نېتفلىكس شىركىتى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەكتۇپىغا جاۋاب قايتۇردى

ئىنتېرنېت فىلىم مۇنبىرى نېتفلىكس(Netflix) ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەكتۇپىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئامېرىكا نېتفىلىكىس شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىنى قوللىغان خىتاي يازغۇچى ليۇ سىشىننىڭ «ئۈچ جىسىم» ناملىق رومانىنى چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلەش پىلانى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. «ھوللىۋۇد خەۋەرچىسى» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ مارشا بلەكبورىن، رىك سكوت، كېۋىن كرېمىر، مارتا مىكسالىي، تام تىللىس قاتارلىق 5 نەپەر ئەزاسى 23-سېنتەبىر نېتفىلىكىسنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى تەد سوروندوسقا مەكتۇپ يېزىپ، نېتفىلىكىسنىڭ پىلانىغا قارشى چىققان.

ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەگەر نېتفىلىكىس ليۇ سىشىننىڭ ئەسىرىنى سەھنىلەشتۈرسە، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلىۋاتقان «سىستېمىلىق، ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈسىدىكى جىنايىتى» نى «نورماللاشتۇرۇپ» بېرىدىكەن. ئۇلار مەكتۇپىدا ليۇ سىشىننىڭ 2019-يىلى «نيۇ-يوركلۇقلار» ژورنىلىدا قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلىنىۋاتقان سىستېمىلىق جىنايەتكە جىددىي قاراۋاتقان مەزگىلدە بىز نېتفىلىكىسنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىنى تەكرارلاۋاتقان بىر شەخس بىلەن ھەمكارلىشىشىدىن جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دېگەن.

پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بۇ قەبىھلىكلەر ئالدىدا راھەتلىك بىلەن ئېلىنغان بىر شىركەت قارارى مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت جىنايەتكە ئورتاقلىق مەۋجۇت» ئىكەن. ليۇ سىشىن 2019-يىلى «نيۇ-يوركلۇقلار» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇرلارنى تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلەپ، «ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىغا ياردەم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ليۇ سىشىننىڭ ئەسىرىنى «تېكىست ئويۇنى» ناملىق داڭلىق تېلېۋىزىيە چاتما تىياتىرىنى ئىشلىگەن دەيۋىد بەنىيوف بىلەن د. ب. ۋەيىس سىنارىيەلەشتۈرگەنىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 26- سىنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، نېتفلىكس شىركىتى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ مەكتۇپىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ يازغۇچى ليۇ سىشىننىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدىكى كۆز-قاراشلىرىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

نېتفلىكسنىڭ يەرشارى ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى دىئان گارفىلىد ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىغا يازغان خېتىدە: «لىيۇ ئەپەندى تېلېۋىزىيە سىنارىيەسىنى ئىجاد قىلغۇچى ئەمەس، بەلكى ئەسلى ئاپتور. بىز ئۇنىڭ (شىنجاڭ مەسىلىسى ھەققىدىكى) سۆزلىرىگە قوشۇلمايمىز. ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭ رومانى ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرىمىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.»