بەرگەن قول ئالغان قولدىن ياخشى

مۇھەممەد يۈسۈپ 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «بەرگەن قول ئالغان قولدىن ياخشى» دېگەن سۆزى ھەربىر مۇسۇلمان ئويلىنىپ بېقىشقا ۋە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك تولىمۇ ھېكمەتلىك، ئىخچام ۋە مېغىزلىق سۆزدۇر. مۇسۇلمان ئىسلام بىلەن شەرەپلەنگەن ھۆرمەتلىك كىشى بولۇپ، ئىسلامنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىززىتىگە داغ چۈشۈرىدىغان ھەرقانداق ئىشتىن يىراق تۇرۇشى، مەردلىك ۋە سېخىيلىق قاتارلىق گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن ئەخلاقلىنىشى، ئۆزىنى بۇ دىنغا لايىقلاشتۇرۇشقا، باشقىلارغا بىچارە، موھتاج، تەمەخور، ھورۇن، نان قېپى كۆرۈنمەسلىككە ئەھمىيەت بېرىشى تولىمۇ مۇھىم. چۈنكى، ئىسلامنىڭ ئىززىتى ۋە ھۆرمىتى مۇسۇلمانلار باغلىق. بۇرۇنقى مۇسۇلمانلار ئىسلامنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىززىتىنى كۆتۈرگەن بولسا، ھازىرقى مۇسۇلمانلار چۈشۈرمەكتە. زامانىمىزدا شۇنداق مۇسۇلمانلارمۇ باركى، ئۆزلىرىنى ئىسلامغا مەنسۇپ قىلىشقا ئەسلا لايىق ئەمەس. چۈنكى، ئۇلاردا ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىك، يالغانچىلىق، تەمەخورلۇق، ئاچكۆزلۈك، ھەسەتخورلۇق، ھورۇنلۇق، ۋەدىسىدە تۇرماسلىق قاتارلىق ناچار ئىللەتلەرنىڭ ھەممىسى تېپىلىدۇ.

كۈنىمىزدە كۆپ قىسىم مۇسۇلمانلار ئەڭ سەل قاراۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھالال- ھارام مەسىلىسىدۇر. ھارام يېيىش باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئوغرىلاپ يېيىشنىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە تېگىشلىك بولمىغاننى ئېلىش، تېنى ساغلام، كۈچلۈك، ياش تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزۈش، خەيرىيەت جەمئىيەتلىرى تارقاتقان ياردەمنى ئۆزىدىن ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئاچكۆزلۈك قىلىپ ئېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەزىلەر: «خەيرىيەت جەمئىيەتلىرى تارقاتقان ياردەمنى ئالغان كىشى كەمبەغەلنىڭ بىرەر نەرسىسىنى ئېلىۋالمىغان تۇرسا، قانداق ھارام يېگەن بولىدۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن. دەيمىزكى، ياردەمگە تېگىشلىك بولمىغان كىشى شۇ ياردەمنى ئېلىش ئارقىلىق ياردەمگە ھەقلىق بولغان ئېھتىياج ئىگىسىنىڭ ھەققىنى يەۋالغان بولىدۇ. چۈنكى، ناۋادا ئۇ ئاچكۆزلۈك قىلىپ ئالمىسا، ئۇنىڭ ئالىدىغىنىنى ھەقلىق كىشى ئالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنداق ئەھۋالدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن: «شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئادەم پۇل-مالنى نەدىن تاپتى؟ ھالالدىنمۇ، ھارامدىنمۇ؟ ھېچ ئەھمىيەت بەرمەيدىغان بولۇپ كېتىدۇ»[1].

ھالال- ھارامنى ئايرىماسلىقنىڭ زىيانلىرى تۆۋەندىكىچە:

1.  ھارام پۇل-مالنىڭ بەرىكىتىنى يوق قىلىۋېتىدۇ. ئاللاھ تائالا جازانە قىلغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ جازانىنى (بەرىكەتسىز، پايدىسىنى يوق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئارىلاشقان مالنى) توزۇتۇۋېتىدۇ، سەدىقىنى (ئۆستۈرۈپ، پايدىسىنى) زىيادە قىلىپ بېرىدۇ»[2]. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ھارامنىڭ ئەڭ چوڭى بولغان جازانىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ھەرقانداق ھارامنىڭ بەرىكەتسىز بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2.  ھارام دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىغا توسالغۇ بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ئىنسانلار! ئاللاھ پاكتۇر، ئۇ پاكنىلا قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ پەيغەمبەرلەرگە مۇنداق دەپ بۇيرۇغان: ‹ئى پەيغەمبەرلەر! ھالال، پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىمەن›[3]، ئاللاھ مۇئمىنلەرگىمۇ پەيغەمبەرلەرگە بۇيرۇغاننى بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: ‹ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، پاك نەرسىلەردىن يەڭلار›[4]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاندىن مۇنداق دېگەن: «بىراۋ ئۈستى بېشىنى چاڭ توزان قاپلىغان، چاچلىرى چۇۋۇلغان ھالەتتە ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ ‹ئى رەببىم! ئى ئىگەم!› دەپ دۇئا قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭ يېگەن ـ ئىچكەنلىرى ھارامدىن، كىيگەنلىرى ھارامدىن بولۇپ، ئۇ ھارامدىن ئوزۇقلانغان تۇرسا، قانداقمۇ ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولسۇن؟!»[5]. بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى شۇكى، بىراۋ دۇئاسى ئىجابەت بولۇشقا لايىق ئەڭ بىچارە قىياپەتتە ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلسىمۇ، ھارامدىن ئوزۇقلانغانلىقى ئۈچۈن دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ. ساھابىلەر يېمەك – ئىچمەكلىرىنىڭ ھالال بولۇشىغا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرەتتى، ئۇلار ھالاللىقى ياكى ھاراملىقىدا ئازراق شۈبھە بولغان نەرسىلەردىنمۇ خۇددى ئوتتىن قاچقاندەك قاچاتتى. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر كىشى تەرىپىدىن ھەدىيە قىلىنغان يېمەكلىكنى يەپ بولۇپ، ھالاللىقىدا شۈبھە بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، قولىنى ئاغزىغا تىقىپ ناھايىتى تەسلىكتە ياندۇرۇۋەتكەنلىك قىسسىسىمۇ ساھابىلەرنىڭ ھارام يېيىشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكە يېتەرلىكتۇر.

3.  ھارام قەلبنى بۇزىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەلبنىڭ ساغلام بولۇشى يېمەك-ئىچمەكنىڭ ھالال بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھالالمۇ، ھاراممۇ ئېنىقتۇر. لېكىن، بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۈبھىلىك (يەنى ھالال ياكى ھاراملىقى ئېنىق بولمىغان) نەرسىلەرمۇ بار، كۆپ ئادەملەر بۇنى بىلمەيدۇ. كىمكى شۈبھىلىك نەرسىلەردىن ساقلانسا، دىنىنى ۋە پاكلىقىنى ساقلاپ قالىدۇ؛ شۈبھىلىك ئىشلارغا چۈشۈپ قالسا، خۇددى چېگرا ئەتراپىدا قوي باققان كىشىنىڭ چېگرادىن ئۆتۈپ كېتىش ئېھتىمالى بولغاندەك ھارامغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. بىلىڭلاركى، ھەربىر پادىشاھنىڭ چېگراسى بولىدۇ، ئاللاھنىڭ چېگراسى ئۇنىڭ ھارام قىلغان ئىشلىرىدۇر. ئاگاھ بولۇڭلاركى، بەدەندە بىر پارچە گۆش بار، ئۇ تۈزەلسە بەدەننىڭ ھەممىسى تۈزىلىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا، بەدەننىڭ ھەممىسى بۇزۇلىدۇ، ئۇ بولسا قەلبتۇر»[6]. ئىمام ئەھمەد دىللار نېمە بىلەن يۇمشايدۇ؟ دەپ سورالغاندا، «ھالال يېيىش بىلەن»[7] دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەن.

4.  ھارام ئەمەل-ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولۇشىغا توسالغۇ بولىدۇ. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «خەيبەر غازىتى كۈنى ئارىمىزدىن بىر كىشى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى، كىشىلەر: ‹پالانى شېھىت بولدى› دېيىشتى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ياق، مەن ئۇنى غەنىيمەت مېلىدىن ئوغرىلىغان بىر چاپان سەۋەبلىك دوزاختا كۆردۈم› دېدى، ئاندىن ماڭا: ‹ئى ئۆمەر! كىشىلەرگە: جەننەتكە پەقەت مۇئمىن ئادەملا كىرىدۇ،  دەپ ئېلان قىلغىن› دېدى. مەن كىشىلەرنى چاقىرىپ ئېلان قىلدىم»[8].

5.  ھارام جەننەتكە كىرىشكە توسالغۇ بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ھەققىنى يالغان قەسەم قىلىپ ئېلىۋالىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنى دوزاخقا لايىق قىلىدۇ». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئازراق نەرسە بولسىچۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋابەن: «گەرچە دەرەخنىڭ بىرەر شېخىغا چاغلىق نەرسە بولسىمۇ شۇنداق بولىدۇ»[9] دېگەن.

6.  ھارام قەبرە ئازابىغا سەۋەب بولىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «ھۇنەين غازىتىدا ئالتۇن ياكى كۈمۈش ئەمەس، پەقەت مال - چارۋا، كىيىم- كېچەك دېگەندەك نەرسىلەرنىلا غەنىيمەت ئالغان ئىدۇق. رىفائە ئىبنى زەيد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مىدئەم ئىسىملىك بىر قارا تەنلىك قۇل ھەدىيە قىلغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ۋادىلقۇرا دېگەن جايغا بېرىپ چۈشتۇق، مىدئەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈك-تاقلىرىنى چۈشۈرۈۋاتاتتى، توساتتىن بىر ئوق كېلىپ ئۇنىڭغا تەگدى ۋە ئۆلدى. كىشىلەر: ‹ئۇنىڭ شېھىت بولغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن!› دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ‹ياق، جېنىم ئىلكىدە بولغان زاتنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنىڭ قەبرىسى ئۇ ھۇنەين غازىتىدا غەنىيمەتتىن ئوغرىلىغان بىر كىيىم سەۋەبلىك ئوتقا ئايلاندى› دېدى. ئاندىن بىر كىشى بىر ياكى ئىككى بوغقۇچنى ئېلىپ كېلىپ: ‹يارەسۇلۇللاھ! مەن بۇنى خەيبەر غازىتىدا ئالغان ئىدىم› دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ‹بىر ياكى ئىككى بوغقۇچ بولسىمۇ دوزاخقا سەۋەب بولىدۇ› دېدى»[10].

قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە زاكات ۋە سەدىقە مۇنۇ ئايەتتە كۆرسىتىلگەن شەخسلەرگە ھالال بولىدۇ: «زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى (ئىسلامغا) مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، (قايتۇرالمايدىغان) قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، يول خىراجىتىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇساپىرلارغا بېرىلىدۇ»[11].

ھازىر ئىقتىسادىي ياردەمگە موھتاج بولۇۋاتقانلار ئاساسەن ئىككى تۈرلۈك كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار پېقىرلار بىلەن مىسكىنلەردۇر.

 پېقىر — پۇل-مېلى زاكات ئايرىش ئۆلچىمىگە يەتمىگەن كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

مىسكىن — ھېچقانداق مال - مۈلكى، ھەتتا يېتىپ قوپىدىغان ئۆي - جايىمۇ يوق ھاجەتمەن دېگەنلىكتۇر. مىسكىننىڭ ئەھۋالى پېقىرنىڭكىدىن ناچار بولىدۇ.

ئاز بولسىمۇ ئائىلىسىنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، دورا-دەرمەك، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش، ئائىلىسىدىكىلەرنى داۋالىتىش قاتارلىق چىقىملىرىغا يەتكۈدەك ئىقتىسادى بار ئادەم پېقىر ياكى مىسكىن كاتىگورىيەسىگە كىرمەيدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ خەيرىيەت جەمئىيەتلىرىدىن ياكى شەخسلەردىن ياردەم ئېلىشى ھالال ئەمەس، شۇنداقلا ئۇلارغا زاكات ياكى سەدىقە بېرىش دۇرۇس بولمايدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ زاكات ياكى سەدىقە يېيىشى ھالال ئەمەس. يېمەك-ئىچمەك، كىيىم –كېچەك، دورا-دەرمەك قاتارلىق بارلىق ئېھتىياجلار ھالالدىن بولمىسا، دۇئا ئىجابەت بولمايدۇ، ھەتتا ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولماسلىق خەۋپى بار. شۇڭا، تۇرمۇشتا ھالال- ھارام مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىش ناھايىتى مۇھىم. ھالالنىڭ ھېسابى، ھارامنىڭ ئازابى بار.

تۆۋەندىكىلەرگە ياردەم ھالال بولىدۇ:

1.  گەرچە ئۆزى ياش، كۈچى بار بولسىمۇ، ئىش تاپالمىغانلىقتىن ياكى تاپقان پۇلىنى ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجلىرىغا يەتكۈزەلمىگەنلىكتىن ۋە ياكى پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن خىراجەت تاپالمىغانلىقتىن، خەيرىيەت جەمئىيەتلىرى ياكى شەخسلەردىن ياردەم ئالغان كىشىلەر ھارام يېگەن سانالمايدۇ، ئۇلارغا زاكات ۋە سەدىقە ھالال بولىدۇ.

2.  گەرچە ئۆزى ياش بولسىمۇ، كېسەل ۋە باشقا سەۋەبلەردىن ئىشلەشكە قادىر بولالمىغان كىشىلەر مەيلى خەيرىيەت جەمئىيەتلىرىدىن بولسۇن ياكى شەخسلەردىن بولسۇن ياردەم ئالسا ھالال بولىدۇ.

3.  ياشىنىپ قالغانلىقتىن ئىشلەشكە قادىر بولالمىغان، باققۇچىسىمۇ بولمىغانلىقتىن يوقسۇللۇق تارتىپ قالغان كىشىلەرگە زاكات ۋە سەدىقە بېرىشكە بولىدۇ. ئۇلار قايسىبىر تەرەپتىن ياردەم ئالسا ھالال بولىدۇ.

ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن پۇل-مال سورىغان ئىدىم، بەردى. يەنە سورىۋىدىم، يەنە بەردى. ئۈچىنچى قېتىم سورىۋىدىم، يەنە بەردى. ئاندىن ماڭا مۇنداق دېدى: ‹ئى ھەكىم! پۇل-مال دېگەن ئادەمنى قىزىقتۇرىدىغان تاتلىق نەرسە. كىمكى ئۇنى قانائەتچانلىق بىلەن ئالسا، بەرىكەت قىلىدۇ، ئاچكۆزلۈك قىلىپ ئالسا، بەرىكەت قىلمايدۇ. بۇنداق ئادەم يەپ تويمايدىغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. بەرگەن قول ئالغان قولدىن ياخشىدۇر›. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ‹يارەسۇلۇللاھ! سىلىنى ھەق دىن بىلەن ئەۋەتكەن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلىدىن كېيىن ھېچكىمدىن بىر نەرسە ئالمايمەن› دېدىم»[12].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ۋەھيى تەربىيەسى بىلەن تەربىيەلەنگەن زاتلار بولۇپ، مال – دۇنيا ئۇلارنىڭ يۈرىكىدە ئەمەس قولىدا، بېشىدا ئەمەس، ئاياقلىرى ئاستىدا ئىدى. شۇڭا، ئۇلار مال - دۇنيانى ئىسلام دەۋىتىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتەلىگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئىززەت ۋە ھۆرمىتىنى ساقلاش، باشقىلارغا يۈك بولۇۋالماسلىق، ئېغىرلىقىنى سالماسلىق، باشقىلارنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرنى تەمە قىلماسلىق ئاساسىدا تەربىيەلەپ چىققان بولۇپ، ئۇلار مۇشۇ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن ئۆز ۋاقتىدا دۇنيا خەلقىنىڭ ئۇستازلىرىغا ئايلانغان. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقىدىن تەسىرلىنىپ ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن.

بەزى رىۋايەتلەردە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن كىشىلەردىن بىر نەرسە سورىماسلىققا ئەھدە ئالغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەۋف ئىبنى مالىك ئەل ئەشجەئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز يەتتە، سەككىز ياكى توققۇز كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە: ‹ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە بەيئەت قىلمامسىلەر؟› دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. بىز قوللىرىمىزنى ئېچىپ: ‹سىلىگە بەيئەت قىلدۇق ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! نېمىگە بەيئەت قىلىمىز؟› دېۋىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ئاللاھقا ھېچنەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىشقا، بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشقا، ئىتائەت قىلىشقا ۋە كىشىلەردىن نەرسە سورىماسلىققا بەيئەت قىلىڭلار› دېدى. بىز شۇنىڭدىن كېيىن ئارىمىزدىن بىرەرسىمىزنىڭ قامچىسى يەرگە چۈشۈپ كەتسە، ‹شۇنى ئېلىپ بېرىڭ› دېيىشتەك ئىشتىمۇ كىشىلەردىن ياردەم سورىمايدىغان بولۇپ كەتتۇق»[13].  ئىمكانقەدەر كىشىلەردىن ياردەم سورىماسلىق ۋە ھەركىم ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش ئىسلام دىنىمىز تەرغىپ قىلغان گۈزەل ئەخلاق بولۇپ، بەرگەنلەر ھەر زامان ئالغانلاردىن ھۆرمەتلىك ۋە ئىززەتلىك بولۇپ كەلگەن. قۇياش يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق بەرگەنلىكى ئۈچۈن شۇنچىلىك يېقىملىق ۋە سۆيۈملۈكتۇر. تەبىئەت ئۆزىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى بىلەن  ئىنسانلارغا ھۇزۇر بېغىشلىغانلىقى ئۈچۈن سۆيۈملۈك ۋە قەدىرلىكتۇر. ئىنسانلارمۇ ئېلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى بېرىش، تەقدىم قىلىش ئارقىلىق سۆيۈلىدۇ، قەدىرلىنىدۇ. تارىختىن بېرى ئالغانلارنىڭ ئەمەس، بەرگەنلەرنىڭ نامى يادلىنىپ كەلمەكتە. ۋەتەن ئۈچۈن ئىسسىق جېنى ۋە پۇل- مېلىنى تەقدىم قىلغانلانىڭ ھەيكەللىرى تىكلىنىپ، ناملىرى يادلىنىپ كەلگەن. ئىنسانىيەت تارىخىدا، باشقىلارغا يۈك بولۇپ ياشىغانلارنىڭ، بېرىشتە يوق، ئېلىشتا بارلارنىڭ نام –نىشانى قالغىنى يوق. ئەكسىچە، بەرگەنلەرنىڭ، مەردلەرنىڭ ۋە سېخىيلەرنىڭ نام-شۆھرىتى ئەسىرلەردىن بېرى خاتىرلىنىپ كەلمەكتە.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «كىمكى ئۆزىنى پاك تۇتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى پاك قىلىدۇ. كىمكى كىشىلەردىن بىر نەرسە سوراشتىن ساقلىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى باشقىلارغا موھتاج قىلمايدۇ»[14] دەپ كۆرسەتكەن. ھەقىقەتەن، ھاجەتلىرىنى ئاللاھتىن باشقىسىدىن تىلىمىگەن، ئۆزىگە تايانغان كىشىلەرنى ئاللاھ تائالا ئۆز دەرگاھىدىن مۇكاپاتلايدۇ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ، ئۇلارغا قانائەتتىن ئىبارەت تۈگىمەس بايلىق ئاتا قىلىدۇ، كىشىلەر ئالدىدا ئىززەت - ھۆرمىتىنى زىيادە قىلىدۇ.


[1] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
[2] سۈرە بەقەرە، 276- ئايەت.
[3] سۈرە مۇئمىنۇن، 51 – ئايەت.
[4] سۈرە مائىدە، 88 ـ ئايەت
[5] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[6] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
[7] «مناقب الإمام أحمد»، 255- بەت.
[8] ئىمام مۇسلىم ەىۋايىتى.
[9] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[10] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
[11] سۈرە تەۋبە، 60- ئايەت.
[12] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
[13] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[14] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.