يېڭى دوكلات: خىتاينىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سىياسىتىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش

گېرمانىيەلىك مۇتەخەسىس ئادرىئان زېنز خىتاينىڭ ئىچكى ھۆججىتىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دائىرىلەر «نامراتلىقنى تۈگىتىش» باھانىسىدە شەرقىي تۈركىستاندىن ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باشقا جايلارغا يۆتكىگەن. ئەسلى مەقسەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئاز سانلىقلارنىڭ «ئىدىيەسىنى قايتا شەكىللەندۈرۈش» بولۇپ،بۇ پىلان تىبەتتىمۇ قوللىنىلغان. خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئەنگىلىيە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى، كانادا «يەر شارى ۋە پوچتا گېزىتى» ۋە غەربتىكى باشقا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2018-يىلى نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي بايلىق ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى «شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى دوكلاتى» ناملىق بىر ھۆججەتنى خىتاي كومپارتىيەسى يۇقىرى قاتلىمىغا سۇنغان. بۇ ھۆججەت 2019-يىلى نەنكەي ئۇنۋېرسىتىتى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان، ئەمما 6 ئايدىن كېيىن ئېلىۋېتىلگەن.

گېرمانىيەلىك مۇتەخەسىس ئادرىئان زېنز «نەنكەي دوكلاتى»نىڭ ئەسلى ھۆججەتلىرىنى ساقلىۋالغان بولۇپ، تەھلىل ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتى «شىنجاڭنىڭ رايون ھالقىغان ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەجبۇرىي كۆچۈرۈش» 2- مارت ئامېرىكدىكى «جېيمېس تاۋۋن فوندى جەمئىيىتى»نىڭ تورىدا ئېلان قىلىندى. ئۇ فرانسىيەنىڭ «كۈزەتكۈچى ھەپىتىلىكى» تور بېتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «نەنكەي دوكلاتى»نىڭ ئۇنىڭ تەتقىقات ماتېرىياللىرىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

«نەنكەي دوكلاتى»دا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنى باشقا جايلارغا ئىشلەشكە يۆتكەش «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس زىچلىقىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن، يەنە ئۇيغۇرلارنى نەزەربەنت قىلىش، يۇغۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى». بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق «ئۆزگىرىشچان مۇھىت، تۇرمۇش ۋە ئەمگەك جەريانىدا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشى ۋە تونۇشىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتىشىگە، قىممەت قاراش ۋە تۇرمۇش قارىشىنى قايتا شەكىللەندۈرۈشكە بولىدۇ».

ئادرىئان زېنز دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى يۆتكەشنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئېنىقكى ئىقتىساد ئاساسلىق مەقسەت ئەمەس، ئاساسلىق مەقسەت ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەنئەنىۋى قۇرۇلمىسىنى ۋە تەپەككۇر ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش. تەخمىنەن بىر مىليون 600 مىڭدىن بىر مىليون 800 مىڭغچە ئۇيغۇر بۇ پىلاننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.

زېنزنىڭ دوكلاتىدا 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا تەخمىنەن 76،000 ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يۆتكەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. بۇ سۈرئەت تېزلىشىۋاتقان بولۇپ، بېيجىڭ دائىرىلىرى ھەر يىلى 50 مىڭ ئادەمنى يۆتكەش نىشانىغا يېتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەمگەك ۋە قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرىنى يۆتكەشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، 2017-يىلدىن كېيىن، رايوندىكى ئالىي مائارىپ سەرخىللىرى لاگىرلارغا قامالغان ۋە مائارىپ سەۋىيەسى تۆۋەن كىشىلەر بولسا باشقا جايلارغا يۆتكەلگەن. 

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يۆتكەلگەن ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار بولۇپ، ئەگەر رەت قىلسا، ئۇلار «قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى»غا ئەۋەتىلىدىكەن. ئادرىئان زېنز خىتاينىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەتقىق قىلىپ، 2017-يىلدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىلانىغا ناھايىتى قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەمما، 2020-يىلى 9-ئايدا، خىتاينىڭ «شىنجاڭدىكى ئەمگەك ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش كاپالاىتى» ئاق تاشلىق كىتابىدا% 85 ئاھالەنىڭ ناھىيە سىرتىغا چىقىپ ئىشلەشكە قىزىقىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 

زېنزنىڭ دوكلاتىدا نۇرغۇنلىغان خەلقئارا جىنايى ئىشلار قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ پىكىرى نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلار خ ك پ نىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىلانىنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ رىم نىزامنامىسىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىگە قوشۇلغان. 

خىتايغا قارشى خەلقئارا پارلامېنت ئىتتىپاقى (IPAC) 3-ئاينىڭ 2-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، نەنكەي دوكلاتىدا خ ك پ نىڭ شىنجاڭدىكى جىنايى قىلمىشلىرىغا يېڭى دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، شۇنداقلا «ئىنسانلارنى مەجبۇرىي يۆتكەش ۋە زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى»گە ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  

زېنز 2020-يىلى 12-ئايدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئائىت تۇنجى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا رايوندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى زاۋۇتلار بىلەن پاختا ئېتىزلىرىدا ئىشلەشكە مەجبۇرلاشتەك ئىككى قىسىمغا ئايرىلغانلىقى كۆرسىتىلدى؛ خىتاي ئاكادېمىكلىرى تەرىپىدىن «شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» دەپ ئاتالغان يېزىلىق ئۇيغۇرلار «قوبۇل قىلىنغان ۋە تەربىيەلەنگەن»، ئاندىن باشقا جايلاردىكى زاۋۇتلارغا ئىشلەشكە ئەۋەتىلگەن. ئاتالمىش ​​«خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ۋە تەربىيىلەش»مۇ بېسىم ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇمۇ مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بىر تۈرى.

ئادرىئان زېنز دوكلاتىدا يەنە، خ ك پ نىڭ تىبەتتە ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سىياسىتىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى ۋە 2019-يىلدىن باشلاپ تىبەتتە تەدرىجىي يولغا قويۇلغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

دىلشات سۇلتان

2021- يىلى 5- مارت