پرېزىدېنت جو بايدىن: ھېچبىر ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئۇيغۇرلارغا نېمە بولۇۋاتقانلىقىغا قارىتا سۆزلەشتىن توختاپ قالمىغان ۋە قالمايدۇ

پرېزىدېنت جو بايدننىڭ ئاقسارايدىكى تۇنجى رەسمىي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دىدى: «ھازىرغىچە تېخى بىرە ئامېرىكا پرېزىدېنتى مەن بىلدۈرگەندەك ئۇچۇق ئىپادە بىلدۈرۈپ باقمىغان بولسىمۇ ئەمما ھېچبىر ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئۇيغۇرلارغا نېمە بولۇۋاتقانلىقى، خوڭكوڭدا نېمە ئىش يۈزلەنگەنلىكى ۋە دۆلەت ئىچىدە نېمە يۈز بەرگەنلىكىگە قارىتا سۆزلەشتىن توختاپ قالمىغان ۋە قالمايدۇ».