خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: ماراكەش ھۆكۈمىتى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىقى لازىم

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن شۇنداق چاقىرىق قىلىدۇ: ماراكەش دائىرىلىرى مەزكۇر دۆلەتتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرماسلىقى كېرەك، چۈنكى ئۇ، ئۇ يەردە تەن جازاسى خەۋپىگە ئۇچرايدۇ. 

ئىدرىس ھەسەن، 34 ياش، ئۈچ پەرزەنتى بار، ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيەدىن ماراكەشكە ئۇچۇپ كىرگەندە قولغا ئېلىنغان ھەمدە تىفلىت بازىرى ئەتراپىدىكى بىر تۈرمىگە قامالغان. ئۇ ئۆتكەن جۈمە (23- ئىيۇل) ئايالى زەينۇرەگە تېلېفون قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ يېقىندا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. 

زەينۇرە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا مۇنداق دېدى: «ئىدرىس ماڭا، "ئۇلار خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن مېنى تۈرمىگە قامىدى. تېزراق بولۇڭلار، بولمىسا ئۇلار مېنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ"دېدى». 

ئىدرىس ھەسەن كومپيۇتېر لايىھىلىگۈچىسى بولۇپ، خىتاي پۇقراسى، تۈركىيەدە تۇرۇش كېنىشكىسى (ئىقامىتى-ت) بار. ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىن باشلاپ ئۇنىڭدىن ھېچ قانداق ئۇچۇر يوق، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئەگەر ئۇ مەجبۇرىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇلسا خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلۇش ۋە قىيىن-قىستاققا ئۇچراش خەۋپى بار دەپ قارايدۇ. 

«ماراكەش دائىرىلىرى ئىدرىس ھەسەننىڭ دەرھال ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشۈشىگە، ھەر قانداق يۆتكىلىش بۇيرۇقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىشىغا يول قويۇپ، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك »دېدى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش پروگراممىسىنىڭ دېرىكتورى جوئاننا مارىنېر.

«ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇش خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ، چۈنكى ئۇ يەردە ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر دەھشەتلىك كەڭ كۆلەملىك قاماپ قويۇش، زىيانكەشلىك ۋە قىيىن-قىستاققا دۇچ كەلمەكتە. قايتۇرۇپ بەرمەسلىك پرىنسىپى ھەر قانداق بىر شەخسنى ھەقىقىي قىيناش ياكى باشقا رەھىمسىز، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ياكى ھاقارەت خاراكتېرلىك مۇئامىلە ياكى جازا ۋە باشقا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دۇچ كېلىدىغان دۆلەتكە قايتۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىدۇ».

ئارقا كۆرۈنۈشى

ئىدرىس ھەسەن 2012-يىلدىن باشلاپ ئايالى زەينۇرە ۋە ئۈچ بالىسى بىلەن تۈركىيەدە ياشاپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ تۈركىيەدە مەڭگۈلۈك تۇرۇش كىنىشكىسى بار، ئەمما ئۇنىڭ  «ئىنسانپەرۋەرلىك» تۇرۇش كىنىشكىسى بېرىلگەن. 

خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىدرىس ھەسەننى «تېرورچى» دەپ قارايدىكەن، چۈنكى ئۇ ئىلگىرى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن ئىشلىگەن. خىتاي قانۇنى «تېرورلۇق» ۋە «ئاشقۇنلۇق» نى ھەددىدىن زىيادە كەڭ ۋە مۈجمەل شەكىلدە بەلگىلىگەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە زەربە بېرىشتە قوللىنىلغان.

ئالدىنقى ئايدا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان-ت) ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈزمىڭلىغان مۇسۇلمان ئەر-ئاياللارنى خالىغانچە كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇشى، مېڭە يۇيۇشى ۋە قىينىشىغا دائىر بىر دوكلات ئېلان قىلدى. 

«بىز ئۇرۇشتىكى دۈشمەنلەردەك ياشايمىز: خىتاينىڭ شىنجاڭدا مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇشى، قىينىشى ۋە زىيانكەشلىك قىلىشى» ناملىق 160 بەتلىك بۇ دوكلاتتا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش گۇرۇپپىسى ئونلىغان سابىق مەھبۇسنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئىلان قىلغان بولۇپ، ئۇلار دائىرىلەرنىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ ئىسلام دىنىي ئېتىقادى ۋە ئەنئەنىسىنى، شۇنداقلا رايوندىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئادىتى ۋە يەرلىك تىللىرىنى تۈپتىن يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن قانداق ئاشقۇن تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى.

«تېرورلۇق» قا قارشى تۇرۇش نامىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ جىنايەتلەر ئۇيغۇر، قازاق، تۇڭگان، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە تاجىكلارنى نىشانلىغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يەنە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلىدىغان سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى يولغا قويدى، 60 تىن ئارتۇق تەپسىلىي دېلو تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھازىر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان دەپ قارالماقتا.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى

2021- يىلى 27- ئىيۇل