ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى: ئۇيغۇر پروفېسسور راھىلە داۋتۇتنىڭ تۈرمىگە قامالغانلىقى دەلىللەندى

ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇنىڭ تېزدىن قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ

بايانات

2021- يىلى 16- ئىيۇل

(نيۇيورك شەھىرى) - ئۇيغۇر تەتقىقاتچى راھىلە داۋۇت(Rahile Dawut)نىڭ سابىق خىزمەتداشلىرى بۇ ھەپتە دائىرىلەرنىڭ ئۇنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى ۋە تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى دەلىللىدى. راھىلە داۋۇت تۆت يىلدەك ۋاقىت بۇرۇن غايىب بولغان بولۇپ، خىتايدا تۇرۇپ تۇرۇلغان دەپ قارالماقتا ئىدى. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھازىرغىچە راھىلە داۋۇتنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشى، جىنايى ئىشلار بويىچە سوتلىنىشى ياكى تۈرمىگە قامىلىشى ھەققىدە يا ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ياكى جامائەتچىلىككە ھېچ قانداق ئۇچۇر بەرمىدى. 

ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقات مۇدىرى جېيمېس تاگېر مۇنداق دەيدۇ: «راھىلە داۋۇتنىڭ دىلوسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قانداق زۆرۈر ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۇرۇنىشىنىڭ يەنە بىر كىشىنى چۆچۈتىدىغان مىسالى. مەيلى ئۇ قانداق جىنايى جازا بىلەن ئەيىبلەنسۇن، ئېنىقكى، ئۇنىڭ ھەقىقىي جىنايىتى بىر ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ۋە زىيالىيسى بولغانلىقىدۇر. كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى، خىتاي راھىلە داۋتۇنىڭ دىلوسىدا پۈتۈنلەي سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىپ، ئۇنىڭ سۆيگەنلىرىنى كۆپ يىل ئىزتىراپتا قويدى. ھالبۇكى، ھۆكۈمەتتىن ھېچ قانداق ئۇچۇر كەلمىگەن بولسىمۇ، راھىلە داۋۇتنىڭ ئادىل سوتلانمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولىدۇ. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى راھىلە داۋۇتنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە ۋە ئۇنىڭ ئارتىلغان جىنايەتنى بىكار قىلىشقا چاقىرىمىز. بىز يەنە مەدەنىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ئىپادىلىگەنلىكى سەۋەبلىك قاماپ قويۇلغان بارلىق ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز». 

راھىلە داۋۇتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم 2018-يىلى 8-ئايدا ئېلان قىلغان، 2019-يىلى ئۇنىڭ قىزى ئەقىدە پولات ئاپىسىنىڭ نەزەربەند قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئاشكارلىغان. راھىلە داۋۇت خەلقئارادا ئالقىشقا ئېرىشكەن ئۇيغۇر ئالىمى ۋە ئېتنوگراف بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ فولكلور ئەنئەنىسىنى ئاساس قىلغان. ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ چېمپىيونى بولغان راھىلە داۋۇت 2007-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر فولكلور تەتقىقات مەركىزىنى قۇرغان.

راھىلە داۋۇت ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى جەريانىدا تۈرمىگە سولاش ياكى تۇتۇپ تۇرۇش نىشانى قىلىنغان نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاكادېمىكلىرى ۋە مەدەنىيەت ئەربابلىرىنىڭ بىرى. ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئىلگىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنى نىشانلىغانلىقىنى «قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك» دەپ ئاتىغان ئىدى. ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىىڭ 2020-يىللىق يېزىش ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچى شىنجاڭدا تۈرمىگە قامالغان 33 يازغۇچىنىڭ دېلوسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دوكلاتتا «ھۆكۈمەتنىڭ بۇ رايوننى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن ماھىيەتتە ئۈزۈپ تاشلاشتىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاكتىكىلىرىنى -- دۆلەت ئىچىدىكى تاراتقۇلارنى تەكشۈرۈش، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارەت قىلىنىشىنى چەكلەش، ئاۋامغا بولغان ئومۇمىيۈزلۈك كونترول قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش -- كۆزدە تۇتقاندا» بۇ ساننىڭ مۇكەممەل بولۇشتىن خېلىلا يىراق ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

باياناتنىڭ ئەسلى تېكىستى:

https://pen.org/press-release/uyghur-professor-rahile-dawut-confirmed-to-be-imprisoned-by-chinese-authorities/