ئىلھام توختىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

ئىلھام توختى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيتىدە ئەڭ تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى. ئۆتكەن يىگىرمە يىلدا، ئۇ ئىزچىل ئۇيغۇرلار ئۈستىدە داۋاملىشىۋاتقان دىنى، مەدەنىيەت ۋە سىياسىي باستۇرۇش مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا دىئالوگ ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئۇيغۇرلار تۈركىي تىللىق مۇسۇلمان مىللەت بولۇپ، ئاساسلىقى خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شەرقىي تۈركىستان)دا ئولتۇراقلاشقان. بۇنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە، ئۇ 2014- يىلى سېنتەبىردە شەكىلگە ئېچىلغان ئىككى كۈنلۈك سوتتىن كېيىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. گەرچە ئۇ بۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئېغىر بېسىق ۋە تىنچلىق بىلەن يارىشىشىنى خالايدىغان بىر ئاۋازنى ساقلاپ قالدى.

ئىلھام توختى 1969- يىلى شىنجاڭنىڭ ئاتۇشتا توغۇلغان، 1985- يىلى بېيجىڭدا ھازىرقى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇشنى باشلىغان، ئەينى ۋاقتتا بۇ بىر ئىنىستىتۇت بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت تەتقىقاتى بىلەن تونۇلغان.  كۆپ يىللىق ئەلا ئوقۇش ۋە تەتقىقاتتىن كېيىن، ئۇ بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا ئايلانغان ھەمدە شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئالاقىدار ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر مۇتەخەسىسى بولۇپ تونۇلغان. بىر ئىلىم ئەھلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئىزچىل شىنجاڭدىكى مەسىلىلەر ۋە تاجاۋۇزچىلىقلارغا سەمىمىي مۇئامىلىدە بولغان، ئۇنىڭ خىزمەتلىرى 1994- يىلىدىن باشلاپلا دائىرىلەرنىڭ تەكشۈرۈشىگە ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. 1999- يىلىدىن 2003- يىلىغىچە ئۇ دەرس ئۆتۈشتىن چەكلەنگەن. 1999- يىلىدىن كېيىن، دائىرىلەر يەنە ئۇنىڭغا نورمال ئورۇنلاردا ئەسەر ئېلان قىلىش ئىمكانىيىتى بەرمىگەن.

ئۇيغۇرلار ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى خىتايلارغا تېخىمۇ كەڭ تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئىلھام توختى ئىنتېرنېتتىن پايدىلانغان. ئىلھام  2006- يىلى خىتايچە يېزىقتىكى ئۇيغۇر بىز تورى(Uyghurbiz.net)نى قۇرۇپ چىققان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا دىئالوگ ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان. بۇ تور مەجۇت بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە قەرەللىك ھالدا تاقىۋېتىلگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەسەر يازغان كىشىلەر ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغان.

ئىلھام توختى بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرغان ھەمدە خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، خىتاي دۆلىتىنى سۈكۈتنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىزدىگەن. ئەمەلىيەتتە خىتايغا ئەۋەتىلگەن چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ قەرەللىك ھالدا بۇ تورغا ئىلتىجا قىلىشى ۋە ئىلھام توختى بىلەن شىنجاڭدىكى ۋەقەلەر ھەققىدە پاراڭلىشىشى دائىرىلەرنىڭ ئىلھام توختىنىڭ پائالىيەتلىرىگە بولغان نارازىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. 

2009- يىلى، خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشىغا قارىتا، ئىلھام توختى نامايىش جەرياندا ۋە نامايىشتىن كېيىن قولغا ئېلىنغان، ئۆلتۈرۈلگەن ۋە "يوقاپ كەتكەن" ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئۇچۇر تارقاتتى. نەتىجىدە ئىلھام توختى بىر نەچچە ھەپتە قاماپ قويۇلدى. كېيىنكى يىللاردا ئۇ قەرەللىك ھالدا ئۆيىدە نەزەربەنت قىلىندى. 2013- يىلىنىڭ بېشىدا ئىلھام توختى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەركىزى ياۋرۇئاسىيا تەتقىقات بۆلۈمىگە زىيارەتچى ئالىم سۈپىتىدە بېرىش ئامېرىكا سەپىرىگە چىققاندا ئايرودرومدا قولغا ئېلىندى ۋە خىتايدىن ئايرىلىشى چەكلەندى.

ئىلھام توختى ئاخىرقى قېتىم 2014- يىلى 15- يانۋار قولغا ئېلىندى. ئۇ كېيىن بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەندى ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. پۈتكۈل جەرياندا ئىلھام توختىنى قوللاش ھەمدە ئۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قولىدا ئۇچرىغان مۇئامىلىسىگە ۋە قانۇن سىستېمىسىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش دولقۇنى شەكىللەندى. ئۇنىڭ سوتلىنىشى ۋە ھۆكۈم ئېلان قىلىنىشىغا قارىتا ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە غەرب ھۆكۈمەتلىرىدىن نۇرغۇنلىغان ئەيىبلەش باياناتلىرى كەلدى. ئۇ 2014- يىلى مايدا ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ باربارا گولدسىمىس "يېزىش ئەركىنلىكى" مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2016- يىلى يانۋاردا، يۈزلىگەن مۇتەخەسىس خىتاي رەھبەرلىرىدىن ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

مەنبە: خىتاي ئۆزگىرىش(China Change)، 2016- يىلى 7- فېۋرال