دۇنيا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل

 
دىننىڭ ئاساسى مۇھەببەت. مۇھەببەت ھەممىدىن كۈچلۈك نەرسە. پۇل –مال ياكى كۈچ بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلارنى مۇھەببەت بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدۇ. مۇھەببەت قاتتىق قەلبلەرنى يۇمشىتىدۇ، كۆڭۈللەرنى مايىل قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ]فَبِمَا رَحْمَةٍ مِنَ اللَّهِ لِنْتَ لَهُمْ وَلَوْ كُنْتَ فَظًّا غَلِيظَ الْقَلْبِ لَانْفَضُّوا مِنْ حَوْلِكَ [« (ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا سىلىق مۇئامىلىدە بولدۇڭ. ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ئۇلار سېنىڭ ئەتراپىڭدىن تارقىلىپ كېتەتتى » دېگەن. مۇھەببەت كۆڭۈللەرنى يۇمشىتىدىغان، دىللارنى ياشارتىدىغان، ئىناقلىقنى كۈچەيتىدىغان، ئادەمنى بەختلىك قىلىدىغان نەرسە. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بەخت-سائادىتى مۇھەببەت بىلەن بولىدۇ. مۇھەببەت ھەقىقىي مەنىسىدە ئومۇملاشقان ئائىلىلەرنى ھەقىقىي بەختلىك ئائىلە دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى ھەقىقىي مۇھەببەت بار يەردە بېغىشلاش بولىدۇ، بېغىشلاش بولغان ئىكەن بەخت- سائادەت ئۆزى كېلىدۇ. ئائىلىدىكى ھەربىر ئەزا باشقىسى ئۈچۈن بېغىشلىسا بۇ ئائىلە بەختكە چۆمگەن ئائىلە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بەختلىك ئائىلىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: « ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىدىن بىرى، ئاياللاردىن ئۇنىسى – ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن يارىتىپ، ئاراڭلاردا مېھىرـ مۇھەببەت ئورناتقانلىقىدۇر» (رۇم سۈرىسى: 21- ئايەت).
 
ئەپسۇسلىنارلىقى ـ كۈنىمىزدە، مۇھەببەت سۆزى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قۇلاقلىرىغا چىرايلىق ئاڭلانمايدۇ. ئۇلار مۇھەببەت دېسە، ئۇنى بىر گۇناھ ئىش دەپ ھېسابلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، پاك مۇھەببەت ــ بەخت ـ سائادەتنىڭ ئاچقۇچى. كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت سۆزىنى بىر خىل گۇناھ ـ مەسىيەت دېگەن قاراش بىلەن چۈشىنىپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى زامانىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت شوئارى ئاستىدا ئۆزىگە ھالال بولمىغان بىرلىرى بىلەن يولسىز ئالاقە باغلىشى، ھەتتا پاھىشە ئىشلارنى قىلىشى دېيىشكە بولىدۇ. ئەسلىدە بۇنداق ناشايان ئىشلار مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى ئەدەپسىزلىك سانىلىدۇ. بىز مۇھەببەتتتىن ئىبارەت بۇ بىباھا گۆھەردىن نېمىشقا پايدىلانمايمىز؟ بىر-بىرىمىزگە مۇھەببەت سۆزىنى ئېيتىشقا نېمىشقا بەخىىللىق قىلىمىز؟
 
ئەسلىدە مۇھەببەت سۆزىنى ئېيتىشنىڭ ئۆزىمۇ سائادەت بېغىشلايدۇ. سىز جورىڭىزغا سىزنى ياخشى كۆرىمەن دېگەن ۋاقتىڭىزدا، سىز ئاشۇ بىر ئېغىز سۆزىڭىز بىلەن ئۇنىڭغا دۇنيالارچە خۇشاللىقنى تەقدىم قىلغان بولىسىز. ئەر بولسىڭىز ئايالىڭىزغا مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن دېگەن ۋاقتىڭىزدا ئۇنىڭ چىرايىدا جىلۋىلەنگەن سائەدەتنى ئەلۋەتتە كۆرەلەيسىز ھەم ئۆزىڭىزمۇ خۇشاللىققا تولىسىز. چۈنكى بىراۋنى خۇش قىلالىغانلىق ئاددىي ئىش ئەمەس. ئايالىڭىز سىزدىن خۇشال بولغاندىن كېيىن ئۇ سىزنى خۇشال قىلىشنىڭ يولىنى ئىزدەيدۇ، ھۆرمىتىڭىزنى ئاشۇرۇپ قىلىدۇ. خىزمىتىڭىزنى كۆڭۈل بۆلۈپ قىلىدۇ ۋە سىزگە بولغان سەمىمىيىتىنى ئىپادىلەشنىڭ ھەممە يوللىرىنى تەجرىبە قىلىدۇ. ئەگەر سىز ئايال بولسىڭىز ئېرىڭىزگە مەن سىىزنى ياخشى كۆرىمەن ياكى ئۆيدە سېغىنىپ قالىدىكەنمەن دېگەن ۋاقتىڭىزدا ئېرىڭىزنىڭ چىرايىدىكى رازىمەنلىك سىزنى ئەلۋەتتە خۇشاللىققا تولدۇرىدۇ، بەلكى سىزگە سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى ھەدىيە قىلىشقا تىرىشىدۇ. سىز بالىڭىزغا مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن ئوغلۇم ياكى قىزىم دېگەن ۋاقتىڭىزدا ئۇنى خۇشاللىققا، بەخت ۋە ئىشەنچ تۇيغۇسىغا چۆمدۈرىسىز. سىز بۇنداق قىلىش ئارقىلىق قارشى تەرەپنى خۇشال قىلىپ ئۆزىڭىزدە سائادەت ھېس قىلىسىز، يەنە بىر تەرەپتىن ئىبادەتنىڭ ساۋابىنى تاپىسىز. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «چىرايلىق گەپتە سەدىقىنىڭ ساۋابى بار» دەپ كۆرسەتكەن. يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «سىلەر بىرىنى ياخشى كۆرسەڭلار، ئۇنىڭغا ‹مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن› دەڭلار» دەپ كۆرسەتكەن.
 
بىر تەربىيە مۇتەخەسسىسى لېكسىيەسىدە مۇنداق دەپ سۆزلىگەن: «بىر پەرزەنتنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئائىلىدە تۇغۇلۇشى، ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي مۇھىتتا چوڭ بولۇشى شۇ بالىنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي دۇنياسىدا چەكسىز پەرقلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ مۇھىتنىڭ شۇ بالىغا بەرگەن غىدىقلىشى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، شۇ بالىلاردا چوڭ پەرقلەر پەيدا بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئامېرىكىلىق بىر پىسخولوگىيە ئالىمى مۇنداق دېگەن:
 
«ئەگەر پەرزەنت زىددىيەتلىك مۇھىتتا ياشىسا، ئۇ باشقىلارنى ئەيىبلەشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بولۇپ چىقىدۇ
 
ئەگەر پەرزەنت دۈشمەنلىشىش مۇھىتىدا ياشىسا، ئۇ ئۇرۇشقاق بولۇپ چىقىدۇ.
 
ئەگەر پەرزەنت قورقۇنچ ئىچىدە ياشىسا، ئۇ غەمكىنلا يۈرىدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ.
 
ئەگەر پەرزەنت رىغبەتلەندۈرۈش ئىچىدە ياشىسا، ئۇ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەم بولۇپ چىقىدۇ.
 
ئەگەر پەرزەنت ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان مۇھىتتا ياشىسا، ئۇ ئەتراپىدىكىلەرنىمۇ ھۆرمەتلەيدىغان بولۇپ چىقىدۇ.
 
ئەگەر پەرزەنت بىخەتەر مۇھىت ئىچىدە ياشىسا، ئۇ باشقىلارغىمۇ ئىشىنىدىغان بولۇپ چىقىدۇ.
 
ئەگەر پەرزەنت دوستلۇق ئىچىدە ياشىسا، ئۇ ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ نەقەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدىغان بولىدۇ».
 
بۇ پىسخولوگنىڭ پىكرىگە كۆرە، بالىلار كىچىكىدىنلا مەدەنىي، ئىناق، رىغبەتلەندۈرەلەيدىغان، دوستانىلىق بىلەن تولغان مۇھىت ئىچىدە ياشاپ چوڭ بولسا، ئۇ چوقۇم كۆڭلى مۇھەببەت بىلەن تولغان، ئىنسابلىق، دىيانەتلىك، باشقىلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلەيدىغان، ئۈمىدۋار بولۇپ يېتىشىپ چىقىدىكەن.