كەبە شەرىف يەريۈزىدە بىنا قىلىنغان تۈنجى قورۇلۇشتۇر. مۇسۇلمانلار كۈندە بەش ۋاقىت نامىزىدا يۈزلىنىدىغان قىبلە، بەيتۇللاھنى ھەج قىلىدىغانلار تاۋاپ قىلىدىغان مۇقەددەس ماكاندۇر.
[إِنَّ أَوَّلَ بَيْتٍ وُضِعَ لِلنَّاسِ لَلَّذِي بِبَكَّةَ مُبَارَكًا وَهُدًى لِلْعَالَمِينَ]
«ئىنسانلارنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن تۈنجى بىنا قىلىنغان ئۆي (ئاللاھنىڭ ئۆيى) مەككىدە دۇر، مۇبارەكتۇر، جاھان ئەھلىگە ھىدايەتتۇر» (ئالى ئىمران96)
تارىخىي رىۋاياتلەردە كىلىشىچە كەبە 12 قېتىم ياسالغان، تۈنجى قېتىملىقىنى پەرىشتىلەر جەننەتنىڭ تاشلىرى بىلەن ياسىغان.
ئۇندىن كېيىن ئادەم ئەلەيھىسسالام ياسىغانىكەن، ئۇندىن كېيىن ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى شىس ياسىغانىكەن. كەبە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە يۈز بەرگەن تۇفان بالاسىدا ۋەيران بولغانىكەن.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئاس رىۋايەت قىلغان ھەدىستا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئاللاھ ئادەم بىلەن ھاۋۋاغا جىبرىل ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا: مەن ئۈچۈن ئۆي بىنا قىلىڭلار دېگەن. جىبرىل ئەلەيھىسسالام كەبىنىڭ ھازىرقى ئورنىنى بەلگىلەپ بەرگەن، ئادەم ۋە ھاۋۋا يەرنى كولاشقا باشلىغان، يەرنىڭ تېگىدىن سۇ چىقشقا باشلىغاندا، جىبرىل ئەلەيھىسسالام كولاشنى توختىتىشقا بۇيرىغان، ئادەم ۋە ھاۋۋا كەبىنى بىنا قىلغاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى كەبىنى تاۋاپ قىلىشقا بۇيرىغان. ئۇلارغا دېگەنكى، سەن ئىنسانلارنىڭ ئەۋۋىلى، بۇ بولسا، بىنالارنىڭ تۇنجىسى.
ئۇندىن كېيىن ئەسىرلەر ئۆتۈپ نۇھ ئەلەيھىسسالام ھەج قىلدى، يەنە ئەسىرلەر ئۆتۈپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەبىنى قايتا بىنا قىلدى».
ئاللاھ تائالا مۇبارەك كەبىنى بىنا قىلىش شەرىپىنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئوغلى ئىسمايىل ئەلەيھىسسالامغا نائىل قىلغان. ئاتا-بالا دەرھال ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ بورۇندىن مەۋجۇت بولغان كەبە شەرىفنى قايتا ياساشقا كىرىشكەن.
{وإذ يرفع إبرهيم القواعد من البيت وإسماعيل ربنا تقبل منا إنك انت السميع العليم}
«ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم، ئوغلى ئىسمايىل بىلەن كەبىنىڭ ئۇلىنى قوپۇرۋېتىپ، رەببىمىز بىزنىڭ بۇ خىزمىتىمىزنى قوبۇل قىلغىن، سەن ھەممىنى ئاڭلاپ، بىلگۈچىدۇرسەن» (بەقەرە127)
دېمەك كەبە بۇرۇندىن مەۋجۇت ئىدى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا پەيغەمبەرلىك كىلىشتىن 5 يىل بورۇن كەبە سەل ئاپىتىدە ۋەيران بولاي دەپ قالغان، ئۇ زامانلاردا مەككە ئەھلى قۇرەيشلەردىن ئىدى، مەككە ئەھلى يىغىلىپ كەبىنى قايتا ياساشنى قارار قىلدى، مەككىدىكى قەبىلىلەر بىرلىشىپ ئىقتىسات توپلاپ كەبىنى قايتا ياساشقا كىرىشتى.
ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير دەۋرىدە كەبە يەزىد ئىبنى مۇئاۋىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن توپقا تۇتۇپ كۆيدۈرۋېتىلگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير قايتا بىنا قىلغان.
1630-يىلى ئوسمان خەلىپىدى 4- مۇراد دەۋرىدە كەبە سۇ ئاپىتىدە يەنە زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ، 4- مۇراد كەبىنى قايتا ياسىغان، شۇ ۋاقىتتىن بىرى بۈگۈنكى ھالىتى ساقلاپ قېلىنماقتا.
كەبىنىڭ ئەتراپى بولسا، ئونلارچە قېتىم بىنا قىلىنغان ۋە بۈگۈنكى ھالىتىگە كەلگەندۇر.
14ئەسىردىن بىرى ئاللاھنىڭ بەيتى مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبى تەلپۈنىدىغان، ھەربىر مۇسۇلمان ھاياتىدا بىر قېتىم بولسىمۇ ھەج پەرزىنى ئادا قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋە شۇ مەخسەتتە بىر ئۆمۈر تاپقان-تەرگىنىنى يىغىپ تەييارلىق قىلىدىغان مۇقەددەس جايدۇر.
{رَّبَّنَا إِنِّي أَسْكَنتُ مِن ذُرِّيَّتِي بِوَادٍ غَيْرِ ذِي زَرْعٍ عِندَ بَيْتِكَ الْمُحَرَّمِ رَبَّنَا لِيُقِيمُوا الصَّلَاةَ فَاجْعَلْ أَفْئِدَةً مِّنَ النَّاسِ تَهْوِي إِلَيْهِمْ وَارْزُقْهُم مِّنَ الثَّمَرَاتِ لَعَلَّهُمْ يَشْكُرُونَ}
«پەرۋەردىگارىمىز! ئەۋلادىمنىڭ بىرقىسمىنى ساڭا ئىبادەت قىلسۇن، ناماز ئوقۇسۇن دەپ سىنىڭ شەرەپلىك ئۆيۈڭنىڭ قېشىدا سۇسىز، گىياھسىز بىر ۋادىغا ئورۇنلاشتۇردۇم. پەرۋەردىگارىمىز! كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى ئۇلارغا تەلپۈنىدىغان، مايىل بولىدىغان قىلغىن. ئۇلارنىڭ شۈكۈرقىلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا تۈرلۈك مىۋىلەرنى رىزىق قىلىپ بەرگىن». (ئىبراھىم37)
مەزكۇر ئايىتى كەرىمەنىڭ روھى بويىچە ئاللاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى بىلەن مەككە شەھرىنى قاقاس چۆل بولىشىغا قارماي موللۇق، باياشاتلىق قىلغاندۇر. ئاللاھنىڭ بەيتىگە ئىنسانلارنىڭ قەلبى تەلپۈنۈپ تۇرۇشى بىر مۆجىزەدۇر.
2022-يىلى 9-ئىيۇل