نوپۇس تارقىلىشى ۋە ئىقتىساد(1)

نوپۇس تارقىلىشى ۋە ئىقتىساد

تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، 2013-2014 يىللىرىدىكى ۋەقەلەرنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى قەشقەر، ئاقسۇ ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدە يۈز بەرگەن. قەشقەر ۋىلايتىىدە، ھەر قانداق بىر ۋەقەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىۋېتىلىش ئېھتىماللىقى 1:2 نىسبەت بوىيچە بولغان. قەشقەر، ئاقسۇ ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدىكى نوپۇسنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ئاسەسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. 2012- يىلىدىكى نوپۇس سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئومۇمىي نوپۇس ئىچىدىكى پىرسەنت بويىچە سېلىشتۇرغاندا، تۇرپان ۋىلايىتىدىن باشقا ھەر قايسى ۋىلايەتلەرگە قارىغاندا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ ۋىلايەتتە ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى(جەدۋەل 12 گە قاراڭ).(37)  تۆۋەندىكى ئانالىزلاردا، قەشقەر، ئاقسۇ ۋە خوتەن ئۈچ ۋىلايەتنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئىسقتىسادىي شارائىت ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى نوپۇس تەركىبىنىڭ ئۆزگىرىش يۆزلىنىشىنىڭ بۇ رايوندىكى كۈنسايىن كەسكىنلىشىۋاتقان ۋەزىيەتكە بولغان تەسىرى بايان قىلىپ بېرىلىدۇ.

 

2004- يىلى «شەرق غەرب مەركىزى» (East-West Center) ئېلان قىلغان مەخسۇس تېمىلىق ماقالىدە، نوپۇسشۇناس ستەنلى تۇپس(Stanley Toops) مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللارنىڭ بىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشىنىڭ ئىزچىل ئېشىشى ئىكەنلىكى ھەققىدە توخالغاندا، «بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىدىكى رەھبەرلىك ئىزچىل ھالدا خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئىلھام بېرىشنى بۇ رايوننىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىشتىكى سىياسەت سۈپىتىدە قوللاندى. لېكىن تېخىمۇ كۆپ كۆچمەن پەقەتلا كەمچىل بولغان زېمىن ۋە باشقا بايلىقلارغا بولغان رىقابەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھېسسىياتى تېخىمۇ ئۆرلەيدۇ.»(38)

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بىر رايوننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان، ھەممە ئىش باراۋەر بولغان ۋاقتتا، كۆچۈش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ، بۇ خىل كۆچمەنلەر ياخشى رايونلارغا قاراپ ئاقىدۇ. يەنە بىر خىل كۆچمەنلەر بولسا تەرەققىياتى تۆۋەن رايونلارغا يۈزلەنگەن بولىدۇ، پەقەت بۇ رايونلار بايلىققا ئىگە دەپ قارالغاندا ياكى تەرەققىيات پۇرسىتى بولغان چېگرا رايونلار بولغاندا ئاندىن بۇخىل ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.»

تۇپس ئۆزىنىڭ مەخسۇس ماقالىسىنى يېزىۋاتقاندا، خىتاينىڭ غەربىي رايونلارنى ئېچىشنى دۆلەت سىياسىتى قىلىپ بېكىتكەنلىكىگە ئاللىبۇرۇن تۆت يىل بولغان ئىدى. ئېنىقكى، غەربىي رايونلارنى ئېچىشنىڭ مەقسىتى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، چۈنكى خىتاينىڭ شەرقىي قىسىملىرى ئېكسپورت ئىقتىسادىنىڭ قوزغىتىشى سەۋەبلىك تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.(40) شەرقىي تۈركىستاندا، بۇ رايوندىكى مەبلەغ ئاساسلىقى قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۈرۇرۇش ۋە نىفىت، تەبئىي گاز قاتارلىق تەبئىي بايلىقلارنى ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن، بۇ ئارقىلىق شەرقىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى قوللىغان. (41)  تۇپىسنىڭ 2004- يىلىدىكى ئانالىزىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشكە مەجبۇرلىشى ئاساسەن ئۆتمۈشكە ئايلانغان، غەربنى ئېچىش سىياسىتى جەريانىدا يولغا قويۇلغان  «قىزىقتۇرۇش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش» ئۇنىڭ ئورنىنى ئالغان.(42)

ئانالىزچى جونى سىمىس فىنلى(Joanne Smith Finley)نىڭ 2013- يىلىدىكى «سموۋۇللۇق قارشىلىق سەنئىتى: زامانىمىزدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ سالاھىيىتى ۋە ئۇيغۇر - خىتاي مۇناسىۋىتى» ناملىق كىتابىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نىكولاس بىكۇلىن(Nicholas Bequelin) ئاپتورنىڭ خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچمەن بولۇشىغا قارىتا باھاسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

1990- يىللاردا «تەڭپۇڭلۇق ئۆزگىرىشىنى نېمە كەلتۈرۈپ چىقارغان» دەپ يازىدۇ سىمىس فىنلى، «ئاساسەن خىتايلارنى شىنجاڭغا كۆچتۈرۈشتەك كېسەل سىياسەتتىن ئىبارەت بىرلا مەنبەدىن كەلگەن» نەتىجىدە «ئۇيغۇرلار تەدرىجىي كۈچىيىۋاتقان تىل، مائارىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەڭسىزلىك، بايلىقلارنى تېز سۈرئەتتە ئېچىش سەۋەبلىك مۇھىتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىىش، سىياسىي رايىنى ئىپادىلەيدىغان يەرلىك ۋەكىللەرنىڭ كەم بولۇشى قاتارلىقلارغا دۇچ كەلگەن.» ئاپتور مۇنداق دەيدۇ: «تەرەققىيات باراۋەرلىكىنى يوقىتىۋەتسە بۇ زىددىيەتكە تەڭ بولىدۇ» بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.(43)

2000- يىلىدىن 2009- يىلىغىچە بولغان غەربنى ئېچىشتا، تەبئىي بايلىقلارنى ئېچىشنى مەركەز قىلغان سىياسەت، ئەسلىدىنلا بار بولغان جەنۇب – شىمال ئىقتىسادىي پەرقىنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى. بۇ رايوننىڭ تەبئىي بايلىقلىرى ئاساسەن شىمالىي قىسىمدىكى قاراماي، بايىغۇلىن قاتارلىقلار بىر نەچچە ۋىلايەت دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونغا تارقالغان. نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن خىتايلار، 2000- يىللاردىكى ھۆكۈمەتنىڭ تەبئىي بايلىقلارنى ئېچىش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلاندى.

ئىزاھات: (37) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسى (2013).

(38) Stanley Toops (2004). شىنجاڭنىڭ 1949- يىلىدىن بۇيانى نوپۇس تارقىلىشى ۋە تەرەققىياتى. مەنبە: http://www.eastwestcenter.org/publications/demographics-and-development-xinjiang-after-1949 .

(39) ) Stanley Toops (2004). شىنجاڭنىڭ 1949- يىلىدىن بۇيانى نوپۇس تارقىلىشى ۋە تەرەققىياتى. مەنبە: http://www.eastwestcenter.org/publications/demographics-and-development-xinjiang-after-1949 .

(40) Lin, Wuu-Long and Chen, Thomas P. (2004). خىتاينىڭ چوڭىيىۋاتقان ئىقتىسادىي پەرقى ۋە ئۇنىڭ 'غەربنى ئېچىش قۇرۇلۇشى'. خىتاي ھازىرقى زامان ژورنىلى. 13، 41 ۋە 663-686 بەتلەر.

(41)  Ildikó Bellér-Hann، KU. (2012- يىلى 30- مارت). شىنجاڭدىكى زوراۋانلىق: ئىچكى قاتلامدىكى مەسىلىلەرنىڭ ئاشكارىلىنىشى؟ شەرقىي ئاسىيا مۇنبىرى. مەنبە: http://www.eastasiaforum.org/2012/03/30/ .

(42) Toops (2004). شىنجاڭنىڭ 1949- يىلىدىن بۇيانى نوپۇس تارقىلىشى ۋە تەرەققىياتى. مەنبە: http://www.eastwestcenter.org/publications/demographics-and-development-xinjiang-after-1949 .

(43) Bequelin, Nicholas. (2014). كىتاب باھالاش: سموۋۇللۇق قارشىلىق سەنئىتى: زامانىمىزدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ سالاھىيىتى ۋە ئۇيغۇر - خىتاي مۇناسىۋىتى. خىتاي پەسىللىك ژورنىلى. 220، 1158-1159 بەتلەر.