ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ 10-دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدىكى باياناتى

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكولاس بېرنىس(Nicholas Burns)نىڭ 10-دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدىكى باياناتى

بۇنىڭدىن 47 يىل ئىلگىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنى ماقۇللىدى. دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ بۇ خاتىرە كۈنى بىزگە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تەنتەنىلىك مەجبۇرىيىتىمىزنى ئەسلىتىدۇ. ئامېرىكا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكنى قوغداشتىكى خەلقئارالىق ۋەدىسىنى ئورۇندىيالمىغانلىقىدىن يەنىلا ئەندىشە قىلماقتا.

بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان-ت)دا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىنى، تىبەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى، خوڭكوڭغا ۋەدە قىلغان ئاپتونومىيىنى بۇزۇپ تاشلىشىنى، تىنچ شەكىلدە پىكىر بايان قىلغۇچىلارنى خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇشنى ۋە دۇنيا مىقياسىدىكى دۆلەت ھالقىغان تەشۋىقاتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىمىز. بىز تىنچ نامايىش، دىن ئەركىنلىكى، سۆز ئەركىنلىكى، ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى داۋاملىق قوللايمىز.

مىنىستىر بىللىنكېن ئېيتقاندەك: «ئامېرىكا ئۆزىنى مۇكەممەل دەپ قارىمايدۇ، ئەمما بىز ھەر كۈنى ياخشىلىنىشقا، ئۆزىمىزنى جاۋابكارلىققا تارتىپ، تېخىمۇ مۇكەممەل ئىتتىپاققا ئايلىنىشقا تىرىشىمىز». شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانداق قىلىپ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھوقۇقنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى دىپلوماتىك ئۆمىكى

2022-يىلى 10-دېكابىر