ئۆتكەن ئايدا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى ۋە ھۆكۈمەت رەئىسى شۆھرەت زاكىر «ئىستىپا» بېرىپ، ئورنىغا ئەركىن تۇنىياز مۇۋەققەت رەئىسلىككە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، يېقىندا يەنە بىر خىتاي ۋە ئىككى ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەن. خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» بولسا بۇنى دائىرىلەرنىڭ رايوندا داۋاملىق بىخەتەرلىكنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى دەپ قارىدى.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ 18-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇن يىل گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە خىزمەت قىلغان ۋە مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولغان، كېيىنچە خەينەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى بولغان خې جوڭيو(何忠友) «شىنجاڭ پارتكومى»نىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يۈسۈپجان مەمەت ۋە ئىلزات ئەخمەتجان ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇرمۇ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەن.
ئىگىلىنىشىچە، يۈسۈپجان مەمەت 1968-يىلى ئاقسۇنىڭ ئاۋاتتا توغۇلغان. 2019-يىلىدىن بۇيان شەنشى ئۆلكىسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان شىئەن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.
ئىلزات ئەخمەتجان 1975-يىلى توغۇلغان. جۇڭخۇا گوروھى، جوڭخۇا خەلقئارا نىفىت شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەردە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 202-يىلى 4-ئايدا «شىنجاڭ پارتكومى»نىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئەڭ ياش ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم ئەزاسى بولغان.
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ تەيىنلەشلەر، بولۇپمۇ خې جوڭيونىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكىلىشى خىتاينىڭ رايوندىكى بىخەتەرلىك ئەندىشىسىدىن دېرەك بېرىدىكەن.