دۇنياسىدا بۇلىۋاتقان يەنە بىر كۆڭۇلسىز مەسلە، رەھبىرىمىزنى مەلۇم بىر ئاتالغۇنى ئىشلەتتى، شۇنى تىزىملىماقچى بولدى دەپ شۇ رەھبەر بىلەن ئايرىم كۇرۇشۇپ، پىكىرىنى ئېلىپ مەسلىنى چۈشۇنۇپ ھەل قىلماي تور دۇنياسىدا ئۇزىنى قالتىس ئادەم چاغلاپ ۋىدىئو شەكىلدە بايانات ئېلان قىلىپ خەلىق ئارىسىغا كۆڭۇلسىزلىك سالغانلىقى، زىدىيەتنىڭ ئۇرۇقىنى، ئۇيغۇر ئۇچۇن بەدەل تۆلەۋاتقان ئادەمنىڭ يۇز ئابرويىنى چۇشۇرۇشكە، باشقىلارغا يامان كورسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقى ۋە بىلمىگەنلەرنى قايمۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى بولدى. ئاخىردا نىمە بولدى؟ بۇنى پۇرسەت دەپ بىلگەن بەزى بىر خىتاينىڭ 5 مولىرى، بارماقلىرىنى ئىشقا سېلىپ زەھەرلىك ئىنكاسلىرىنى يېزىشتى، رەھبەرلەرنى خائىن، مۇناپىق، ساتقۇن دەپ شالۋاقىلىرىنى ئاقتۇزدى، شۇ ۋىدئىو ئۇلانمىلارنى ھەم بەھىرلىگەن بەزىلەر بىلىپ بىلمەي رەھبەرگە قارشى ئوينالغان پىتنە ئۇيۇنلارغا شىرىك بۇلىۋاتىمىزٜ.
ئەينى زاماندىمۇ رابىيە قادىرغمۇ شۇنداق ئۇيۇنلار بولغان ئىدى.
نىمە ئۈچۈن بىر ئادەم بىر ئىشنى خاتا قىلسا خاتالىقىنى ئۇ يوق يەردە ئاۋام خەلىققە ئەمەس ئۇنىڭ يۈزىگە سېلىپ خاتالىقنى تۈزۈتىشكە پۇرسەت بەرمەيدۇ؟ ۋىدىئو ئېلان قىلغان شۇ كىشى ھەقىقەتەن ئۇيغۇر مەسلىسىگە كۆڭۇل بولسا نىمە ئۇچۇن شۇ رەھبەرگە تېلفۇن قىلىپ سورىمايدۇ؟ ۋىدىئو ئېلان قىلىشىنىڭ سەۋەبى خىتايلاردىكى سېسىتىش ئۇيۇنىمۇ؟ باشقا مىللەتكە ياۋايى دەپ باھا بىردىغان ئۇ ئادەمگە ھۇقۇقنى كىم بەردى؟ سىز كىم؟
تۈنۈگۈن بىر نەچچە قېرىندىشىمىز رەئسكە تېلفۇن قىلىپ بۇ ئىشنى سورىدى، رەئىس ئۇندا ئىش يوق دىدى.
ئۇيغۇر خەلقى تارىختا دۇچ كىلىپ باقمىغان ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا دۇچ كىلىۋاتىدۇ، بىز پۇتۇن ئۇيغۇرلار بىرلىشىپ خىتاينىڭ ھەركىتىگە قارشى تۇرشىمىز كېرەك،بىزگە بۇنىڭدىن باشقا تاللاش يوق. قۇلىمىزدىن نىمە كەلسە شۇنى قىلشىمىز كىرەك. رەھبەرنى قارلايدىغان، ئىش قىلۋاتقاننى قارلايدىغان، ۋىدىئو ئېلان قىلىپ كونا خاماننى سورۇپ ئىش قىلۋاتقان شۇ رەھبەرلەردىن سۇئال سوراپ ئۇلارنى خائىن مۇناپىق دەيدىغان شۇ ئىنسانلار، شۇ كاللا سۇقاشتۇرىمىز دەپ ئۇيۇن ئويناپ ۋىدىئو ئىشلەيدىغان بىچارىلەر، ئىش قىلۋاتقاننى تىللاپ ھاقارەتلەپ، ئۇلارنى يامان كۆرسىتىمىز دەيدىغانلار سىزگە دەيدىغىنىم- سىز بەزى دۆلەتلەرگە ئەمدى يەرلەشكەندە ، سىز ماڭقا ۋاقتىڭىزدا ئۇلارۋەتەندە ئىنقىلاپ باشلاپ 20 نەچچە يىلدىن بىرى ئۇيغۇر ئۈچۈن ئىش قىلۋاتىدۇ، خەلىق ئۇلارنى تۇنۇيدۇ، بىز ئۇلارنى تۇنۇيمىز.ئۇلار سىرتتا، ھەر قايسى دۆلەتلەردە بېرىپ كىلىپ ھەركەت قىلدۇ، سىز پەقەت شۇ ئۈيىڭزدە ئولتۇرۇپ فېيسبۇكتا ۋىدىئو تارقىتىپ ئانچە مۇنچە بېلگەنلىرىڭزنى پەش قىلىپ بىلمىگەنلەرنى ئازدۇرسىز، ئىش قىلغانلارنى خائىن مۇناپىق دەيسىزٜ.سىزنىڭ قۇلىڭىزدىن كىلدىغىنى شۇ. ئۇلار ئائىلىسى بۇيچە بەدەل تۆلەپ ئۇيغۇر ئۈچۈن تىنىمسىز ئىش قىلىپ خائىن بولسا ئۇنداقتا كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرۋېلىپ سۆزلەپ ئۇنى بۇنى تىللاپ ئولتۇردىغان، نەشتىرىڭىزنى سانجىيدىغان سىز نىمە؟ كەينىڭزدە كىم بار؟

خەلقىمىز ئۈچۇن بەدەل تۆلەپ ئىش قىلىۋاتقان شۇ ئەزىزلىرىمىزنى قەدىرلەيلى قېرىنداشلار، بەزى ئىنسانلارنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۋېلىپ كومپىيوتېر ئالدىدا ئۇلارنى خائىن دىسە ئۇلار خائىن بۇلۇپ قالمايدۇ.باشقىلارنى خائىن دەيدىغان شۇنداق ئىنسانلار ئۆزى كىم بۇنى ياخشى بىلشىمىز كىرەك. كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرۋېلىپ باشقىلاغا باھا بىرىدىغان ، ھاقارەتلەيدىغان ئىنسان كىم ، ئۇ نىمە دەۋاتىدۇ گىپىنى ياخشى چۈشىنەيلى قېرىنداشلار. ئۇندالارغا قويدەك ئەگىشىپ كىتىدىغان نادان ئۇيغۇر ئەمدى قالمىدى مەنچە.
ئىش قىلىۋاتقان رەھبەرلەردىن ئايرىلساق دەۋايىمىز يول باشسىز قېلىپ، كىتىپ بارغان ماشىننىڭ رولىنى خىتاي قولىغا ئالىدۇٜ. مىللىتىمىز تولدۇرۇپ بولالمايدىغان زىيانغا دۇچ كىلىدۇٜ. ئۇلارنى تىللىماڭ، ئۇلار نىمە بولسا بولسۇن سىز ۋە بىز ئۇچۇن خەلقارا سەھنىلەردە ئۇيغۇر دەپ تولاۋاتىدۇٜ. تىللىغۇڭىز يازغۇڭىز كەلسە بۇرۇن چىققان مۇناپىقلار، خائىنلار ھەققىدە، ئاتا ئانىڭىزنىڭ، ئايالىڭىزنىڭ، قىز دوستىڭىزنىڭ، ئېرىڭىزنىڭ، ئوغۇل دوستىڭىزنىڭ،بىر قوساق قېرىندىشىڭىزنىڭ پاسپورتىنى قانۇنسىز يىغۋالغان جاللات چوشقا چىن چۈەنگو ھەققىدە سىز بىلدىغان چەتئەل تىلىدا يېزىڭٜ. ۋەتەندىكى بۇلىۋاتقان ئىشلارنى سىز بىلگەن تىلدا يېزىپ تارقىتىڭ، ۋىدىئوقىلىپ ئىشلەڭ، ۋىدىئودا شۇنى چەتئەلچە سۆزلەڭ. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرنى بۆلمەڭٜ. خەلق دۆت ئەمەس، بىر كۈنى بىلىپ بىلمەي قىلغان بۆلگۇنچىلىكىڭىز پاش بولسا سىز باشقىلارغا ئىشلەتكەن خائىن دىگەن نام سىزگە قايتىپ كىلشى مۇمكىن.
بارلىق سۈيۈملۈك شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلارغا ئامان ئىسەنلىك يار بولسۇن.

كۆك
2018- يىلى 1- ماي