غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 26 يىللىق خاتىرە كۈنى

غۇلجادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق نامايىشىنى باستۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي قوراللىق كۈچلىرى. 1997-يىلى 5-فېۋرال.

1997- يىلى 5-فېۋرال شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىنچ شەكىلدە ئۆز ھەق - ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان نامايىشى خىتاي ساقچىلىرى ۋە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ قانلىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان ئىدى. بۇ زور قەتلىئامدا مىڭلىغان كىشى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.

بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكى ۋە دىنىي تۇرمۇشىغا بولغان بېسىمنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي دائىرىلىرى ئىلى خەلقنىڭ ھاياتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان مەشرەپ پائاليەتلىرىنى سەۋەبسىزلا چەكلەيدۇ. ھاراقكەشلىك، زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇش ۋە باشقا ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە قارشى ئىسلاھات رولىنى ئويناپ كەلگەن مەشرەپلەرنىڭ چەكلىنىشى ۋە باشقا دىنىي باستۇرۇشلار 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى غۇلجىدا مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەپسۇسكى، بۇ تىنچ نامايىش قانلىق باستۇرۇلدى.

غۇلجادىكى قىرغىنچىلىقتىن 26 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە بۇ ۋەقەنى مۇستەقىل كىشىلەر ياكى ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە يول قويمايدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقى بۇ كۈننى 4-ئاپرىل بارىن ئىنقىلابى ۋە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى بىلەن بىرگە، خىتاي ئىشغالىغا قارشى بىر ئىسيان ۋە بىر قىرغىچنىلىق دەپ ياد ئېىتپ كەلمەكتە.

2023-يىلى 5-فېۋرال