ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» ئېچىلىش نۇتۇقى

خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى

ئېچىلىش نۇتقى

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى، تەشكىلات رەھبەرلىرى، يۇرتداشلىرىم، خانىملار ۋە ئەپەندىلەر. بۇ پۇرسەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، نۇتقۇمنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقىغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىم ۋە ئارزۇلىرىم بىلەن باشلايمەن.

مەن يەنە بۇ مۇھىم پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەر ۋە قوللىغۇچىلارغا چىن كۆڭلۈمدىن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن، چۈنكى بۇ، يېقىنقى يەتمىش يىلدىن بېرى خىتاينىڭ خەلقىمىزنىڭ نىشانلىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىتىش ئۈچۈن بىرلەشكەن ئاۋاز بەرپا قىلىشقا ھازىرلانغان بىباھا بىر سەھنە بولدى.

دۇنيادىكى نۇرغۇن خەلقلەر تامامەن ھۆرلۈككە ئېرىشكەن بۈگۈنكى كۈندە، 20-ئەسىردىكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن پۈتۈن خەلقلەر ئورتاقلىشىپ قولغا كەلتۈرگەن دۇنيا تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت ۋە خەتەر شەكىللەندۈرۈۋاتقان خىتاينىڭ قورقۇنچلۇق زۇلۇم سىياسىتى، كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئىنسانىيلىققا قارشى جىنايەتلىرىگە شاھىت بولۇۋاتىمىز. بۇ يەردە تەكىتلەۋاتقان نۇقتام بولسا «ھەرگىز قايتىلانمىسۇن» دېگەن پاجىئەنىڭ خىتاينىڭ زەھەرخەندە قوللىرى ئاستىدا تەكرارلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى بولۇۋاتقانلىقى.

نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى دۇنيا مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشۇپ كەلگەن بىر مىللەتنى تامامەن يوقىتىشنى نىشانلاپ قىلىنىۋاتقان خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ خەلقئارالىق سەۋىيەدە ئېتىراپ قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئۇچۇرلارغا ئىگە ئىكەنلىكىڭلار شۈبھىسىز. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىرىنى، جۈملىدىن مىليونلىغان بىگۇناھ خەلقنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولىنىشى، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ۋە تەسۋىرلىگۈسىز ئېغىر زۇلۇملارغا دۇچ كېلىشى، ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئوغرىلىنىشى، دىنىي، مىللىي ئەنئەنىلىرىنىڭ ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە نەرسىنىڭ جىنايەتكە ئايلىنىشى، مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىق ئېچىنىشلىق رېئاللىقنى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ زۇلمەتلىك سەھىپىلىرىدىن بىرى دېسەك ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز. پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان ياردەم ئۈچۈن نىدا قىلماقتا!

شۇڭلاشقا بۇ يەردىكى ھەر بىرەيلەننىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى، ئىنسانىيەتنى قوزغىتىشنى نىشانلاپ، بۇ خەلقئارالىق ئۇيغۇر مۇنبىرىنى قۇرغان جاسارىتىڭلاردىن تولىمۇ مىننەتدارمەن.

ئۇيغۇرلار تارىختىن بېرى نۇرغۇنلىغان پادىشاھلىقلارنى، دۆلەتلەرنى قۇرۇپ يېتەكچى رول ئوينىغانلىقى، ھەمىشە ئۈنۈمدار، ئىقتىدارلىق ۋە تىنچلىقپەرۋەر بىر خەلق بولغانلىقى ئىسپاتلانغانلىقىغا قارىماي، دۆلەت قولى بىلەن ئىجرا قىلىنغان ئەڭ ۋەھشىي تېررور، قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇمغا دۇچ كەلگەن بىردىنبىر مىللەت بولۇپ قالدى.

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پەقەتلا خەلقئارا تۈزۈم ۋە تەرتىپنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولالايدىغان ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارزۇسى بار. ئەگەر بىز ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرەلىسەك، شەرقىي تۈركىستان خەلقى شۈبھىسىزكى خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە تۆھپە قوشىدۇ.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، دۇنيا شەرقىي تۈركىستان بىلەن تېخىمۇ بىۋاسىتە ئالاقە قىلىشى كېرەك. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن ئايرىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى بىلەن كۆپ تەجرىبىگە ئېرىشتى ۋە بۇ رەزىل قىياپىتىنى باشقا جايلارغىمۇ تەدرىجىي كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى خوڭكوڭدا دېموكراتىيە يوق، تەيۋەن ھەربىي تەھدىتكە دۇچ كەلدى، كىچىك ۋە نامرات دۆلەتلەر خىتاينىڭ قەرز تۇزىقىغا چۈشۈپ قالدى، يەر شارى ئىقتىسادىي تەرتىپى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ سىڭىپ كىرىشى بىلەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. بۇلار يەتمىگەندەك جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا ئېغىر تىپتىكى ھەربىي بازا قۇرۇپ، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرگە بىۋاسىتە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. خىتاي ياۋروپا دۆلەتلىرى مىقياسىدا ئاتالمىش ​​«ساقچى پونكىتى»، «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» ۋە تور ھۇجۇمى مېخانىزمى ئورنىتىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى.

شى جىنپىڭنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ھاكىمىيىتىنى كەلگۈسى بەش يىل ياكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىش ئارقىلىق، مۇتلەق كونتروللۇقنى قولغا ئېلىشى خىتاينىڭ خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە قانداق خەتەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنىڭ روشەن بەلگىسى. بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋە خەۋپى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسى كۈنسېرى كۈچەيدى، دۆلەتلەر تەدبىر قوللىنىپ، خىتاينىڭ تەھدىتىنى توسۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىق ئورناتتى. ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، ياۋروپا دۆلەتلىرى، ھىندىستان ۋە تەيۋەن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى. خەلقئارا جەمئىيەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى كەسكىن ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقان بۇ پەيتتە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ھەققىدە دۇنيانى خەۋەرلەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھۆر ئىرادىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان، كونسېرۋاتىپ سىياسىي ھەرىكەتتىكى خەلقئارالىق تەشكىلات بولۇپ، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى قەدىرلەيدىغان باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلار، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئەزا دۆلەتلىرى ۋە خىتاينىڭ خەۋپىگە ئۇچرىغان بارلىق مەنپەئەتدارلار بىلەن تېخىمۇ زور ۋە تېخىمۇ بىۋاسىتە ئالاقە قۇرۇش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاداققى نىشانى قىلىدۇ. بىز مۇستەقىللىق نىشانىمىزغا يېتىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت، تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەر بىلەن ماس مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن، بىزنىڭ ئىرادىمىزنى قوللىغان بارلىق قاتناشقۇچىلارغا چىن كۆڭلۈمدىن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە شۇنى ئېنىق تەكىتلەيمەنكى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر دۇنياۋى ئەندىشە. ب د ت، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ۋە خەلقئارا ئەدلىيە مەھكىمىسى قاتارلىق خەلقئارالىق ئورگانلار چوقۇم ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك. دۇنيا چوقۇم ئويغىنىپ، خىتاينىڭ يوشۇرۇن تەھدىتىنى ھېس قىلىشى ۋە ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، ئادالەت ۋە تىنچلىقنىڭ بۇ ئورتاق دۈشمىنىگە قارشى تۇرۇشى كېرەك. سىلەرگە كۆپ رەھمەت.

 

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى

ياۋروپا پارلامېنتى، بىريۇسسېل، بېلگىيە

09112022