خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: ب د ت ۋە ئەزا دۆلەتلەر خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى لازىم

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرگە يازغان ئوچۇق خېتىدە مۇنداق دېدى: «خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شەرقىي تۈركىستان-ت) دا داۋاملىشىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىشى ھەمدە ئادالەت ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن زېمىن ھازىرلىشى كېرەك».

بۇ چاقىرىق مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان-ت)دا خالىغانچە قولغا ئېلىنغان ھەمدە كەڭ كۆلەملىك قاماپ قويۇش، تەن جازاسى ۋە باشقا زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىغان يۈز مىڭلىغان مۇسۇلمان ئەر ۋە ئاياللارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان ئىمزا توپلاش پائالىيىتىگە ئوخشاش بولمىغان 184 دۆلەت ۋە رايوندىكى 323 مىڭ كىشى ئىمزا قويغاندىن كېيىن ئىلان قىلىندى. 

دۇنيا مىقياسىدا يۈز مىڭلىغان كىشى بىزنىڭ چاقىرىقىمىزغا ئىمزا قويۇپ، شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بولغان غەزىپىنى ئىپادىلىدى. 

- ئاگنېس كاللامارد، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئاگنېس كاللامارد مۇنداق دېدى:«بۇ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ۋەھشىيلىكى توغرىسىدىكى ئىشەنچلىك دوكلاتلارغا قارىتا تەنقىدچىلەرنى جىمىقتۇرۇش ۋە ئۇرۇپ زەربە بېرىش ئۇرۇنۇشىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنىڭ روشەن ئىپادىسى. ھەر بىر ئىمزا خىتاينى بۇ سىستېمىلىق زىيانكەشلىكنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان بىۋاسىتە چاقىرىق».

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلاردا ۋە تۈرمىلەردە خالىغانچە قامالغان بارلىق كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشى، جازا لاگېرى سىستېمىسىنى بىكار قىلىپ، شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان سىستېمىلىق ھۇجۇمنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك».

خىتاي ئەلچىخانىلىرىغا يەتكۈزۈلگەن ئىلتىماسلار

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ قوللىغۇچىلىرى دۇنيا مىياسىدا 10 شەھەردە ئاممىۋى پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ «شىنجاڭدىكى تۇتقۇنلارغا ئەركىنلىك» ناملىق ئىلتىماسىنى يەتكۈزدى.

7-ئۆكتەبىر، پائالىيەتچىلەر ئەنگلىيەنىڭ لوندوندىكى باش ئەلچىخانىسىغا يىغىلىپ، لاگېردىكى مەھبۇسلار كىيىشكە مەجبۇرلانغان ئالاھىدە كۆك فورما كىيىپ ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ بەردى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پائالىيەتچىلىرى يەنە سېنېگالنىڭ پايتەختى داكار، فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى خېلسىنكى، پېرو پايتەختى لىما، پورتىگالىيە پايتەختى لىسابۇن، ئىسپانىيە پايتەختى مادرىد، فرانسىيە پايتەختى پارىژ، گوللاندىيەنىڭ دەنخاگ، ۋە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھەرلىرىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى پىلانلىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ھىندونېزىيە شۆبىسى توردا سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ۋە پائالىيەتچىلەرنى كۆك فورما كىيىشكە ۋە ئۆزتارتىم سۈرەتكە چۈشۈشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان رەقەملىك ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلدى.

بۇ دۇنياۋى مۇراجىئەتنامە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى2021-يىلى 6-ئايدا باشلىغان ۋە شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە باشقا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلغان خەلقئارالىق ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىدى.

بۇ پائالىيەتتە ئەمەلىيەتتە يىغىۋېلىش لاگېرلىرى بولغان «قايتا تەربىيلەش مەركەزلىرى»دە خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلغان ياكى ئۇزۇن يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 60 نەچچە شەخسنىڭ دېلوسى گەۋدىلەندۈرۈلدى. بۇلار پەقەت خىتاي دائىرىلىرى «تېرورلۇق» قا قارشى تۇرۇش نامىدا تۇتۇپ تۇرغان يۈزمىڭلىغان، ھەتتا بىر مىليوندىن كۆپ بولغان ئەر-ئاياللارنىڭ بىر قىسمى خالاس.

ئائىلىلەرنىڭ يڭېى  گۇۋاھلىقى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شىنجاڭدا خالىغانچە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئون نەچچە ئائىلە ئەزالىرىنى زىيارەت قىلدى ۋە يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن يېڭى سىنلارنى تارقاتتى.

مەمەت ئېلىنىڭ سىڭلىسى خەيرىگۈل نىياز چەتئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان، ئۇنىڭ ئىز-دېرىكى يوق. مەمەتېلى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا: «ئەگەر مەن ئۇنىڭ بىلەن قايتا كۆرۈشسەم ، مەن:« كەچۈرۈ سىڭلىم، سېنى لاگېردىن قۇتۇلدۇرالمىدىم »دەيمەن» دېدى.

ئادىلەنىڭ دادىسى سادىر ئەلى رامىزاندا روزا تۇتقانلىقى ئۈچۈن 2018-يىلى قولغا ئېلىنغان ۋە 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئادىلە: «مەن ھەرگىز چىن قەلبىمدىن خۇشال بولالمايمەن، چۈنكى دادام تۈرمىدە ياكى لاگېردا. خىتاي ھۆكۈمىتى نېمىشقا بىزگە بۇنداق قىلىدۇ؟ »دەپ سورىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ 11 يىلدىن بۇيان يۇرتىنى زىيارەت قىلالمىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.

ھازىر نورۋېگىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇۋېلى ئايۇپ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئۆزىنىڭ تېرورلۇققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ شىنجاڭدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 12 ۋە 14 يىللىق قاماق جازاسىنى ئۆتەۋاتقان سىڭلىسى ساجىدەگۈل ئايۇپ ۋە ئىنىسى ئەركىن ئايۇپ ھەققىدە سۆزلەپ بەردى: «مەن ھەر قېتىم بىرەر ئىش قىلغىنىمدا بۇنىڭ ئائىلەم ئۈچۈن خەتەرلىك بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمەن. ئائىلەمدىكىلەرنى جازادىن ھېچكىم قوغدىيالمايدۇ. بىلىمەن، بەلكىم مېنىڭ سۆزلىرىم خىتاي ھۆكۈمىتىنى بەك ئاچچىقلاندۇرىدۇ، ئەمما ھېچ بولمىغاندا مەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇلارنىڭ سىڭلىمنى قىينىشىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ قويمەن. مەن ئەمدى گەپ قىلىشتىن قورقمايمەن».

شىنجاڭدىكى دەپسەندىچىلىكنىڭ جاۋابكارلىقى

2021-يىلى 6-ئايدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سىستېمىلىق ھالدا دۆلەت تەشكىللىگەن كوللىكتىپ تۈرمىگە سولاش، قىيناش ۋە زىيانكەشلىكلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئىلان خاتىرىلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ رېئاللىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىشنى ياكى تەرەپسىز ۋە ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، جاۋابكار دەپ گۇمان قىلىنغانلارنى ئۆلۈم جازاسىغا مۇراجىئەت قىلماستىن ئادىل سوتلاشنى پۈتۈنلەي خالىمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.


شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ب د ت ئورگانلىرى ۋە ئەزا دۆلەتلەر بۇ دەپسەندىچىلىكلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشتا كېچىكىپ قالدى. دەرۋەقە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يەنە بىر يىغىنى ئالدىنقى ھەپتە رايوندىكى قالايمىقانچىلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ھېچقانداق رەسمىي تەدبىر قوللانماي ئاخىرلاشتى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى بىرلىكتە ئورنىتىپ، خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۈچلۈك ئەيىبلەشكە ھەمدە كۈچلۈك، مۇستەقىل، خەلقئارالىق تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىردى.

ئاگنېس كاللامارد مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن تۆت يىلدا خەلقئارا قانۇن بويىچە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ۋە جىنايى قىلمىشلارغا ئائىت پاكىتلار كۆپەيگەن بولسىمۇ ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر خىتاينىڭ قىلمىشىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىدى».

«خەلقئارا جەمئىيەت شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بوغما ھالەتتىكى رېئاللىقنىڭ قانداقتۇر ئۆزىنى ئوڭشىۋالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشتىن توختىتىشى كېرەك. بەك كۆپ ۋاقىت ئىسراپ بولۇپ كەتتى. ھازىر ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، خەلقئارا قانۇن بويىچە گۇمانلىق جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مەجبۇرىيىتى بار».

2021-يىلى 13-ئۆكتەبىر