ئەسر سۈرىسىنىڭ تەپسىرى

(نەشر قىلىنىش ئالدىدىكى «تەپسىر جەۋھەرلىرى» ناملىق تەپسىردىن ئېلىندى)
 
 
ئەسر سۈرىسى مەككىدە نازىل بولغان، 3 ئايەتلىك سۈرە بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىدە، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىن ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەل _ ئىبادەتلەرنى قىلغان ۋە بىر _ بىرىگە ھەقىقەتنى تەۋسىيە قىلغانلاردىن باشقىلارنىڭ چوقۇم زىيان تارتىدىغانلىقىنى قەسەم بىلەن تەكىتلىگەن.
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: زىياندىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ كاپالەتلىك چارىسىنى بايان قىلىش ۋە ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.
 
بۇ سۈرىنىڭ ئىسمى بىرىنچى ئايەتتە كەلگەن «زامان»، «ناماز ئەسىر ۋاقتى»، «يۈز يىل» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان «العصر» (ئەل ئەسر) دېگەن سۆزدىن ئېلىنغان.
 
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ
 
وَالْعَصْرِ. إِنَّ الْإِنْسَانَ لَفِي خُسْرٍ. إِلَّا الَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَتَوَاصَوْا بِالْحَقِّ وَتَوَاصَوْا بِالصَّبْرِ.
 
تەرجىمىسى
 
ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
 
1 _ 3 _ زامان بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئىنسان چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر. پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر – بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان ۋە (ئۇنىڭدا) چىداملىق بولۇشنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەرلا زىيان تارتمايدۇ.
 
تەپسىرى
 
ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىدە زامان بىلەن قەسەم قىلىپ، ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر- بىرىگە ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشنى ۋە تائەت- ئىبادەتتە، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداشتا چىدامچان بولۇشنى تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن باشقىلارنىڭ زىيان ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. «ئايەتتىكى زاماندىن ۋاقىت كۈزدە تۇتۇلىدۇ»( ).
 
«ئاللاھ تائالا زامان بىلەن، ئۇنىڭدىكى ئىبرەتلەر بىلەن بۇ كائىناتنىڭ ۋە بۇ زامانلارنىڭ بىر ئىگىسى، باشقۇرۇپ تۇرۇۋاتقان بىر ئىلاھى بار ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان بىر _ بىرىگە زىت ئەھۋاللار بىلەن قەسەم قىلىدۇ. كائىناتقا ئىبرەت نەزىرى بىلەن قارىغان ئادەم ئۇنىڭ ھەر تەرىپىدە ۋە ھەربىر كۆرۈنۈشىدە بۇ كائىناتنىڭ ياراتقۇچى ئىگىسى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىغا، ئۇنىڭ بىرلىكىگە، چەكسىز قۇدرىتىگە ۋە ئىلىم _ ھېكمىتىگە دالالەت قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان ئالامەتلەرنى ۋە ئوپئوچۇق دەلىل _ پاكىتلارنى كۆرىدۇ. مەسىلەن: كېچە بىلەن كۈندۈز، ساقلىق بىلەن كېسەللىك، ھايات ۋە ئۆلۈم، قورقۇش ۋە ئامانلىق، ئىسسىقلىق ۋە سوغۇقلۇق، ئاچلىق ۋە توقلۇق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر _ بىرىگە زىت ئەھۋاللار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىغا شەكسىز دالالەت قىلىدۇ. شەكسىزكى، بۇ بىر _ بىرىگە زىت ئەھۋاللارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ۋە بۇلارنى زامان ئىچىدە شۇنداق ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان زات ئاللاھ تائالادۇر. زاماننىڭ بۇ ئىشلارغا ھېچبىر تەسىرى يوقتۇر، چۈنكى، ھەممە ئىش كائىناتنىڭ ئىگىسى ۋە باشقۇرۇپ تۇرغۇچىسى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى ۋە ئەمرى بىلەن بولىدۇ»( ).
 
ئىنسان كۇفرىلىقنى ۋە گۇناھ _ مەئسىيەتلەرنى ئۆزى ئۈچۈن راۋا كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ چوقۇم زىيان ئىچىدە، ئازغۇنلۇق ۋە ھالاكەت ئىچىدىدۇر. ئۇنىڭ ئاقىۋىتى تولىمۇ خەتەرلىك ۋە ياماندۇر. پەقەت ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسىنى تونۇپ، ئۇنىڭ ھەققىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىپ، شۇ ئىمانىغا لايىق ھەرىكەت قىلغان، ئۆزىنىڭ ياشاش تەرزىنى شۇ ئىمانىنىڭ تەقەززاسىغا توغرىلىغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر _ بىرىگە ھەقىقەتتە، ئادالەتتە، دۇرۇسلۇقتا، ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇشنى، ھەق يولدا مۇستەھكەم تۇرۇشنى، ھەق يولدىكى جاپا _ مۇشەققەتلەرنى كۆتۈرۈشكە چىداملىق بولۇشنى، بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە، كېلىشمەسلىكلەرگە ۋە قىيىنچىلىقلارغا سەۋرچان بولۇشنى تەۋسىيە قىلىشقانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. يەنى بۇنداق كىشىلەر زىيان ئىچىدە ئەمەس.
 
چۈنكى، ھەقىقەت يولىدا مۇستەھكەم تۇرۇش ئوڭاي ئەمەس، بۇ يولدا توسقۇنلۇقلار ۋە قىيىنچىلىقلار كۆپ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دۇنيا ئىمتىھان ۋە سىناق دۇنياسى بولۇپ، ئىنسان ياخشى بىلەن يامان، ھەق بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشلەردە ھەمىشە ئىمتىھان قىلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئىنسانلار ھەق يولدا مۇستەھكەم تۇرۇش ۋە سىناقلارغا قارشى چىداملىق ۋە كۈچلۈك بولۇش ئۈچۈن بىر- بىرىگە بۇنى تەۋسىيە قىلىشىشقا موھتاجدۇر. چۈنكى، ئىنسان ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرسە، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشنى ۋە ئۇنىڭدا چىداملىق بولۇشنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن باشقىلارنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
 
دېمەك، ياخشىلىقنى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى ئۆزىڭىزلا قىلىشىڭىز كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى باشقىلارنىمۇ ئۇنىڭغا چاقىرىشىڭىز ۋە بۇ ياخشىلىقنى، ياخشى ئەمەللەرنى ئۇلارغىمۇ ئۆگىتىشىڭىز كېرەك. چۈنكى، سىزنىڭ ئىسلام دىنىغا مەنسۇپ بولغانلىقىڭىز سىزدىن شۇنى جىددىي تەلەپ قىلىدۇ. ئەمر _ مەرۇپ، ۋەز _ نەسىھەت (يەنى كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش) مەجبۇرىيىتى ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئۈستىگە بۇيرۇلغان پەرزدۇر. بۇنى ھەركىم ئۆز ئىقتىدارىنىڭ يېتىشىچە، ئىمكانىيىتىنىڭ يول قويۇشىچە ئادا قىلىدۇ. بۇ مەجبۇرىيەت تىل بىلەن دەۋەت قىلىش بىلەنلا ئەمەس، بەلكى مۇھىم بولغىنى ئۆزى ياشاپ كۆرسىتىش، ئۈلگە بولۇش، ئىسلامنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن نامايان قىلىش بىلەن بولىدۇ. چۈنكى، دىن ئېغىز بىلەنلا يەتكۈزۈلمەيدۇ، بەلكى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە مۇئامىلە بىلەن يەتكۈزۈلىدۇ. بىزنىڭ يولباشچىمىز ۋە ئۈلگىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەنە شۇنداق قىلغان. مۇسۇلمانلىق _ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ۋە جاپا _ مۇشەققەتكە ئۆزىنى ئېتىش دېگەنلىكتۇر. بۇ يولدا جاپا بار، قىيىنچىلىق بار، خەتەر بار، ئۆلۈم بار. بۇنىڭغا چىدام كۆرسەتكەن ۋە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش يولىدا سەۋر _ تاقەتلىك بولغان كىشىلەر ئەڭ ياخشى ئاقىۋەتكە ئىگە بولىدۇ.
 
ئەللامە مۇھەممەد راتىب نابلىسى بۇ سۈرە ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئىنسان ئۈچۈن زامان (يەنى ۋاقىت) بىلەن قەسەم قىلدى. ئىنسان ئەمەلىيەتتە زاماننىڭ ئۆزىدۇر. چۈنكى، ئىنساننىڭ ئۆمرى كۈنلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتىدىن ئۆتكەن ھەربىر كۈن ئۇنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ئىنسان چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر﴾ دېگەنلىكىنىڭ مەنىسى شۇكى، ۋاقىت ئىنساننىڭ دەسمايىسى، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش پۇرسىتى، جەننەتنى قازىنىدىغان سەرمايىسى بولۇپ، ئىنساننىڭ ھاياتىدىن ئۆتكەن ھەربىر لەھزە، ھەربىر مىنۇت ۋە ھەربىر سائەت ئۇنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىپ ماڭىدۇ. چۈنكى، ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۆمرىنى بىللە ئېلىپ كېتىدۇ. مانا بۇ ھەقىقىي زىياندۇر. تىجارەتتىكى ھەقىقىي زىيان تىجارەتكە سالغان دەسمايىدىن ئايرىلىپ قېلىش بولغاندەك، ئىنساننىڭ ھاياتىدىكى ھەقىقىي زىيان ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ، ئۆمرىنىڭ مەنىسىز، بىكارغا ئۆتۈپ كېتىشىدۇر. شۇڭا ئۆمرىنى ۋە ۋاقتىنى ئىمان بىلەن، ياخشى ئەمەللەر بىلەن، بىر-بىرىگە ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشنى، بۇ يولدا چىداملىق بولۇشنى تەۋسىيە قىلىشىش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىنسان زىياندىن مۇستەسنادۇر»( ). چۈنكى، بۇنداق ئىنسان ئۆمرىنى زايە قىلىۋېتىشتىن ساقلانغان ۋە ھاياتىنى يۇقىرىقى ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئۆتكۈزگەن بەختلىك ئىنساندۇر.
 
مۇھىم نۇقتىلىرى
 
1. ئەسر سۈرىسى ئىسلام دىنىنىڭ مەقسەت ۋە غايىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىدۇر. شۇڭا ئىمام شافىئىي: «ئەگەر ئاللاھ بەندىلىرىگە بۇ سۈرىدىن باشقىسىنى نازىل قىلمىغان بولسىمۇ، مۇشۇ سۈرىنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلغان بولاتتى»( ) دېگەن.
2. ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ چوڭ زىيان تارتقۇچىلار كاپىرلاردۇر.
3. ئاخىرەتتىكى نىجاتلىقنىڭ ئاساسلىق ئامىلى ئىمان بىلەن ياخشى ئەمەلدۇر.
4. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا بىر _ بىرىگە ھەقىقەتنى تەۋسىيە قىلىشى ۋە سەۋر _ تاقەتنى ئۆگىتىشى پەرزدۇر.