روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بېشى رەھمەت، ئوتتۇرىسى مەغپىرەت ۋە ئاخىرى جەھەننەم ئازابىدىن قۇتۇلۇش بولغان مۇبارەك رامىزاننى ئۇزۇتۇپ، روزا ھېيتنى كۈتۈۋالماقتا؛ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدىكى مەزلۇم مۇسۇلمانلار يەنە بىر ھېيتنى ئىشغال، زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاستىدا ئۆتكۈزمەتكە...

ۋەتەن ئىچى سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ، جۈملىدىن پۈتكۈل ئىسلام ئالىمىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەيمىز! ئاۋازىنى ئاڭلىيالمىغان، ئەھۋال سورىيالمىغان، دىدارلىشالمىغان، يۈرەك مۇڭلىرىمىزنى تۆكەلمىگەن بارچە ئەزىزلەرنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، دىلىغا خاتىرجەملىك ۋە ئەمىنلىك يار بولسۇن!

دوستلۇق، قېرىنداشلىق ۋە تۇغقاندارچىلىق باغلىرىنى چىڭىتىش؛ ئاداۋەت، ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەتتىن يىراق تۇرۇش، ئۆز-ئارا ئەپۇ قىلىش ۋەسىلىسى بولغان بۇ مۇبارەك بايرامنىڭ ھەر بىر ئائىلىگە خاتىرجەملىك، ئازادىلىك ۋە بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىشىگە تىلەكداشمىز!

2022-يىلى 2-ماي، دۈشەنبە