غۇلجا قەتلىئامىنىڭ 23 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدا خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا «شېھىتلەر كېچىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

1997- يىلى 5- فېۋرال كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە خىتاي ئىشغالچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان قانلىق قىرغىنچىلىقنىڭ 23 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستان شېھىتلەر كېچىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. 

5- فېۋرال چارشەنبە كۈنى كەچ ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان مىڭلىغان ئۇيغۇر بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە قېرىنداش مىللەتلەر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، «يېڭىدىن رەفاھ پارتىيىسى» ۋە «ئالپەرەن ئوجاكلىرى» قاتارلىق تۈرك سىياسىي پارتىيە ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى. 

پائالىيەتتە، تەشكىلات ۋەكىللىرى، دىنىي ئالىملار ۋە زىيالىيلارنىڭ نوتۇق ۋە ۋەز - نەسىھەتلىرى بىلەن بىرگە، ئۆسمۈرلەرنىڭ تۈرلۈك نومۇرلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

پائالىيەتنىڭ نەخ مەيدان تارقىتىلىشىنى بۇ ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:

https://www.facebook.com/istiqlallTV/videos/3155585801142488/?t=5081 

ئەنقەرەدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى ئۇلۇس مەيدانىدا غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ۋە ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 

نامايىشقا، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بىرگە، «ئىيى پارتىيە» قاتارلىق تۈرك سىياسىي پارتىيەلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى. 

ankara-da-cin-protestosu-12888437_o

2020- يىلى 5- فېۋرال