خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى: ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئېغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش ئۇرۇنىشىنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالى

ئەخمەتجان جۈمە

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى (PEN International) يېقىندا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ۋە زىيالىيلىرىغا ئېغىر قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن چۆچۈپ كەتتى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان-ت)دىكى نامى پۇر كەتكەن «قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى»دا بىر نەچچە يىل سوت سىرتىدا تۇتۇپ تۇرۇلدى.

شۇڭا بۇ تەشكىلات، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ۋەھشىي باستۇرۇشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىدۇ.

قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىچىدە ئەدەبىي تەرجىمان ۋە ئىلمىي مۇدىر ئەخمەتجان جۈمەمۇ بار بولۇپ، خەۋەر قىلىنىشىچە، ئاكىسىنىڭ 2021-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا چىقارغان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ 2019-يىلى 14 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ جازا دەسلەپتە قولغا ئېلىنغاندىن ئىككى يىل كېيىن بېرىلگەن. ئۇ 2017-يىلى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چەكلەنگەن كىتابقا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن قايتا تەربىيىلەش لاگېرىغا قامالغان.

«ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلەيدىغان ئىنىسىنىڭ قارىشىچە، ئەخمەتجان جۈمەنىڭ قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن بېرىلگەن بىر خىل جازا ئىكەن.

يېقىندا، ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئەختەم ئۆمەرنىڭ مىسىردا ئوقۇۋاتقاندا جىيەنىگە پۇل ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈن دەسلەپتە 2017-يىلى 12-مارت قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى بىلەن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى.

«ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى» تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، «بۈركۈت بالىسى» ۋە «قۇرتلاپ كەتكەن كۆل» قاتارلىق خەلقنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن نۇرغۇن كىتابلارنىڭ ئاپتورى ئەخمەت ئۆمەرمۇ خىتاي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئىلگىرى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەت جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 

«بۈركۈت بالىسى» خىتاينىڭ داڭلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات ژورنىلىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە نەشىر قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي، بۇ كىتابنىڭ 2020-يىلى ئۇيغۇر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى قارىلاش ۋە يوقىتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ساقچىلار تەرىپىدىن كىتابخانىلاردىن ئېلىپ تاشلانغان ۋە كۆيدۈرۈلگەن. بۇ كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسىگە ئىلگىرى ھۆكۈمەت نەشىر ھوقۇقى بەرگەن. 

شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى باستۇرۇش غايەت زور پاجىئە بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ پۈتكۈل ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ. دۆلەتنىڭ ئىختىيارىيلىقى، مەخپىيەتلىكى، ئادالەتسىزلىكى ۋە رەھىمسىز رەھىمسىزلىكى ئىزچىل بولۇپ كەلدى. ئۇچۇرغا ئېرىشەلمەسلىك پاجىئەنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.

«بىز بۇنىڭدىن بۇرۇن ئاچچىقىمىزنى ئىپادىلىگەن بولاتتۇق. ئەخمەتجان جۈمە بىلەن ئەختەم ئۆمۈەر ھەرگىزمۇ تۈرمىگە تاشلانماسلىقى كېرەك ئىدى ۋەھالەنكى، ئۇلار نەچچە ئاي تۈرمىدە ياتقان.» دېدى خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تۈرمە كومىتېتىنىڭ رەئىسى سالىل تىرىپاتى(Salil Tripathi): «ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن بارلىق باستۇرۇشلارغا ئوخشاش بۇ خىل ناچار جازا چوقۇم توختىتىلىشى كېرەك».

«ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ۋە باشقا زىيالىيلارنى نىشانلاش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ۋە باستۇرۇشلار ئارقىلىق ئۇيغۇر نوپۇسىنى مەدەنىيەت كىملىكى ۋە مىراسلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى. شىنجاڭدا سوت سىرتىدا قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرىدا قامالغان 1 مىليون 800 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە يۈزلەرچە يازغۇچى، شائىر، تەرجىمان، ئالىم ۋە جامائەت ئەربابلىرى بار، ئۇلار بىرلىكتە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ جانلىق گەۋدىلىنىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ».

ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكنىڭ ھەقىقىي دەرىجىسىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، دائىرىلەر قولغا ئېلىنغانلارنى چۆرىدىگەن ھالدا پۈتۈنلەي دېگۈدەك مەخپىي كېلىمات ئورناتتى. نەتىجىدە، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىش ۋاستىسى يوق، بۇ سەۋەبلىك ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە دوست-بۇرادەرلىرى ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى بىلەلمەسلىك بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار خورلىنىش خەۋپىگە دۇچار بولغان.

يېقىنقى بىر مىسال، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىن نەشىر قىلغان كىتابلىرىدا كېيىنچە «مەسىلە بار» دەپ قارىلىپ قولغا ئېلىنغان 14 خادىم ئىچىدە مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى بار ئىدى. 80 ياشتا 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، يېقىندا ئۇنىڭ 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى بىر «يىقىلىپ چۈشۈش» ۋەقەسىدە يارىلانغاندىن كېيىن جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقاندا قازا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقالغان. يەنە بىر مىسال، 2017-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭدىن بېيجىڭغا ساياھەتكە بارغاندا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان دۇنياغا داڭلىق ئالىم راھىلە داۋۇت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مۇتەخەسسىسى ئىدى. 

يېقىندىن بۇيان، شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋەھشىيلىك قىلمىشلىرىنىڭ خەلقئارادا كۈنسېرى ئەيىبلىنىشىگە قارىتا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى مەخپىي سوت ئېچىش ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ئېغىر تۈرمە جازاسى بېرىش ئارقىلىق قانۇنسىز ھالدا كەڭ كۆلەمدە خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش سىستېمىسىغا قانۇنلۇق مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ داڭلىق يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، ئۇ 2018-يىلى دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇنجى غايىب قىلىۋېتىلگەندىن كېيىن 16 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى (PEN International)

2021- يىلى 10- ماي 

تەرجىمە قىلغۇچى: دىلشات سۇلتان