سوۋغىتىم قۇرئان بولسۇن!

 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز خەلقىم! ھەممىڭلارغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى، مەغپىرىتى ۋە بەرىكىتى مول بولسۇن!
 
كۆزىمىزنىڭ نۇرى، قەلبىمىزنىڭ باھارى، دىنىمىزنىڭ دەستۇرى، ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەنبەسى، توغرا يولنىڭ يېتەكچىسى، ھەقىقەتنىڭ مەشئىلى بولغان ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى نەشردىن چىقتى.
 
بۇ تەرجىمە پېقىرنىڭ 21 يىللىق ئىزچىل ئەمگىكىنىڭ سەمەرەسى بولۇپ، 2019- يىلى تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنىپ، كەڭ مۇسۇلمان خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن تەلەپ ۋە تەكلىپلەرگە ئاساسەن، تەرجىمىنى قايتا نەشر قىلدۇرۇشنى ئويلاشتۇق. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۆپرەك ئۆلىمالارنى قاتناشتۇرۇپ تەرجىمىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈش قارارىغا كەلدۇق. 2020- يىلى 8- ئايدىن باشلاپ، قېرىندىشىم ئەبۇ بەكرى قاراجىم بىلەن «قۇرئان كەرىم» تەرجىمىسىنى كۆرۈپ چىقىشقا باشلاپ، ھەر كۈنلۈك كۆرگەن ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىسىنى شۇ ئاخشىمى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردۇق، ئاخشاملىق مۇزاكىرىمىز ئىككى سائەتتىن تۆت سائەتكىچە داۋاملاشتى. شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز تەرجىمىنى قايتا كۆرۈپ چىققان بولدۇق. مۇزاكىرە قىلىش جەريانىدا، ئۆزىمىز قارارلاشتۇرۇشتا ئىككىلىنىپ قالغان جايلارنى ساۋاقدىشىم ۋە دوستۇم دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ بىلەن مۇزاكىرە قىلدۇق.
 
2021- يىلى 5- ئايدا، ئىستېداتلىق ئۆلىمالىرىمىز ئىچىدىن بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ، تەرجىمىنى قايتا تەكشۈرۈپ چىقىشنى قارار قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۆلىمالىرىمىزدىن ئاتائۇللاھ خەلپەتھاجىم، ئەبۇ بەكرى قارىھاجىم، ئۇبۇلقاسىم قارىھاجىم، مۇھەممەدئىمىن قارىھاجىم، ئابدۇلقەييۇم داموللام قاتارلىقلار مەزكۇر تەرجىمىنى تەكشۈرۈشكە تاللانغان بولۇپ، ئۇلار «ئۆلىمالار بىرلىكى»نىڭ رەئىسى دوتسېنت دوكتور ئاتائۇللاھ شاھيارنىڭ باشلاپ بېرىشى بىلەن بىرلىكنىڭ ئىشخانىسىدا ئىش باشلىدى. ئۇلار 2021- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 7- ئاينىڭ 20- كۈنىگە قەدەر ئەتىگەن سائەت 8دىن كەچ سائەت6گە قەدەر مۇنتىزىم ئىشلەپ، ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئىشنى غەلىبىلىك تاماملىدى. ئۇلار ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىسى ھەققىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى تەپسىلىي جەدۋەل قىلىپ تەقدىم قىلدى.
 
سەئۇدى ئەرەبىستاندىن مۇسا داموللاھاجىم بىلەن دوستۇم ۋە ساۋاقدىشىم ئابدۇلئەھەد ھافىز ھەربىرى تەرجىمىنى باشتىن ئاخىر ئۆز ئالدىغا تولۇق كۆرۈپ چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك پىكىر- تەكلىپىلىرىنى ۋە تۈزىتىشلىرىنى تەقدىم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممە پىكىرلەرنى توپلاپ، تۈزىتىشكە تېگىشلىك جايلارنى تۈزىتىپ نەشرگە تەييارلىدۇق.
 
مانا بۈگۈن بۇ تەرجىمىنى سىلەرگە تەقدىم قىلدۇق. ھەقسىز تارقىتىلىدۇ.
 
بۇ تەرجىمە «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى»نىڭ ئىشخانىسىدا، سەفا كۆي قۇتادغۇبىلىك كىتابخانىسىدا ۋە زەيتىنبۇرنۇ تەكلىماكان كىتابخانىسىدا تاقىتىلىدۇ. سانى چەكلىك، ئېلىشقا ئالدىراڭ.
 
تەرجىمە ئۇستازنىڭ «دىن ۋە ھايات» ناملىق تور بېكىتىگە قويۇلدى. ئوقۇش، كۆچۈرۈش ۋە ئەۋەتىش قاتارلىق مۇلازىمەتلىرى ناھايىتى ئىلغار.
 
تور ئادرېسى: https://dinhayat.com
 
2023-يىلى 24-فېۋرال