«نايك»نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدىكى باياناتى

دۇنياۋىي كىيىم-كېچەك ماركىسى نايك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى ھەققىدە بايانات ئىلان قىلىپ، رايوندىن مەھسۇلات ئالمايدىغانلىقىنى، تەمىنلىگۈچىلىرىنىڭمۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ياكى ئەمەسلىكىنى باھالاپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

باياناتنىڭ تەرجىمىسى تۆۋەندىكىچە:

نايك ئەخلاق ۋە مەسئۇلىيەتچان ياسىمىچىلىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىز خەلقئارا ئەمگەك ئۆلچىمىنى قوغدايمىز. بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (ش ئۇ ئا ر) دىكى مەجبۇرىي ئەمگەك  ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار دوكلاتلارغا كۆڭۈل بۆلىمىز. نايك ش ئۇ ئا ر دا مەھسۇلات ئىشلەپچىقارمايدۇ، بىز توختام تۈزگەن تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ رايوندىن چىققان توقۇمىچىلىق ياكى يىپ ئېگىر ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردۇق.

نايكنىڭ ھەرىكەت مىزانى ۋە رەھبەرلىك ئۆلچىمىدە ھەر خىل قاماش، مەجبۇرلاش، قۇل قىلىش ياكى ئەمگەككە سېلىشنى چەكلەيدىغان تەلەپلەر بار، بۇلار ھەرىكەت ئەركىنلىكى ۋە مىللىي ئارقا كۆرۈنۈش ياكى دىننى ئاساس قىلغان كەمسىتىشنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز داۋاملىق بارلىق تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، نايكنىڭ ھەرىكەت مىزانى ۋە رەھبەرلىك ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى باھالايمىز.

بىز ئىزچىل خىتايدىكى تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە  ياكى ش ئۇ ئا ر دىن كەلگەن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋىپىنى ئېنىقلاش ۋە باھالاش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىۋاتىمىز. بىز ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئىقتىسادىي تەپتىش كېلىشىمنامىمىزنى كۈچەيتىپ، ئەمگەك كۈچى يۆتكەش پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭىدىن پەيدا بولغان خەتەرلەرنى ئېنىقلىدۇق. بىزنىڭ داۋاملىشىۋاتقان تىرىشچانلىقىمىز تەمىنلەش زەنجىرىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدا ئۇيغۇر ياكى ش ئۇ ئا ر دىن كەلگەن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىغا ئائىت پاكىت تاپالمىدى.

نايكنىڭ خاۋيۈەنپېڭ كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى، چىڭداۋ جىفا گورۇھى، سانجى يىدا توقۇمىچىلىق سانائىتى ياكى مەزكۇر شىركەتنىڭ باشقا ئەسلىھەلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، بۇ ئاۋىستىرالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ دوكلاتىدا توغرا خەۋەر قىلىنمغان. تەيكۋاڭ گورۇھىغا كەلسەك، 2019-يىلى ش ئۇ ئا ر دىكى ئەھۋاللار توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئاشكارلىنىشقا باشلىغاندا، تەيكۋاڭ ش ئۇ ئا ر دىن چىڭداۋدىكى ئەسلىھەلىرىگە يېڭى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنى توختاتتى ۋە مۇستەقىل ئۈچىنچى تەرەپ ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى بۇ ئەسلىھەدە ش ئۇ ئا ر دىن كەلگەن خىزمەتچى يوقلىقىنى دەلىللىدى. بىزنىڭ داۋاملىشىۋاتقان تىرىشچانلىقىمىز خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنى ياكى ش ئۇ ئا ر دىن كەلگەن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىغا ئائىت پاكىت تاپالمىدى.

نايك پاختا ياكى باشقا خام ماتېرىياللارنى بىۋاسىتە مەنبە قىلمىسىمۇ، خام ئەشيا سەۋىيىسىدىكى ئىز قوغلاش ئىزچىل دىققەتنى تارتىدىغان ساھە. بىز تەمىنلىگۈچىلەر، كەسىپىي جەمئىيىتى، ماركا ۋە باشقا ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، ئىز قوغلاش ئۇسۇلى ۋە خەرىتە ماتېرىيال مەنبەسىنى سىناق قىلىمىز، شۇڭا مەھسۇلاتلىرىمىزدىكى ماتېرىياللارنىڭ مەسئۇلىيەتچان ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالايمىز.

نايك مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق دوكلاتقا ئىنتايىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ، بىز كۆپ تەرەپلىك خىزمەت گۇرۇپپىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇكەممەللىكىنى قوغداشقا ياردەم بېرىدىغان كوللىكتىپ ھەل قىلىش چارىسىنى باھالىدۇق. بىز تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، كىشىلىك ھوقۇق ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ئاممىۋى سىياسەت مەسىلىلىرى ھەققىدە دائىم چۈشەنچە ۋە پىكىر بىلەن تەمىنلەيمىز ھەمدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىغا ياكى باشقا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەجبۇرىيەت ئەمگىكىگە ئالاقىدار قانۇنلارغا قارشى لوبىچىلىق قىلمايمىز. بىز پارچە سېتىش كەسپى رەھبەرلىرى جەمئىيىتى، ئامېرىكا كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغ كىيىم-كېچەك جەمئىيىتى، دۆلەتلىك پارچە سېتىش بىرلەشمىسى ۋە ئامېرىكا مودا سانائەت جەمئىيىتى قاتارلىق كەسىپ جەمئىيەتلىرى شۇنداقلا كەسىپ مۇتەخەسسىسلىرى، شېرىكلەر، مەنپەئەتدارلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، بۇ ھالقىلىق دۇنيا مەسىلىسىنى چۈشىنىمىز، باھالايمىز ۋە ھەل قىلىمىز.

دىلشات سۇلتان 

2021- يىلى 24- مارت

https://purpose.nike.com/statement-on-xinjiang