43 دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى توغرىسىدىكى باياناتى

شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان-ت)دىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى رايون ھالقىغان بىرلەشمە بايانات

43 ئەزاغا ۋاكالىتەن

3-كومىتىت - ب د ت ئومۇمىي يىغىنى

نيۇ-يورك، 2021-يىلى 21-ئۆكتەبىر

مەن ئالبانىيە، ئاۋىستىرالىيە، ئاۋىستىرىيە، بېلگىيە، بۇلغارىيە، كانادا، كىرودىيە، چېخ، دانىيە، ئېستونىيە، ئېسۋاتىنى، فىنلاندىيە، گېرمانىيە، ھوندۇراس، ئىسلاندىيە، ئىرېلاندىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، لاتۋىيە، لىبېرىيە، لىچتېنشتېين، لىتۋا، لىيۇكسېمبۇرگ، مارشال تاقىم ئاراللىرى، موناكو، قاراتاغ، ناۋرۇ، گوللاندىيە، يېڭى زېلاندىيە، شىمالىي ماكېدونىيە، نورۋېگىيە، پالاۋ، پولشا، پورتۇگالىيە، سان مارىنو، سلوۋاكىيە، سلوۋېنىيە، ئىسپانىيە، شىۋىتسىيە، تۈركىيە، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا ۋە ۋەتىنىم فرانسىيەدىن ئىبارەت 43 دۆلەتكە ۋاكالىتەن بۇ رايون ھالقىغان بىرلەشمە باياناتىنى ئىلان قىلغانلىقىمدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن.

بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىمىز.

ئىشەنچلىك دوكلاتلاردا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى «سىياسىي قايتا تەربىيىلەش» لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى كۆرسىتىلدى. بىز كەڭ كۆلەمدە ۋە سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت دوكلاتلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق، بۇلار قىيىن-قىستاق ياكى رەھىمسىزلەرچە، ئادىمىيلىكتىن چىققان ۋە پەسكەش مۇئامىلىلەر ياكى جازالار، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە بالىلارنى مەجبۇرى ئايرىۋېتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رايوندا دىن ياكى ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ھەرىكەت، ئۇيۇشۇش ۋە پىكىر ئەركىنلىكى شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قارىتا قاتتىق چەكلىمىلەر بار. ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرى داۋاملىق كەڭ كۆلەملىك نازارەتنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ كەلدى.

بىز يەنە ب د ت (كىشىلىك ھوقۇق) ئالاھىدە گۇرۇپپىسىنىڭ 29-مارتتىكى باياناتىدا ۋە ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى ئېلان قىلغان خەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان دىنىي ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كوللىكتىپ باستۇرۇلۇشىغا قارىتا ئەندىشىلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز.

بۇ سەۋەبتىن، بىز خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋە ئۇنىڭ ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ شىنجاڭنى دەرھال، ئەھمىيەتلىك ۋە توسالغۇسىز زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشقا، شۇنداقلا «ئىرقىي كەمسىتىشنى يوقىتىش كومىتېتى» CERD نىڭ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك سەككىز تەكلىپىنى جىددىي يولغا قويۇشقا چاقىرىمىز. بىز ئالىي كومىسسارنى ئۇنىڭ بۈگۈنگە قەدەر توپلىغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئىلان قىلىشىنى قارشى ئالىمىز ھەمدە بالدۇرراق نەشر قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىمىز. شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ، بىز ھەر قايسى دۆلەتلەرنى قايتۇرماسلىق پرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز. بىز يەنە خىتاينى «پۇقرالار ۋە سىياسىي ھوقۇقلار خەلقئارا ئەھدىنامىسى» ICCPR نى كېچىكتۈرمەي تەستىقلاشقا چاقىرىمىز.

بىز خىتاينى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشقا تولۇق ھۆرمەت قىلىشقا ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەسىلىسىدىكى دۆلەت ۋە خەلقئارا قانۇندىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىقا دەۋەت قىلىمىز.

رەھمەت

- فرانسىيەنىڭ نيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى

2021-يىلى 21-ئۆكتەبىر

fcqksebwuamno_j