خورلانغان ۋىجدان

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلمى تېما قىلىنغان ۋە جۇمھۇرىيەت كۈنىگە بېغىشلانغان فىلىم. 

بۇ يىل ئىيۇل ئايلىرىدا خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا «ئىشەنگۈسىز دەرىجىدىكى زۇلۇم» دەپ تەسۋىرلىنىپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتى باش تېما قېلىنغان «خورلانغان ۋىجدان» ناملىق فىلىمنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان ئىدى.

مەزكۇر فىلىمنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى نەبىجان ئەلا ئەپەندى ئۆزىنىڭ تۋىتتېر، فېيىسبۇك قاتارلىق شەخسىي ھىسابلىرىدىن بۇ فىلىمنىڭ «شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 87 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، يەنى 12-نويابىر كۈنى كەڭ تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئاشۇ فىلىمدىكى باش قەھرىمان قەيسەردەك ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇشىدىن ئەنسىرەپ يۇرتىغا قايتىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقان بولغاچقا، فىلىمدىكى باش قەھرىماننىڭ تەقدىرىنى ئۆزىگە باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا باشلىغان. شۇڭلاشقا بۇ فىلىمنىڭ تولۇق قىسىمنى كۆرۈش ئۈچۈن كۈن ساناپ تۇرۇشقان ئىكەن.

«خورلانغان ۋىجدان» 12-نويابىر ئىستانبۇل ۋاقتى كەچ سائەت 8:00 دە ئەلا ئەلى(Ala Ali) ۋە سۇلتان ساتۇق(Sultan Satuk) ناملىق ئىككى يۇتىيۇب قانىلىدا بىرلا ۋاقىتتا تارقىتلغان. ھازىرغىچە 30 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلگەن. مەزكۇر فىلىم 36 مىنۇتلۇق بولۇپ، تۈركچە ۋە ئىنگلىزچىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان.