20- ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئۆچمەس ئىز _ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

ئىز

ياش ئىدۇق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،

ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز.

 

ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز،

ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.

 

قالدى ئىز چۆللەر ئارا گاھى داۋانلاردا يەنە،

قالدى نى – نى ئارسلانلار دەشتى – چۆلدە قەۋرىسىز.

 

قەۋرىسىز قالدى دېمەڭ يۇلغۇن قىزارغان دالىدا،

گۈل چېچەككە پۈركىنۇر تاڭلا باھاردا قەۋرىمىز.

 

قالدى ئىز، قالدى مەنزىل، قالدى ئۇزاقتا ھەممىسى،

چىقسا بوران، كۆچسە قۇملار ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز.

 

توختىماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئۇرۇق،

تاپقۇسى ھېچ بولمىسا بۇ ئىزنى بىر كۈن نەۋرىمىز، يا ئەۋرىمىز.

 

_ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرى

 

كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخى ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى ياراتقان مەشھۇر ئالىم، تالانتلىق شائىر يازغۇچى، تارىخچى ۋە تىلشۇناس ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئەدىبلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923– يىلى قۇمۇلدا ئوتتۇرا ھال تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى تىلەش بېگىم ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئابدۇرېھىمنى ئۆزىنىڭ سودىگەر دوستى ئوسمان ھاجىمغا بېرىۋەتكەن. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۆيدە ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن، دىنى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن. 1934– يىلى ئوسمان ھاجىم بىلەن بىللە ئۇچتۇرپانغا كۆچۈپ بېرىپ، شۇ يەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن. 1936– يىلى ئۈرۈمچى بىرىنچى گىمنازىيىدە ئۈچ يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1939– يىلى شىنجاڭ دارىلفۇنۇنغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1942– يىلى بۇ مەكتەپنىڭ پېداگوگىكا فاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. 1944– گومىنداڭ تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلىنىپ، 1945– يىلى چىققان. 1945- يىلىدىن كېيىن خېلى يىللارغىچە تەرجىمانلىق، تەتقىقات ۋە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئون يىللىق «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەپ ئاتالغان قارا يىللاردا مەتبۇئات ھوقۇقى چەكلەنگەن.  1970- يىللاردىن باشلاپ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1995–يىلى 10- ئاينىڭ 5- كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.

20- ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان داڭلىق ئەدىب، شۇنداقلا، ئۆزىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى، مول بىلىمى، قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ھۆرمەت ساھىبى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق ئىجادىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپىلەرنى قوشقان. «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»، «قەشقەر قىزى»، «ياخشى»، «مەن ئاق بايراق ئەمەس» قاتارلىق شېئىرلارنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ شېئىرىي تالانتىنى نامايەن قىلغان بولسا، «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» دىن ئىبارەت تارىخ تېمىسىدىكى رومانلىرى ئارقىلىق تارىخىي رومانچىلىقنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى ياراتقان. كۆپلىگەن ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتىنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرگەن. ئۇ يېرىم ئەسىردىن ئارتۇقراق داۋاملاشقان ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىدا ئەدەبىياتنىڭ ھەممە ژانىرلىرىدا دېگۈدەك قەلەم تەۋرىتىپ، بىر مۇنچە مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئىجادىيىتىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشىپ، خەلقىمىزگە ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا، گۈللىنىشىگە قوشقان تۆھپىسى ئاز ئەمەس.

ئۇ يەنە تۈرك – ئىسلام تارىخىدا مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدىغان كىلاسسىك ئەسەرلەردىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»(بەخىت كەلتۈرگۈچى بىلىم) ۋە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»(تۈركىي تىللار دىۋانى) قاتارلىقلارنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئويىغان.

ۋاپاتىغا 20 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستان ئىچى –  سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ھەر خىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ ئۇنى خاتىرىلىمەكتە. 18- دېكابېر تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېىتدا  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقى ۋە تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف تەۋەللۇتىنىڭ 85 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدن كەلگەن ئۇيغۇر ۋە تۈرك ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى ھەققىدە تەييارلىغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى سۇندى.

تۈركىستان ۋاقتى خەۋىرى