ھەر ئاڭلىشىڭىز دىلىڭىزغا ھوزۇر، ۋەتەننى سېغىنغان سەرسان يۈرىكىڭىزگە داۋا بولغۇسى
يېڭى زېلاندىيەنىڭ «Planet FM»، يەنى «پلانېتا ف م» رادىيو ئىستانسىسى كۆپ خىل مەدەنىيەت، ئېتىقاد، كۆز-قاراش ۋە تۇرمۇشنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىنگلىز تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 نەچچە خىل تىلدا ئاڭلىتىش بېرىدۇ.
يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدىن فەيسبوك، يۇتۇبې قاتارلىقلاردا 2020-يىلى 11-نويابىردىن باشلاپ، مەزكۇر رادىيو ئىستانسىسىدا «ئۈنچە رادىيو پروگراممىسى» نامىدا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.
يېڭى زېلاندىيەدىكى رىزۋانگۈل نۇرمۇھەممەت خانىم يېڭى زېلاندىيە «پلانېتا ف م» رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنىڭ مەسئۇل خادىمىدۇر. رىزۋانگۈل خانىم 10-نويابىر ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى زېلاندىيە «پلانېتا» رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
رىزۋانگۈل خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا يېڭى زېلاندىيە «پلانېتا ف م» رادىيوسىدا ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىش تەستىقلانغان. ئەينى چاغدا يەنە مەزكۇر رادىيونىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاڭلىتىشىدىن يېرىم يىلغىچە ھەق ئالماسلىق ئېتىبارىمۇ بېرىلگەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى زېلاندىيە «پلانېتا ف م» رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇرچە «ئۈنچە رادىيو پروگراممىسى» ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم، چارشەنبە كۈنى يېڭى زېلاندىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:20 دە، يېرىم سائەت ئاڭلىتىلىدىكەن. پروگراممىدا «مىراس»، «يېڭى ھايات»، «تارىم غۇنچىلىرى» سەھىپىلىرى تەسىس قىلىنغان. پروگرامما ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى جانلاندۇرۇشنى نىشان قىلغان.
ئۇيغۇر ئاڭلىتىش، «پلانېتا ف م 104. 6» رادىيو چاستوتىسى ۋە «پلانېتا ف م 104. 6» رادىيو تور بېتى ئارقىلىق ئاڭلىتىش بېرىدۇ.
مەزكۇر پروگرامما يەنە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن يۇتۇبې قانىلىدىمۇ ئېچىلغان بولۇپ، يەنە «ۋۇييۇ مېدىئا» قانىلى ئارقىلىقمۇ تەكرار بېرىلىدىكەن.
يېڭى زىللاندىيەدىن ئاڭلىتىلىۋاتقان ئۈنچە پروگراممىسى 1- سان
رىزۋانگۈل نۇرمۇھەممەت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرچە «ئۈنچە رادىيو پروگراممىسى» يېڭى زېلاندىيە، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 7 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خالىسانە پىداكارلىقى بىلەن ئاڭلىتىشنى باشلىغان.
«ئۈنچە رادىيو پروگراممىسى» نىڭ ئاۋسترالىيەدىكى مۇخبىرى رەنا غوپۇر خانىممۇ 10-نويابىر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر رادىيونىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنىڭ مەزمۇنلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
رەنا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئۈنچە رادىيو پروگراممىسى» ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى ۋە مۇھاجىرەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق ئۇيغۇرلارغا ئىلھام بېرىدىغان مەزمۇنلاردا پروگرامما بېرىشنى ئاساس قىلىدىكەن.
خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى