ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىمنىڭ 2015- يىللىرى چۈشكەن رەسىمى.
ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇم ھاجىم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنى پىشىۋاسى، ھارماس، قەھرىمان ئۇستازى بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەزىمەتلىرىنى خارلاپ يوق قىلىش مەخسىتىدە 2017- يىلىنىڭ ئاخىرلىرى 5- قېتىم تۇرمىغا قاماپ، ئۆلتۈرۈپ 6 ئايدىن كېيىن لاگىردىكى ئائىلە تاۋاباتىغا جەسىتىنىمۇ بەرمەستىن بىر قانچە ئاي بورۇن تۈرمىدە شېھىت بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
مەخسۇم ھاجىم 1930-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قارقاش ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن، تارىختىن بىرى دىنىي ئائىلىدە تەربىيەلىنىپ يىتىلگەن، كىچىكىدىنلا دىنىي بىلىم ئىگەللەش بىلەن ئۆتكەن، 1959-يىلدىن 1958-يىلىغىچە قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان. شۇ ۋاقىتتىن بىرى خىتاي زىندانلىرىغا مەھكۇم بولۇپ، ھاياتىدا 4 قېتىم تۇرمىغا تاشلانغان. گەرچە مەخسۇم ھاجىمنىڭ ھاياتى بورۇن تەپسىلى يېزىلغان بولسىمۇ ختاي زالىملىرىنىڭ مەخسۇم ھاجىمنى بىگۇنا ھالدا زاندا ۋەھشىلەرچە ھېھىت قىلىۋەتكەنلىكىنىڭ پاكىتىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاش مەخسىتىدە تۆۋەندە ئاخىرقى قېتىم 74 يېشىدا 5 يىل زىندانغا تاشلانغان زالىمانە ھۆكۈمنامىسىنىڭ ئارگىنالىنى ئەينەن ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلىمىز.
ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىمنىڭ 2001- يىللىرى تارتىلغان رەسىمى.
خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى
(2004) خ ج 1 د 13- نۇمۇرلۇق
ئەيىپلىگۈچى ئورگان: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خوتەن شۆبىسى
جاۋاپكار ئابلەت بارات، ئەر، ئۇيغۇر، 70 ياش، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى دىھقان، ئولتۇرقى خوتەن شەھەر ئىلچى يېزا شامالباغ كەنتە 1- مەھەللە 55-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، 1958- يىلى 10- ئايدا خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىمىز تەرىپىدىن ئەكسىلئقنقىلاۋى جىنايەت بىلەن مۇددەتلىك 12 يىللىق جازاسى بىرىلگەن.
1983-يىلى 4- ئايدا خوتەن ئوتتۇرا سوت مەھكىمىمىز تەرىپىدىن گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان. مەزكۇر ئەنزە ئۈچۈن 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلۇپ، 1- ئاينىڭ 21- كۈنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان. ھازىر خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ سۇلاقخانىسىدا قاماقتا.
ئاقلىغۇچى: ئوسمان مۇھەممەت، شىنجاڭ يىپەك شەھرى ئادۇكاتلىق ئىشلىرى ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى.
خوتەن ۋەلايەتلىك شۆبە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2004-يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈنى (2004) 11- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەشنامە ئارقىلىق جاۋاپكار ئابلەت باراتنى دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتىراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە كىڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇچۇق سوت قىلدى، خوتەن ۋىلايەتلىك شۆبە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەۋەتكەن تەپتىش ئىلى ئابلىمىت، مەمەتجان قاسىملار سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى. جاۋاپكار ئابلەت بارات ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى ئوسمان مۇھەممەت سوتقا كىلىپ داۋاغا قاتناشتى، سوتتا گۇۋاچىلار گۇۋالىق قىلدى ۋە گۇۋاچىلارنىڭ گۇۋالىغى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. بۇ دىلو سوت قىلىنىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى.
تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلەشنامىسىدا: 1) جاۋاپكار ئابلەت بارات 1998- يىلى قانۇنسىز دىن ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىدىغان دەرس سۆزلەش پىروگراممىسى تۈزۈپ چىققان، 2002- يىلى 11- ئايدىن باشلاپ ئۆز ئۆيىدە قۇتراتقۇلۇق قىلىش مەخسىتىدە (تەپسىرى جالالەين) دىگەن ئەرەبچە كىتاپنى تەرجىمە قىلىپ سۆزلەش جەريانىدا جىھات قىلىش تەرغىپ قىلىنغان سۆزلەرنى سۆزلەپ جەمئى 35 دانە ئۈن ئالغۇ لىنتىسى چىقارغان.
2) جاۋاپكار ئابلەت بارات 1989- يىلىدىن 2003- يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراقۇلۇق قىلىش مەخسىتىدە ئۆزى ئاۋاز بىرىپ سۆزلىگەن ئەكسىيەتچىل مەزمۇندىكى 9 دانە ئۈنئالغۇ لىنتىسىنى كۆچۈرۈپ بىلىقىز خان، ئابلەت مەمىتىمىن، مەتتۇرسۇن مەتسەيدى قاتارلىقلارغا تارقىتىپ قۇتراتقۇلۇق قىلغان ۋە ئەكسىيەتچىل مەزمۇندىكى «كەلگۈسىدىكى ئىسلام» قاتارلىق 33 پارچە كىتاپنى ئۆز ئۆيىدە ساقلىغان.
جاۋاپكار ئابلەت بارات 2004- يىلى 1- ئاينىڭ 2- كۈنى ئەتتىگەن سائەت 8 دە ئوبۇلخەيرىنىڭ ئۆيىدە 9 نەپەر ئادەمنى يىغىپ قانۇنسىز دىنى پائالىيىەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندا نەخ مەيداندا تۇتۇلغان، جاۋاپكارنىڭ قىلمىشىدىن دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ دەپ بىكىتىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 103- ماددا 2- تارمىغىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جازا بىرىشىمىز ئۈچۈن ئەيىپلىگەن.
جاۋاپكار ئابلەت بارات سوتتا ئۆزىنى ئاقلاپ «مەندە جىنايەت بار، مەن بۇرۇن جازالانغاندا قاتتىق ئادەم بولۇپ چىققان، ئۆزەمنىڭ دىنغا بولغان قىزىقىشىم بىلەن قۇرئاننى ئوقۇسا ساۋاپ بولىدۇ دېگەن قاراش بىلەن قۇرئاندىكى بار سۆزلەرنى قىلىپ ساپتىمەن، مىنىڭ كاللامدا دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان مەخسەت يوق، مەن باللىرىمغىمۇ ياخشى ئادەم بولۇش، يامان ئادەم بولماسلىق توغرىسىدا جىق سۆزلەيتتىم، مەن قېرىپ قالغان بولغاچقا باللىرىمنىڭ تەلىۋى بويىچە ئۆلۈپ قالسام باللىرىم ئاۋازىمنى ئاڭلا دەپ سۆزۈمنى دەيگە ئېلىپ ساپتىمەن، مەن ئۇ دەينى بىر كىمگە بەرمىدىم، مەن 75 ياشقا كىردىم سۈيدۈك تۇتالماسلىق كىسىلىم بار، ماڭا بىر قېتىم كەڭچىلىك قىلىپ بىر تەرەپ قىلسا» دەپ ئوتتۇرغا قويدى.
ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى سوت ئۈستىدە: جاۋاپكارنىڭ سۆزى ئېلىنغان دەينىڭ ھەممىسى جاھات تەرغىپ قىلىنغان دەي ئەمەس، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىغى 21 – نۇمۇرلۇق دەي بولۇپ، جاۋاپكارنىڭ 35 دانە دەيدىن خەۋىرى بولسىمۇ باشقا 9 دەيدىن خەۋىرى يوق بولۇپ، جاۋاپكارنىڭ 35 دانە دەينى ئاڭلاپ باقماي يەنە ئۆزىنىڭ ئاۋازى بولسا ئىتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇنىڭدا 36- نۇمۇرلۇق دەيدىن باشقىلىرىدا ئەكسىيەتچىل مەزمۇن يوق.
جاۋاپكار ساقلىغان 33 دانە كىتاپنىڭ ئىچىدە 2 دانە كىتاپنىڭ مەزمۇنى ساغلام ئەمەس بولسىمۇ قالدىلىرى جىنايى قىلمىشقا توشمايدۇ. جاۋاپكارنىڭ قىلمىشى نىسپەتەن يىنىك بولۇپ، بۇنى جازا ئۆلچەشتە ئويلۇشۇشقا تىگىشلىك، جاۋاپكارنىڭ جىنايى قىلمىشىنى تۇنۇپ تاپشۇرۇشى ياخشى بولۇپ، سوت قىلىشنى ئاكتىپ قۇبۇل قىلغان. جىنايەتنىڭ خارەكتىرى ئېغىر بولسىمۇ جاۋاپكارنىڭ قىلمىشى يىنىك بولۇپ يىنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولۇدۇ» دېگەن مەزمۇنلاردا ئاقلاش سۆزى بايان قىلدى.
سوت قىلىپ ئىنىقلىشىمىزچە: (1) جاۋاپكار ئابلەت بارات 1988- يىلى قانۇنسىز دىن ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىدىغان دەرس سۆزلەش پىروگراممىسى تۈزۈپ چىققان، 2002-يىلى 1- ئايدىن باشلاپ ئۆز ئۆيىدە ئوغلى ئابلىكىم ئابلەت، ھاۋا ئابلەت ۋە ھېبىبۇللا ئابدۇللا قاتارلىقلارغا «تەپسىرى جالالەين» دىگەن ئەرەبچە كىتابنى تەرجىمە قىلىپ سۆزلەش جەريانىدا «جاھات قىلىش» تەرغىپ قىلىنغان مەزمۇنلارنى قوشۇپ سۆزلەپ بىر دانە ئۈن ئالغۇ لىنتىسى چىقارغان.
2) جاۋاپكار ئابلەت بارات 1996-يىلدىن 2003-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا ئۆزى ئاۋاز بىرىپ سۆزلەپ بىر دانە ئۈن ئالغۇ لىنتىسىنى چىقارغان، بۇ دەيلەر باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىدىن يىغىۋېلىنغان، ئۇنىڭدىن باشقا جاۋاپكار ئابلەت بارات ئەكسىيەتچىل مەزمۇندىكى «كەلگۈسى ئىسلام» «جاھات شەبئول مۇسلىمىن» قاتارلىق مەزمۇنى ساغلام بولمىغان 2 دانە كىتابنى ئۆز ئۆيىدە ساقلىغان.
جاۋاپكار ئابلەت بارات 2004- يىلى 1- ئاينىڭ 2- كۈنى ئەتتىگەن شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 8 يېرىمدا خوتەن شەھەر ئىلچى يېزا شالمالباغ كەنتىدىكى ئۇبۇلخەيرىنىڭ ئۆيىگە ئابدىمۆمىننىڭ باشلاپ بېرىشى بىلەن ئابلەت قادىر، ئابدىراخمان مەتتۇرسۇن، ئابدىسادىق مەتتۇرسۇن قاتارلىق 9 نەپەر ئادەم يىغىلغان جايدا «پەيزاۋات» دېگەن كىتاپنى ئېچىپ سورالغان دىنى سوئاللارغا جاۋاپ بىرىۋاتقاندا نەخ مەيداندا تۇتۇلغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى تۈۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بىكىتىلدى.
1) جاۋاپكار ئابلەت بارات مەن 88- يىلى ئۇقۇشتا ۋاختىمدا ئۆزەمنىڭ ئۆتمۈش تارىخلىرىمنى يېزىپ قويغان، مەن پىروگرامما ئارقىلىق دەرس سۆزلىگەن ئىش يوق، بالام ئابلىكىم، قىزىم نۇسرەتلەر تەپسىرى جالالەين دىگەن كىتاپنى ئۇقۇتتى، بالام ماڭا سىز بىلەن تەڭ ئادەملەر ئۆلۈپ كەتتى، سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئېلىۋالساق دەپتى «تەپسىرى جالالەين» دىگەن كىتاپنى ماڭا سىياسىي مەكتەپتىن بەرگەن، مەن سۆزلەش جەريانىدا كىتاپتىن بىر ياقىسىدىن سۆزلىگەن، مەن 3 دانە دەيگە مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمە ھالى دىگەن كىتاپتىن سۆزلەپ ئالغان، كېيىن ئۆي كۆچكەندە يوقاپكەتكەن ئۆيۈمدە ساقلىغان كىتاپلارنىڭ 2 كىتاپ مەزمۇنى ساغلام ئەمەس، قالدىلىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن نەشرى قىلىنغان كىتاپ 2004-يىلى 1- ئاينىڭ 2- كۈنى ئابدىمۆمىن دىگەن ئادەم ئۆيىگە چاقىرغىلى كەپتىكەن مەن بېرىپ قۇرئاننىڭ ئەرەپچە لوغىتىنى چۈشىنەلمىگەن جايلىرىدىن دەپ بىرىپ ئولتۇرسام ساقچىلار كىرىپ تۇتىۋالدى دەپ تۇلۇق ئىخرار قىلىپ تاپشۇرۇدۇ.
2) گۇۋاچى ئابلىكىم ئابلەت، ھاۋا ئابلەت، نۈسرەت ئابلەت، ھېبىبۇللا ئابدۇللا لار ئۆزلىرىنى دادىسىغا ياشىنىپ قالدىڭىز ئاۋازىڭىزنى ئېلىۋالساق دەپ جالالەين دېگەن كىتاپتىن سۆزلەپ دەيگە ئېلىۋالغانلىغىدىن ئىبارەت پاكىتنى تۇلۇق ئوتتۇرغا قويىدۇ.
3) جاۋاپكار تۈزگەن دەرىس پىروگراممىسى ج خ دىلوسى 1- توپلام 181- بەت بۇ سوت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلدى.
4) 21- نۇمۇرلۇق دەينىڭ مەزمۇنى ج خ دىلوسى 1- توپلام 14- بەتلىرى سوتتا ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
5) گۇۋاچى بىلىقىزخان، ئابلەت مەمتىمىن، مەتتۇرسۇن مەتسەيدى قاتارلىق گۇۋاچىلار گۇۋالىغىدا «ئۆيلىدىن تېپىلغان دەيلەرنى بازاردىن سېتىۋالغانلىقى ۋە كىمنىڭ ئۆيلىرىگە ئەكىلىپ بەرگەنلىكىنى ئۇخمايدىغانلىغى توغرىسىدا گۇۋالىق قىلغان».
6) 36- نۇمۇرلۇق دەينىڭ مەزمۇنى سوتتا ئوقۇلدى. ج خ دىلوسى 2- توپلام 127- بەتلىرى.
7) گۇۋاچى ئابدۇ مۆمىن سوتتا «ئۆزىنىڭ ئابلەت باراتنى ئۇبۇلخەيرىنىڭ ئۆيىگە باشلاپ چىققانلىغى كېيىن ساقچىلار تۇتۇۋالغانلىغى توغرىسىدا گۇۋالىق قىلدى».
8) مەزمۇنى ساغلام بولمىغان ئىككى كىتاپ سوت تەكشۈرىشىدىن ئۆتكۈزۈلدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: سوتتا تەكشۈرۈپ ئىسپاتلانغان پاكىتلاردىن قارىغاندا جاۋاپكار ئابلەت بارات جاھات قىلىش تەرغىپ قىلىنغان سۆزلەرنى قىلىپ 2 دانە دەيگە ئالغان، مەزمۇنى ساغلام بولمىغان 2 دانە كىتاپنى ئۆيىدە ساقلىغان قاتارلىق قىلمىشلىرىدىن دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلەشنامىسىدە بىكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تۇلۇق بولۇپ بىكىتىشكە بۇلۇدۇ، جاۋاپكارنىڭ سوتتا ئوتتۇرغا قويغان مەن دىنغا قىززىققانلىغىم ئۈچۈن قۇرئاندا بولغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ ساپتىمەن، بۇنىڭ جىنايەت بۇلىدىغانلىغىنى بىلمىگەن دىگەن ئاقلاش سۆزى ۋە ئاقلىغۇچىسىنىڭ ئاقلاش سۆزلىرىنىڭ ئاساسى يوق رەت قىلىش كېرەك، جاۋاپكارنىڭ سوتتا جىنايى قىلمىشىنى تۇنۇپ تاپشۇرۇشى ياخشى، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار، جاۋاپكارنىڭ قىلمىشىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق جازا بىرىشكە بۇلۇدۇ. دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 103- ماددا 2- تارمىغى 56- ماددىلىرىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى.
1- جاۋاپكار ئابلەت باراتنىڭ دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتىگە مۇددەتلىك 5 يىللىق قاماق جازاسى بىرىپ، سىياسىي ھۇقۇقىدىن 2 يىل مەھرۇم قىلىنسۇن.
ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپلەر ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يۇقۇرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز بىرىشكە بۇلىدۇ. نارازىلىق ئەرىزنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن بىر نۇسقا، كۆچۈرمىسىدىن ئىككى نۇسقا تاپشۇرىشى كېرەك.
باش سوتچى: مەمتىمىن ئىبراھىم
سوتچى : ھۆرنىسا خان
مۇۋەققەت سوتچى : ئوغالنىسە ئەستۇللا
2004- يىلى 4- ئاينىڭ 12- كۈنى
پۈتۈكچى: ئامىنەم مەتتۇرسۇن
خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى
(2004) 13- نۇمۇرلۇق
جىنايەتچى ئابلەت باراتنىڭ جىنايىي ئەنزە ئۈچۈن مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە مۇددەتلىك 5 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.
ھازىر ھۆكۈمنامە ئىجرا قىلىشىغا ئەۋەتىپ بىرىلدى. جازا مۇددىتى
2004-يىل 1- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن باشلاپ
2009-يىل 1- ئاينىڭ 15- كۈنىگە قەدەر.
قاماپ تۇرۇلغان ۋاقىتنىڭ جازا مۇددىتىگە سۇندۇرۇلۇشى: بىر كۈن بىركۈنگە،
قويۇپ بىرىلىدىغان ۋاقتى: 2009- يىل 1- ئاينىڭ 15- كۈنى
خوتەن ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى
2004- يىل 7- ئاينىڭ 28- كۈنى
(مەھكىمە تامغىسى)
ئىزاھات: بۇ ئۇقتۇرۇش جىنايەتچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تارقىتىپ بىرىلدى.
مەزكۇر ھۆكۈمنامىنىڭ نەقەدەر ئادالەتسىز، ۋەھشىلىك بىلەن چىقىرىلغان ھۆكۈم ئىكەنلىكىنى خەلقىمىز ۋە دۇيا بىلىپ قالسۇن دېگەن مەخسەتتە نەشرى قىلىندى.
ئاللاھ تائالا قەھرىمان ئۇستازنىڭ شاھادىتىنى قوبۇل قىلسۇن، ياتقان يېرىنى جەننەتۇلفىردەۋس قىلسۇن، ئامىين!!!..
ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىمنىڭ 2005- يىلى قىشتا قاراشەھەر تۈرمىسىدىكى ياتىقىدا تارتىلغان رەسىمى.
تۈركىستان ۋاقتى
2020- يىلى 23- مارت