ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى تىبەت-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە تەكلىپ لايىھەسى سۇندى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى تىبەت بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ لايىھەسى سۇندى. يەنە بىر تەرەپتىن، تىبەتلەرنىڭ مەنىۋى داھىيسى، ھىندىستاندا سۈرگۈندە ياشاۋاتقان دالاي لاما 2020-يىلى خىتاي بىلەن ھىندىستان قانلىق توقۇنۇشقان رايون - لاداخنى زىيارەت قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئورتاق رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مىكگوۋېرن ۋە ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئورتاق رەئىسى مايكىل مىككول 13-ئىيۇل بىرلىكتە «تىبەت-خىتاي توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكلىپ لايىھەسى» (The Promoting a Resolution to the Tibet-China Conflict Act) نى سۇنغان.

مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىدە ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ تىبەت بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ماھىيىتىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەكلىكى، خىتاي بىلەن دالاي لاما ياكى ئۇنىڭ ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى قايتا قوزغىتىشقا تىرىشىش كېرەكلىكى، ئىككى تەرەپنىڭ 2010-يىلىدىن بۇيان رەسمىي يوسۇندا سۆھبەتلىشىپ باقمىغانلىقى، خىتاينىڭ ئىزچىل ھالدا دالاي لاماغا يولسىز تەلەپ قويۇپ كەلگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

تەكلىپ لايىھەسىدە تىبەت خەلقىنىڭ خەلقئارالىق قانۇنغا ئاساسەن ئاپتونومىيە ھوقۇقى بارلىقى، ئەمما خىتاي رېجىمىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك، تىبەت خەلقىنىڭ ئۆز ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولالمىغانلىقى، تىبەت بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ھەل قىلىنمىغان تەقدىردە، تىبەتنىڭ قانۇنىي ئورنىنىڭ يەنىلا خەلقئارا قانۇن ئاساسىدا بېكىتىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

تەكلىپ لايىھەسىدە يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تىبەت ئىشلىرى ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچى ئەمەلدارىنىڭ تۈرلۈك بايانات ۋە ھۆججەتلىرىدە خىتاينىڭ تىبەت ھەققىدىكى، جۈملىدىن تىبەت خەلقى، تىبەت تارىخى ۋە دالاي لاماغا چېتىشلىق تەشكىلاتلار ھەققىدىكى يالغان ئۇچۇرلىرىغا قارشىلىق بىلدۈرۈشى ۋە خىراجەت ئاجرىتىپ، بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

پالاتا ئەزاسى مايكىل مىككول بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ 1950-يىلى تىبەتكە بېسىپ كىرگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ بىلەن كېيىنكى ئىشغالىيەت ۋە باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا سەھنە ھازىرلىغانلىقىنى، خىتاينىڭ تىبەتتىكى ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىش ۋە تارىخ ئويدۇرۇش قىلمىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

 

دالاي لاما لاداخنى زىيارەت قىلدى 

تىبەتلەرنىڭ مەنىۋى داھىيسى، ھىندىستاندا سۈرگۈندە ياشاۋاتقان دالاي لاما 2020-يىلى خىتاي بىلەن ھىندىستان قانلىق توقۇنۇشقان رايون - لاداخنى زىيارەت قىلدى.

فىرانسيە خەلقئارا رادىيوسنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دالاي لاما خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش رايونلىرىنى سەزگۈر ۋاقىتتا زىيارەت قىلغان بولۇپ، مەركىزىي تىبەت مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ رەسمىي تاراتقۇلىرى دالاي لامانىڭ 14-ئىيۇل ئەتىگەندە لاداخقا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى خەۋەر قىلغان. بۇ دالاي لامانىڭ خىتاي ۋىرۇسى تارقالغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم دارامشالادىكى تۇرالغۇسىدىن چىقىپ، تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىشى ئىكەن.

ھىندىستان تاراتقۇلىرى بولسا دالاي لاما ئىككى كۈنلۈك سەپىرىدىن كېيىن لاداخقا يېتىپ بارغانلىقىنى، لاداختا بىر ئاي تۇرۇپ يەرلىكتىكى ئەگەشكۈچىلىرىگە ۋەز ئېيتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

دالاي لاما 1959-يىلى تىبەتنىڭ لاسا شەھىرىدىن ھىندىستانغا قېچىپ كەتكەن بولۇپ، كېيىن ھىندىستاننىڭ دارامشالادا مەركىزىي تىبەت مەمۇرىي ئورگىنىنى، يەنى سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنى قۇرغان. ھىندىستاننىڭ سۈرگۈندە ياشاۋاتقان دالاي لاما ۋە تىبەتلەرنى قوللىشى بېيجىڭ رېجىمى تەرىپىدىن «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق» دەپ ئەيىبلەنگەن.

لاداخ جاممۇ كەشمىر رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، دالاي لاما لاداخنى ئاخىرقى قېتىم 2018-يىلى زىيارەت قىلغان. ئەينى ۋاقىتتىمۇ خىتاي ئوخشاشلا ھىندىستانغا ئېتىراز بىلدۈرگەن. ھىندىستان بىلەن خىتاي 2020-يىلى 6-ئايدا لاداخنىڭ گالۋان ۋادىسىدا قانلىق توقۇنۇشقان بولۇپ، 20 ھىندىستانلىق ئەسكەر ئۆلگەن. ئۆلگەن ۋە يارىلانغان خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ سانى ھازىرغىچە ئېنىق بولمىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپ چېگرا ئەسكەرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇناسىۋەت قاتتىق جىددىيلەشكەن.