ۋۇخەن ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى ۋە ئۇنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى تەسىرى ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلار

ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى تىپلىق تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى نۆەتتە خىتايدىن باشقا 20 دىن ئارتۇق دۆلەتتە بايقالدى. خىتاي ئىلان قىلغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستاندىمۇ بۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 40 قا يېقىنلاشقان، خىتايدا بولسا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر سانى 563 كە يەتكەن. بۇ سانلار تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا. 

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ خىل ۋىرسۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگىرىغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇرغا ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپى مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزنى ئەندىشىگە سالماقتا. 

تۆۋەندە دوختۇر مەمەت ئىمىن ۋە دوكتۇر ئەركىن سىدىقنىڭ بۇ خىل ۋىرۇس ۋە ۋەتىنىمىزدىكى تەسىرى ھەققىدە ئۆز سەھىپىلىرىدە ئىلان قىلغان ۋىدېئولىرى بېرىلدى. ئۇلارنىڭ قاناللىرىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارغا ئېرىشەلەيمىز. 

ئەركىن سىدىق: ۋەتەن ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلار (33)

 

مەمەت ئىمىن: 

ساغلام بولۇڭ 8: ۋۇخەن ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭدىن قانداق ساقلىنىش

ساغلام بولۇڭ 12: ۋۇخەن ئۆپكە ياللۇغىنىڭ كىسەل ئالامەتلىرى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش

  2020- يىلى 7- فېۋرال