14-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 5-قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ خۇلاسە دوكلاتى

14-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 5-قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ خۇلاسە دوكلاتى

14-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى، 5-قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى 1-ئۆكتەبىردىن 4-ئۆكتەبىرگىچە ئىستانبۇلدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات رەھبەرلىرى، ئاكادېمىكلار، ئالىملار، زىيالىيلار، سىياسىي پائالىيەتچىلەر، ياشلار ۋەكىللىرى ۋە خانىم-قىزلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.
 
يىغىندا جىددىي ئۆزگىرىۋاتقان يېڭى دۇنيا ۋەزىيىتى، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان يوقىتىش سىياسىتى توغرىسىدا سۆز قىلىندى ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بېسىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم قەدەملەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.
 
يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان ئاساسىي تېمىلار تۆۋەندىكىچە:
 
• خەلقئارادا شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش ئۇسۇل-چارىلىرى
 
• ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە خىتاي
 
• غەرب دۆلەتلىرىدە قىلىشقا تېگىشلىك تەشكىلىي خىزمەتلەر
 
• تۈرك دۇنياسىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى
 
• شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنى ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىدا قانات يايدۇرۇشنىڭ ئۇسۇل-چارىلىرى
 
• ئىسلامىي نۇقتىئىنەزەردىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى
 
• شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ قىزىل سىزىقلىرى ۋە ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلىرى
 
• مىللىي مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇقنى قوغداشنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئەھمىيىتى
 
• شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كېلەچىكى
 
• شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە ئەھدە روھى
 
• خەلق دىپلوماتىيەسى ۋە خەلقئارادا ھەق-ھوقۇق كۈرىشى
 
• شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا مائارىپ ھەرىكىتى
 
• سىياسىي كۈرەش ئەھدىنامىسى
 
• تۇيغۇداشلىق ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋايىمىز
 
• شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئاياللارنىڭ ۋەزىپىلىرى
 
• ئىستىخبارات ھەرىكىتى ۋە بىخەتەرلىك قوغدىنىش مېتودلىرى
 
• ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ كېلەچىكى
 
• تەشكىلىي ئاپپاراتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىسلاھات يۈرگۈزۈش مېتودلىرى
 
• ئۆزگىرىۋاتقان يېڭى دۇنيا تەرتىپىدە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم خىزمەتلەر
 
يۇقىرىقى تېمىلار ئاساسىدا ھەرقايسى ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئۆلىمالار ۋە ئاكادېمىكلارنىڭ مەخسۇس تەييارلىغان لېكسىيەلىرى سۇنۇلدى ۋە بۇ ئاساستا تۆۋەندىكى نۇقتىلار يەكۈنلەندى:
 
1. مەزكۇر ئۇچرىشىش ۋە مىللىي بىرلىك شۇراسىغا قاتناشقان بارلىق تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە باشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ بىردەك ھالدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئاساسىي پىرىنسىپنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئاساستا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئاساسىي نىشانى قىلىشقا چاقىرىق قىلىش.
 
2. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈرك دۇنياسىنىڭ، ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىنىڭ ۋە شۇنداقلا پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دەۋاسىغا ئايلاندۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ پەقەتلا ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى مىللىي مۇستەقىللىق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش.
 
3. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، دەۋايىمىزدا قوللىنىلىدىغان ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇملاردا بىردەكلىك ھاسىل قىلىش.
 
4. دەۋادا بۈگۈنگىچە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى رەسمىي كۈچكە ئايلاندۇرۇش.
 
5. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى دىنىي ۋە مىللىي قېرىنداشلىرىمىز بولغان تۈرك دۇنياسىغا ۋە ئەرەب- ئىسلام دۇنياسىغا قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش.
 
6. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ يۇمشاق كۈچىنى بەرپا قىلىش.
 
7. غەربىي تۈركىستاندا خەلق دىپلوماتىيەسى ھەرىكىتىنى كۈچەيتىش.
 
8. خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا قارشى تەشۋىقاتلارنى قانات يايدۇرۇش ۋە خىتايغا قارشى كۈچلۈك جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرۈش.
 
9. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسلامىي ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداش، ئىسلام دىنىنىڭ زۇلۇم ۋە ئىشغالىيەتكە قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى تەلىماتلىرىنى ئەمەلىي كۈچكە ئايلاندۇرۇش.
 
10. تەشكىلاتلىرىمىز ۋە دەۋا ئادەملىرىمىزدە ئەھدە روھىنى بەرپا قىلىش.
 
11. تەشكىلاتلاردا خىزمەت تەقسىماتىنى ئېنىق بېكىتىش، خىزمەتلەرنىڭ شەخسكىلا تايىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش.
 
12. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا ئورتاق نىشان، ئورتاق ئىدىيە بەرپا قىلىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، خىتاينىڭ بۆلۈش سىياسىتىگە ھوشيار بولۇش.
 
13. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا تۇيغۇداشلىققا ئىگە جەمئىيەت ياكى مىللەت سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىش.
 
14. ئاياللارنىڭ دەۋادىكى رولىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى توغرا ئىدىيە ۋە توغرا پىكىر بىلەن تەربىيەلەش ۋە ئاياللار خىزمىتىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش.
 
15. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى مۇئەسسەسەلەشتۈرۈش ۋە كەسپىيلەشتۈرۈش.
 
16. مۇستەقىللىق دەۋايىمىزنىڭ خەلقئارالىق قانۇنلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش.
شۇرا جەريانىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرە نەتىجىسىدە تۆۋەندىكى تەۋسىيە ۋە تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى:
 
1. يەككە پائالىيەتچىلىكتىن تەشكىلىي پائالىيەتچىلىككە ئۆتۈش، ئېنېرگىيە ۋە كۈچنى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈش.
 
2. ھەرخىل ئېھتىماللىق ۋە ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا مۇۋاپىق ئىستراتېگىيە شەكىللەندۈرۈش.
 
3. شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك ئەرەب دۇنياسىدا نەشر قىلىنىۋاتقان تەتقىقاتلارنى كۆزىتىش ۋە تەتقىقاتچىلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلاش.
 
4. ئىسلام دۇنياسىدىكى ئۆلىمالار بىرلىكلىرى، پەتىۋا ئورگانلىرى ۋە مەشھۇر شەخسلەرنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىش.
 
5. دەۋايىمىزغا ئىزباسار يېتىشتۈرۈش.
 
6. ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دۆلەتلەردە شۆبە ۋە مەركەز ئېچىش ئارقىلىق دەۋانىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش.
 
7. تەشكىلاتلار ئۇچراۋاتقان قانۇنىي، ئىدارىي، ئىقتىسادىي ۋە ئادەم كۈچى جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ھەل قىلىش.
 
8. ھەرقايسى تەشكىلاتلار، دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق ئورگانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە تەلەپلىرىمىزنى كونكرېتلاشتۇرۇش.
 
9. ئىستىخبارات ساھەسىدە كەسپىي خادىم يېتىشتۈرۈش.
 
10. مىللىي شۇرانىڭ تېخىمۇ نەتىجىلىك بولۇشى ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلىش، قاتناشقۇچىلارنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە ھەرخىللاشتۇرۇش ھەمدە تېمىلارنى كونكرېتلاشتۇرۇش.
 
11. دەۋانىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياشلارنى ھەرخىل ئەمەلىي تۈرلەر ۋە خىزمەتلەر بىلەن قوللاش.
 
يىغىن جەريانىدا مىللىي مۇستەقىللىققا ئېلىپ بارىدىغان يول ۋە ئىستراتېگىيەلەر ھەققىدە تەكلىپلەر سۇنۇلغان ۋە قارارلار چىقىرىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئالاقىدار بىر قانچە نۇقتا سەزگۈر بولغانلىقى ئۈچۈن يىغىن ئەھلىگە يېپىق قېلىشى مۇۋاپىق كۆرۈلدى.
 
جانابىي ئاللاھتىن بۇ يىغىننىڭ ۋەتىنىمىز، مىللىتىمىز ئۈچۈن مەنپەئەتلىك بولۇشىنى، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قىممەتلىك تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىنى، بىزگە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىدىغان ئەقىل ۋە جاسارەت ئاتا قىلىشىنى تىلەيمىز، ئامىن!
 
ھۆرمەت بىلەن:
14- دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى
5- شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى