شەرقىي تۈركىستاندا كىم «بەختلىك»؟

خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچلىكىگە پەرۋا قىلمىدى

سوفى رىچاردسون، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمى دىرىكتورى

2020- يىلى 1- ئۆكتەبىر

«تامامەن توغرا»، خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭنىڭ بۇ ھەپتە ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ(شەرقىي تۈركسىتان، تۆۋەندىمۇ شۇنداق ئېلىنىدۇ-ت) سىياسىتىنى تەسۋىرلىگەندە بۇ ئىپادىنى ئىشلەتتى. خىتاينىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بۇ رايوندا 13 مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلار ئىزچىل دەھشەتلىك باستۇرۇشلارغا دۇچار بولماقتا. 

بېيجىڭ بۇ رايون ھەققىدە دۇنياغا كۆپ قېتىم يالغان سۆزلىدى - ئالدى بىلەن «سىياسىي تەربىيلەش» لاگېرلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلدى، ئاندىن بۇ تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن «كەسپىي تەربىيىلەش» ئەسلىھەلىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە كېيىن ھەممە كىشىنىڭ «ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكى» نى ئېيتتى. شۇڭا كوممۇنىست پارتىيە يىغىنىدا ئېيتىلغان بۇ ئەڭ يېڭى بايانغا ئېغىر دەرىجىدە گۇمان بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

بىرىنچى، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ رايونغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى بىخەتەرلىك بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. كىشىنى چۆچۈتىدىغان كەڭ دائىرىدە «تېرورلۇق» قا قارشى «قاتتىق زەربە بېرىش» نامىدا، دائىرىلەر قورقۇنچلۇق كوللېكتىپ جازالاش ئۇسۇلىنى قوللاندى: بىر مىليون تۈرك مۇسۇلمان ئۇزۇن مۇددەت خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلدى، سىياسىي تەربىيىلەندى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىندى؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 12 مىليون كىشى دۆلەتنىڭ كەڭ كۆلەملىك نازارىتى، مەدەنىيەت يوقىتىشى ۋە ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ نىشانىغا ئايلاندى. 

ئىككىنچىدىن، خىتاي دائىرىلىرى «ئوچۇقچىلىق ۋە ئاشكارە بولۇش» ۋەدىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھۆكۈمەت ژۇرنالىستلار ۋە دىپلوماتلارنىڭ رايونغا كىرىشىگە يول قويغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ زىيارەتلەر چەكلىمىلەرگە ئۇچرىدى -كەلگەندىن تارتىپ تاكى ئايرىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ھەمراھ بولۇشى ياكى ئىز قوغلىشىغا ئۇچرىدى. مۇستەقىل كۈزەتكۈچىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ گۇۋاھچىلىرى، ھەتتا ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەنمۇ ئۆچ ئېلىنىشىدىن قورقۇپ پاراڭلىشالمايدۇ، زىيارەتچىلەر پەقەت دائىرىلەر ئۇلارنىڭ كۆرىشىنى خالىغان نەرسىلەرنىلا كۆرىدۇ. ئەڭ رەھىمسىز يېرى شۇكى، بۇ رايون دۆلەت سىرتىدىكى تۈركىي مۇسۇلمانلارغا تاقىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇزۇن يىللار ئۈزۈلۈپ قالغان ئائىلە ئەزالىرىنى، جۈملىدىن بالىلارنىمۇ ئىزدەۋاتىدۇ.

ئاخىرىدا، خەلقئارا بېسىمنىڭ كۈچىيىشى ئالدىدا، بېيجىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىچېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما بۇ بىر ئالدامچىلىق تەكلىپى: باچېلېتنىڭ (ب د ت دۆلەت زىيارىتىنىڭ ئۆلچەملىك تەركىبىي قىسمى بولغان) شەرقىي تۈركىستاننى تولۇق ۋە توسالغۇسىز زىيارەت قىلىش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ 18 ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، ھۆكۈمەت يەنىلا قوشۇلمىدى. بېيجىڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كومىسسارنى «قارشى ئېلىش» تەييارلىقى يالغان.

ئەگەر شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ئەزالىرىغا ئېيتقىنىدەك شەرقىي تۈركىستاندا «خۇشاللىق» داۋاملىق ئاشقان بولسا، مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرگۈچىلەر، مۇھاجىرەتتىكى تۈركىي مۇسۇلمانلار ياكى باشقىلارنىڭ زىيارەت قىلىشىنى چەكلەشكە ھېچقانداق سەۋەب بولماسلىقى كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كۈچلۈك ھۆكۈمەتنىڭ ئۆكۈنمەيدىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا تەكشۈرۈشنى توسۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھېچكىم ئۇنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى كېرەك.