ئۇيغۇرلار ھەققىدە فىلىم ئىشلىگەن رۇھى چەنەت خىتايغا ماڭدى

تۈركىيەدە تۆت مىليوندىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بولغان رۇھى چەنەت ئىككى كۈن بۇرۇن ئىلان قىلغان بىر ۋىدېئودا، كورونا ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خىتايغا ماڭغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئۆزىدىن تۆت كۈنگىچە خەۋەر بولمىسا ئەلچىخانا ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن 30- يانۋار ئىستانبۇل ئايرودرومىدا ئىلان قىلغان ۋىدېئوسىدا، توردىن بۇ ۋىرۇس ئارقىلىق بەزى ئۇچۇرلارنى ئىگەللىگەنلىكىنى، لېكىن خىتاينىڭ يەنىلا كۆپ ئىشلارنى يۇشۇرۇپ قالىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مەلۇمات ئىگەللەش ئۈچۈن خىتايغا زىيارەتكە بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇھى چەنەت بۇندىن بۇرۇن خىتاي زۇلمى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر فىلىم ئىشلىگەن ئىدى. ئۇ بۇ سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئەگەر تۆت كۈنگىچە خەۋىرى بولمىسا ئەلچىخانا ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلىشنى ئېيتتى.

رۇھى چەنەتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلىگەن فىلىمى.