يېڭى دوكلات: خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئوۋلىشى

ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) ۋە ئوكۇس ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى جەمئىيىتى (The Oxus Society) 11-ئاۋغۇست «ئاسماندا تور يەردە قاپقان: خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئوۋلىشى» ماۋزۇلۇق يېڭى دوكلات ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي 1990-يىلىدىن باشلاپ پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا دۆلەت ھالقىپ زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىغان. 2001-يىلغا كەلگەندە جەمئىي 27 ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلغان ياكى پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. ئامېرىكا 2001-يىلى يەرشارى خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن كېيىن، خىتاي شۇ باھانە بىلەن پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا زىيانكەشلىكنى كۈچەيتىپ، پاكىستانغا تۈرلۈك ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 2008-يىلغا قەدەر پاكىستاندا تۇتۇپ قېلىنغان ياكى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلار 17 گە يەتكەن.

دوكلاتتا يەنە 2009-يىلى 7-ئايدا خىتاي ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرغاندىن كېيىن، مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەلگە قېچىپ چىققانلىقى، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار پاكىستان ئارقىلىق تۈركىيەگە بارماقچى بولغاندا، 16 ئۇيغۇرنىڭ پاكىستان چېگراسىدا تۇتۇپ قېلىنىپ، خىتاينىڭ تەھدىتى بىلەن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي 2014-يىلى ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى»نى قوزغىغاندىن بۇيان، خىتاينىڭ پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دۆلەت ھالقىغان زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشى تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىپ، 16 گە يېقىن ئۇيغۇر بۇ ئىككى دۆلەتتىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ياكى تۇتقۇن قىلىنغان. خىتاي يەنە بۇ ئىككى دۆلەتتە پاناھلانغان ئۇيغۇرلارغا خاككېرلار، ۋىرۇس ۋە ۋاكالەتچى ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بېسىم ئىشلەتكەن ھەمدە خىتاي تەشكىلاتلىرىدىن پايدىلىنىپ، راۋالپىندىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئۆمەر قانات بۇ ھەقتە توختىلىپ: «پاكىستان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بېقىندىسى بولۇپ قالدى. ئۇلار خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، ئىسلامئاباد ۋە كابۇلدا پاناھلانغان ئاجىز ئۇيغۇرلارغا ئوچۇق-ئاشكارا پاراكەندىچىلىك سېلىپ، تۇتقۇن قىلدى ۋە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەردى... خىتاي ئىقتىسادىي كۈچى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەر خىل زوراۋان شېرىكلەرنى سېتىۋالدى» دېگەن.

ئوكۇس ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى جەمئىيىتىنى رەئىسى بىرەدلى جاردىنBradley Jardineبۇ ھەقتە: «خەلقئارا جەمئىيەت شۇنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەككى، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە سۈكۈت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىمۇ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتا خىتاينىڭ قولچومىقى بولۇپ قالدى. ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېكىنىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىككى دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاھالىسى پاكىستاننىڭ قوللىشى ۋە تالىبان ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە تېخىمۇ ئېغىر زىيانكەشلىككە دۇچ كەلمەكتە، ھەتتا ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەمىنلەنگەن پاناھلىق ئورۇنلىرىنىڭ كۈنسېرى بىخەتەر بولمايۋاتقانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئالاقىدار دۆلەتلەر ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا پاناھلىق بېرىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشقا چاقىرىلغان. ئۇندىن باشقا ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئىسلامئابادتىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى رەت قىلىش ئەھۋالى يۈز بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنى تەكشۈرۈشى تەۋسىيە قىلىنغان.