رۇبىيو ۋە كورتېز ماستو خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي تەسىر ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش قانۇنىنى قايتا تونۇشتۇردى

رۇبىيو ۋە كورتېز ماستو خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي تەسىر ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش قانۇنىنى قايتا تونۇشتۇردى

بايانات

ۋاشىنگىتون - ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ماركو رۇبىيو (R-FL) ۋە كاتېرىن كورتىز ماستو (D-NV) خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كومپارتىيىنىڭ سىياسى تەسىر ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش قانۇنىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ قانۇن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئامېرىكا ۋە دۇنيا مىقياسىدىكى سىياسىي تەسىر يارىتىش ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ قانۇن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەتلىك ئىستىخبارات باش ئىدارىسىنىڭ تارماقلار ئارا خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا ھەمدە بەزى ئىتتىپاقداش ۋە شېرىك دۆلەتلەردىكى ساختا ئۇچۇر تارقىتىش، ئاخباراتنى كونترول قىلىش، ئىقتىسادىي مەجبۇرلاش ۋە تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە مەخپىي دوكلات تەييارلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بۇ قانۇن لايىھىسى يەنە بېيجىڭنىڭ ئامېرىكىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنى، بولۇپمۇ خىتاي، ئۇيغۇر ۋە تىبەت دىئاسپورالىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتىدىن قوغداش ئۈچۈن بىر ئىستراتېگىيە تۈزەشنى تەلەپ قىلىدۇ.

رۇبىئو كېڭەش پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى.

رۇبىئو مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىز خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كومپارتىيىسى ئېلىپ كەلگەن تەھدىتكە داۋاملىق ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، بىزدە چوقۇم بېيجىڭنىڭ يامان غەرەزلىك ۋە مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك سىياسىي تەسىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك قوراللار بولۇشى كېرەك. مەن ئىككى پارتىيەنىڭ بۇ تەشەببۇسىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. بۇ، قانۇن تۇرغۇزغۇچىلار ۋە ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان مەخپىي بولمىغان تارماقلار ئارا بىر دوكلاتنى تەلەپ قىلىدۇ».

كورتىز ماستو مۇنداق دېدى: «بىز دۆلىتىمىزنىڭ دېموكراتىك سىستېمىسىنى چەتئەلنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىشىمىز كېرەك. بۇ قانۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئېلىپ كېلىدىغان ھەقىقىي تەھدىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دېموكراتىيەمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىدۇ».

2021- يىلى 4- ئاۋغۇست

كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيونىڭ سەھىپىسى