ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئىشىكىنى چېكىشكە مۇۋەپپەق بولدۇق

رابىيە قادىر، كۆك بايراق
( بۈگۈن "تەيپپېي ۋاقتى گېزىتى"دە ئېلان قىلىنغان مۇشۇ تېمىدىكى باياناتنىڭ تەرجىمىسى)
2022-يىلى 11-ئۆكتەبىر
 
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپ لايىھەسى 19-17 ئاۋاز بىلەن رەت قىلىندى. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ، بۇ ئاۋاز ئۈستۈنلىكىنى، خىتاينىڭ غەلىبىسى دەپ تەن-تەنە قىلدى. ئەلۋەتتە بۇ، بىز-ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە قارشى بىر تەن-تەنىدۇر. ئەمما بىز بۇ ئاۋاز پەرقىنى مەغلۇبىيەت دەپ قارىمايمىز، چۈنكى بىز بۇ 17 ئاۋازغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھىچبىر دۆلەتكە پۇل بەرمىدۇق، ھىچبىر دۆلەتكە بېسىم ئىشلەتمىدۇق، ھىچ بىر دۆلەتكە بويۇنتۇرۇق سالمىدۇق. بىز بۇ 17 ئاۋازغا پاكىت ۋە ھەقىقەت بىلەن ئېرىشتۇق.
 
مەزكۇر ئاۋاز پەرقى ، بەلكىم دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ھەركىتى ۋە غەرپنىڭ خەلقئاارا سەھنىدىكى تەسىرى نۇقتىسىدىن مەغلۇبىيەتلىك بىر نەتىجە بولۇشى مۈمكىن. ئەمما بىز - ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۈچۈن، بۇ ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئىشىكىنى چېكىشكە مۇۋەپپەق بولۇش غەلىبىسىدۇر. خىتاي دەۋرلەردىن بىرى ئۇيغۇر دېگەن نامدىكى ھەرقانداق بىر مەسىلىنىڭ ب د ت دا ئېغىزغا ئېلىنىپ قېلىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن توسۇپ كەلدى: ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى كۆپ قېتىملاپ، ب د ت يىغىنلۈىرىدىن چىقىرىۋەتتى. چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قايتۇرۇپ ئەكىتىلدى، شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىشى چەكلەندى. مەقسەت ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ب د ت بوسۇغىسىغا يولاتماسلىق ئىدى.
 
شۇنداق بولۇشىغا قارىماي بۈگۈن، گەرچە تەكلىپ لايىھە قوبۇل قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى خەلقئارا سەھنىدە كۈنتەرتىپ ئىگەللىدى.
 
خۇاچۇنيىڭ يەنە بۇ ئاۋاز ئۈستۈنلىكىنى "تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ غەرپ ۋە ئامېرىكا ئۈستىدىكى غەلىبىسى" دېدى . ئۇنداق ئەمەس، بۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مۇھتاجلىقتىن قاتىل بىر دۆلەتكە ئەگىشىشىدۇر؛ بۇ دۇنيادىكى زوراۋان ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۆزلىرىگە كېلىدىغان خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەركىتىدۇر. خىتاينىڭ ئارقىسىدا مەنپەئەت ئۈچۈن ئەگەشكەن مىڭ كۇبا، 100 پاكىستان، 1000 ۋېنىزۇللا بولسىمۇ، بىزنىڭ ئارقىمىزدا ھەق ئۈچۈن تىك تۇرغان بىر لېتۋانىيە، بىر فرانسىيە ياكى چېخىيەنىڭ بولۇشى يېتەرلىكتۇر ، بۇ بىزنىڭ پەخرىمىز، كۈچىمىز ۋە ئۈمىدىمىزدۇر!!!!
 
بۇ ئاۋاز پەرقى خۇا چۈنيىڭ دېگەندەك، ھەقنىڭ ناھەق ئۈستىدىن غەلىبىسى ئەمەس، مەككارلىقىنىڭ راستچىللىق ئۈستىدىن غەلىبىسى، زورۋانلىقنىڭ ھەقىقەت ئۈستىدىن غەلبىسىدۇر. بۇ ئۆتكۈنچى بىر غەلىبىدۇر. چۈنكى خىتاي قىرغىنچىلىق يولى بىلەن ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، ئىنسانىيەتكە ۋە ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە قارشى ئۇرۇش ئېچىۋاتىدۇ.
 
تەكلىپ لايىھەنىڭ رەت قىلىنىشى، بىزنىڭ تەخمىنىمىزنىڭ سىرتىدىكى ئاقىۋەت ئەمەس . شۇڭا يولىمىزدىن، نىشانىمىزدىن تەۋرىنىپ قالغىنىمىز يوق.
 
6 يىل بۇرۇن خىتاي مىليونلارچە ئۇيغۇرنى لاگىرغا سولىدى دېگەن ۋاقتىمىزدا، دۇنيا ئىشەنمىگەن ئىدى، 2 يىلدىن كېيىن ب د ت مۇتەخەسىسلىرى 2 مىليون ئۇيغۇرنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.2019‏-يىلى22غەرپ دۆلىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياستىنى تەنقدىلبپ باياناي ئېلان قىلغاندا، خىتاي 65 دۆلەتنى بۇنىڭغا قارشى باياناتقا ئىمزا ئاتقۇزغان ئىدى. ئەمما، ب د ت نىڭ ئۇيغۇر دوكىلاتىدىن كېيىن، ئۇ65 دۆلەت 21 گە تۆۋەنلىدى.
 
70 يىلدىن بۇيان خىتاي ئىستىلاسىنىڭ زىياەنكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىر خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خىتاي تەھدىدىنىڭ نىمە ئىكەبنلىكىنى تولۇق بىلىمىز، شۇڭا بۈگۈن خىتاينى قوللاپ ئاۋاز بەرگەنلەرنىڭ ھامان بىر كۈنى بۇ ئاۋازى ئۈچۈن نومۇسلا ئەمەس، پۇشايمان قىلىدىغانلىقى، تارىخنىڭ تېگىشلىك جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
 
1997 ‏-يىلى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالبرىت خانىم تۇنجى قېتىم ب د ت دا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغىنىدا، گېپىنى " جوڭگۇدا ئۇيغۇر دەپ بىر مىللەت بار " دەپ باشلىغان ئىدى. يەنى بار-يوقلىقىمىز ئىزاھات تەلەپ قىلاتتى. بۇگۇن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بارمۇ-يوق دېگەن تىما مۇزاكىرىگە كېلىش ھارپىسىدا تۇرىۋاتىدۇ. 30 يىلدىن بۇيان خىتاي ئۇيغۇرلارنى يوقۇتۇش پلانىنى قانچە تېزلىتىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق باسقۇچىغا كۆتۈرگەن بولسا، بىز ئۇيغۇر پائالىيەتچىرىمۇ ئۇيغۇر داۋاسىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بوسۇغىسىچە ئېلىپ كېلدۇق. بۇ بىزنىڭ غەلىبىمىزنىڭ باشلانغۇچى. بىز شۇنىڭغا چەكسىز ئىشىنىمىزكى بۈگۈن نەتىجە 17-19 بولغان بولسا، ھامان بىر كۈنى 46-1 گە ئۆزگۈرىدۇ. چۈنكى 19 ئاۋاز دۇنيانىڭ بۈگۈنكى رەزىل رېئاللىقىنىنى ئەكس ئەتتۈرسە، ، 17 ئاۋاز ئىناسنلىقنىڭ ئەسلىدىكى ئېسىل تەبىئىتىنى ، شۇنداقلا بىزنىڭ ئىستىقبالىمىزنى يورۇتۇپ تۇرۇپتۇ.
 
ئەلۋەتتە بىز بۇ نەتىجىدىن ، دۇنيانى، جۈملىدىن قوشنىلىرىمىز ۋە " تۇققانلىرىمىز"نى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ چۈشەنگەن بولدۇق، بۇ چۈشنىش بىزنى تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ چىدامچان، تەدبىرلىك بولۇشقا ئۈندىدى، بىزنى چېنىقتۇردى.
 
ئاخىرىدا 6 يىلدىن بۇيان لاگىر ۋە تۈرمىلەرگە سولۇنۇپ ياتقان، ئائىلىلىرى پارچىلابغان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۇتقۇن نامىدىن بىز ئۈچۈن ئاۋاز بەرگەن 17 ۋەكىلنىڭ دۆلىتى ۋە خەلقىغە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.
 
رابىيە قادىر: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى
كۆك بايراق: ئۇيغۇر ئامېرىكىلىق كۆزەتكۈچى