ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم: تۈركىستان ۋاقتى بېتىگە خوش كەپسىز
بۇرھان شەھىدىنىڭ ئاقسۇ كوچىلىرىغا ئېسىلغان سۈرىتىنىڭ كەينىدە نېمە ئويۇن بار؟

يېقىندا ئاقسۇ شەھىرىنىڭ كوچىلىرىغا بۇرھان شەھىدىنىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتى ئېسىلىپ، خىتاي «ئىنقىلابىي قۇربان» لىرىدىن لېي فېڭ، خۋاڭ جىگۋاڭ قاتارلىقلارنىڭ رەسىمى بىلەن بىللە تەشۋىق قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئاقسۇ كوچىلىرىدىكى يۈزلەرچە ستۇلبىلارغا ئېسىلغان بۇرھان شەھىدىنىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتى بىلەن بىللە ئۇنىڭ مۇنداق بىر جۈملە سۆزى ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە ئىككى خىل تىل، يېزىقتا تەشۋىقات تاختىسىدىن ئورۇن ئالغان: «شىنجاڭ ئىككى مىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان جۇڭگونىڭ بىر تەركىبىي قىسمى ئىدى».

ئۇنداقتا، خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدا سىياسىي ۋەزىيەت جىددىيلەشكەن، رايوندىكى يەرلىك خەلق ئۇيغۇرلار بىلەن كۆچمەن خىتايلارنىڭ مۇناسىۋىتىدە كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان ھاڭ پەيدا بولغان بۈگۈنكى كۈندە بۇرھان شەھىدىنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ؟ دائىرىلەر نېمە ئۈچۈن ئاقسۇنى بۇرھان شەھىدىنىڭ ئوبرازىنى تىكلەشتىكى مۇھىم رايون قىلىپ تاللايدۇ؟ 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى سىرلىق شەخس بۇرھان شەھىدىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئېيتىمى ئۈچۈن ۋەزخانلىق قىلىشقا قانداق سالاھىيىتى بار؟

ھازىرغىچە مەلۇم بولغان مەنبەلەر ۋە ئەسلىمىلەردە، ھەتتا بۇرھان شەھىدىنىڭ ئۆزى ھەققىدە يازغان بىئوگرافىك ئەسلىمىسىدىمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئەمەس، بەلكى رۇسىيەنىڭ قازان ئۆلكىسى (ھازىرقى تاتارىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى) نىڭ تېتىش ناھىيىسى تەۋەسىدىكى ئاقسۇ يېزىسىدا تۇغۇلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

بۇرھان شەھىدىنىڭ زامانداشلىرىدىن مەرھۇم خېۋىر ئۆمۈرنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، بۇرھان 1940-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ئورنىغا دەسمايە ھازىرلاش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ «يۇرت» كىملىكىگە ئېھتىياجى چۈشىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇ ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يۇرتىنى تاتارىستاندىكى «ئاقسۇ» دېگەن يېزىدىن تارىم بويىدىكى ئاقسۇغا ئۆزگەرتىدۇ. ئاندىن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ مەنچىڭ خانىدانلىقى زامانىسىدە تارىم بويىدىكى ئاقسۇدىن رۇسىيەنىڭ قازان ئۆلكىسىدىكى تېتىش ناھىيەسىگە كۆچۈپ، بۇ يەردە يۇرتىنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن «ئاقسۇ» دېگەن كەنتنى بەرپا قىلغانلىقىدەك رىۋايەتنى قۇراشتۇرۇپ چىقىدۇ.

تاتارىستان ئالىملىرىدىن ئاكادېمىك مىرقاسىم ئوسمانوف ۋە رېنات مىنگالىيېف قاتارلىقلار بۇرھان شەھىدىنىڭ يۇرتى ھەققىدە توختىلىپ، تاتارىستاننىڭ تېتىش ناھىيەسىدىكى ئاقسۇ يېزىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاقسۇ شەھىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى، بۇنىڭ پەقەتلا بۇرھان شەھىدىنىڭ ئاساسسىز توقۇلمىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

تاتار تارىخچىلىرى يەنە 20-ئەسىردىكى شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا تاتارىستاننىڭ تېتىش ناھىيىسىدە تۇغۇلغان ئىككى نەپەر تاتارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەنپەئەتى ۋە ئازادلىق ئىنقىلابىغا ئېغىر زىيان سالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۇنىڭ بىرى، گېنېرال ئادى مالىكوف، ئۇ ستالىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن 1934-يىلىنىڭ باشلىرىدا سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنى باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىغا كىرگەن. ئۇنىڭ قوماندانلىقىدىكى بىرقانچە پولك سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى شېڭ شىسەينىڭ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يەرلىك قوزغىلاڭچىلىرىنى قانلىق باستۇرغان ھەمدە خوجانىياز ھاجىنى شېڭ شىسەي بىلەن بىرلىشىپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشقا مەجبۇرلىغان. يەنە بىرى، بۇرھان شەھىدى، ئۇ گومىنداڭ دەۋرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنى خىتاي كومپارتىيەسىگە قوش قوللاپ تاپشۇرۇپ بەرگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇرھان شەھىدى ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان تاتارىستان ۋە رۇسىيە ئاپتورلىرى بىردەك ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ تاتار ئىكەنلىكىنى، تاتارىستاندىكى ئاقسۇ يېزىسىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن باغلىنىشى يوقلۇقىنى تەكىتلەيدۇ.

تاتار تارىخچىسى يۇلدۇز خېلىيۇللىن تاتارىستاندا رۇس تىلىدا چىقىدىغان «تاتار دۇنياسى» ژۇرنىلىدا بۇرھان شەھىدى ھەققىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىدۇ. ئۇ ماقالىسىدە غۇلجىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، كېيىن تاتارىستانغا كېتىپ ئاكادېمىك بولغان مىرقاسىم ئوسمانوفنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇرھان شەھىدىنىڭ كېلىپ چىقىشى تاتار، ئۇنىڭ مىللىتىنى ‹ئۇيغۇر› غا ئۆزگەرتىشى 1949-يىلىدىن كېيىنكى خىتاي سىياسىتىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان توقۇلمىدۇر.»

قازان فېدېرال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تاتار تارىخچىسى رېنات مىنگالىيېف 2011-يىلى رۇس تىلىدا «بۇرھان شەھىدى ۋە ئۇنىڭ تارىختىكى ئىزلىرى» ناملىق كىتاب نەشر قىلدۇرغان. ئۇ مەزكۇر كىتابىدا بۇرھان شەھىدىنىڭ «ئۇيغۇر» لۇق كىملىكىنىڭ توقۇلما ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. ئۇ يەنە بۇرھان شەھىدىنىڭ تاتارلىق نەسەپنامىسىنى ئېنىقلىغان ھەمدە ئۇنىڭ تاتارىستاننىڭ ئاقسۇ يېزىسىدا تۇغۇلغانلىقىنى ۋە ئۆزى بىلەن تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى شەرھلىگەن.

ھەتتا تاتارىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېتىدىمۇ بۇرھان شەھىدىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنى خىتايدىكى تاتارلارنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىم دۆلەت ئەربابى دەپ تەرىپلىگەن.

1946-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1948-يىلىنىڭ ياز مەزگىلىگىچە گومىنداڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان سۇڭ شىليەن ئۆز ئەسلىمىسىدە مۇنۇلارنى تەكىتلەيدۇ: «بۇرھان شەھىدى 1949-يىلى 1-ئايدا شىنجاڭ ئۆلكىسىگە رەئىس بولۇشتىن ئىلگىرى، بولۇپمۇ كومپارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ، ئۇنى داۋاملىق شىنجاڭ ئۆلكىسىگە رەئىس قىلىپ تەيىنلەشتىن ئىلگىرى ئۇ ئۆزىنى ‹ئۇيغۇر› دەپ باقمىغان ئىدى. ئەمما كېيىنچە ئۇنىڭ مىللىتىنىڭ بىردىنلا ‹ئۇيغۇر› غا ئۆزگىرىپ قالغانلىقى ۋە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ نەچچە يۈز يىلنىڭ ئالدىدا ئاقسۇدىن رۇسىيەگە كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ ھەيران بولدۇق.»

مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچىلار 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى سىرلىق شەخس بۇرھان شەھىدىنىڭ تىرىكىلا ئەمەس، بەلكى ئەرۋاھىنىڭمۇ بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن داۋاملىق لازىمى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇلار، بۇرھان شەھىدىنىڭ ئاقسۇ كوچىلىرىغا ئېسىلغان سۈرىتىنىڭ كەينىگە خىتاي ئىستراتېگىيەچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆزلىگەن بىر سىياسىي غەرىزى يوشۇرۇنغان. ئۇ بولسىمۇ، بۇرھان شەھىدىنىڭ رۇسىيەلىك تاتار ئەمەس، بەلكى ئاقسۇلۇق ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ سىياسىي ئوبرازىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى داۋاملىق ئىدارە قىلىشىدا مۇھىم دەسمايە بولىدىغانلىقىنى ياساپ كۆرسىتىشتۇر، دەپ قارىماقتا.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى 

مۇخبىر قۇتلان

ئىنكاسلار
ئىسىم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش نومۇرى: