مۇبارەك رامىزان ئېيىنى قانداق كۈتۈۋالىمىز؟

 
ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنى تولۇپ تاشقان خوشاللىق ۋە تولۇق بىر تەييارلىق بىلەن كۈتۈۋېلىش ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن شەرەپتۇر. بۇ ئاي ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ مەنىۋىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈش، ئۆزىدە ياخشىلىق ۋە گۈزەل ئەخلاقلارنى يېتىلدۈرۈش پەيتىدۇر. چۈنكى رامىزان ئېيى «قۇرئان كەرىم» چۈشۈشكە باشلىغان، مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان قەدر كېچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بارلىق ئايلاردىن ئۇلۇغ بولغان، ئاخىرەتلىك ئۈچۈن ئوزۇق توپلاشنىڭ ئەڭ ياخشى مەۋسۈمى بولغان، روھانىيلىق بىلەن تولغان بىر مۇبارەك ئايدۇر.
 
ھاياتلىق سەپىرى ئاللاھ تائالاغا كېتىپ بارغان ئۇزۇن سەپەر بولۇپ، ئادەتتە بىز ھەر قانداق بىر سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك ئوزۇق ئېلىۋېلىشقا موھتاج بولغىنىمزدەك، بۇ ھاياتلىق سەپىرىدىمۇ ئاخىرەتلىكىمىز ئۈچۈن ئوزۇق ئېلىۋېلىشقا موھتاجمىز. مەلۇمكى، ئاخىرەتلىكنىڭ ئەڭ ياخشى ئوزۇقى تەقۋالىقتۇر. ئاللاھ تائالا: «(ئاخىرەتلىك ئۈچۈن) ئوزۇق ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق تەقۋالىقتۇر» دەيدۇ.
 
خۇددى ئادەتتىكى سەپەرلىرىمىزدە، يول بويى ئالدىمىزغا چىققان ماي قاچىلاش پونكىتلىرىدىن ماشىنىمىزغا ماي قاچىلاپ ماڭغىنىمىزدەك،رامىزان ئېيىغا ئوخشاش مەخسۇس ئىبادەت مەۋسۈملىرىدە ئۆزىمىزنى روھىي ئوزۇقلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ مېڭىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈردۇر.
 
روزا ئىنساننىڭ ئىرادىسىنى تاۋلايدىغان، ئۇنىڭغا سەۋرچانلىقىنى، مېھرى-شەپقەتنى ئۆگىتىدىغان، ئۇنى كامالەت دەرىجىلىگە يۈكسەلدۈرىدىغان تەربىيە خاراكتېرلىق ئىبادەت بولۇپ، ئىنسان يىلدا بىر ئايلىق روزا سايىسىدا ئۆزىنىڭ ھىممىتى ۋە تىرىشچانلىقىغا يارىشا مول ھوسۇل ئالىدۇ.
 
رامىزان ئېيى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى مول ياغىدىغان، گۇناھلار مەغپىرەت قىلىنىدىغان، بەندىلەر دوزاختىن ئازات قىلىنىدىغان ئۇلۇغ ئايدۇر. بۇ ئاي كېلىشتىن ئاۋۋال ئاللاھ تائالادىن بۇ ئايغا ساق-سالامەت ئېرىشتۈرۈشىنى تىلەپ دۇئا قىلىش، رامىزان ئېىيىدىن قانداق قىلىپ ياخشى پايدىلىنىپ، ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە مەغپىرىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن پىلان تۈزۈش، رامىزان كەلگەنەدە، بۇ مۇبارەدك ئايغا ساق-سالامەت ئېرىشكەنلىكىگە ناھايىتى خۇشال بولۇش، رەببىگە چەكسىز شۈكۈر قىلىش، بەلكى بۇ رامىزان ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى رامىزان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دېگەن ئەندىشە بىلەن مۇمكىنقەدەر كۆپ ئىبادەتلەرنى قىلىۋېلىشقا تىرىشىش، گۇناھلىرىغا تەۋبە-ئىستىغفار ئېيىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن تەقۋادار بولۇپ، پەزىلەتلىك ھايات كەچۈرۈشكە ئاللاھ تائالاغا ۋەدە بېرىش تولىمۇ ياخشىدۇر.
 
رامىزان ئېيى روھىمىزنى تەربىيەلەيدىغان، ئۇنى يۈكسەلدۈرىدىغان مەكتەپ بولۇپ، بىز مۇسۇلمانلار رامىزان سايىسىدا ئەخلاقىمىزنى ئىسلاھ قىلىمىز، گۇناھلىرىمىزنى يۇيىمىز، ساۋابىمىزنى كۆپەيتىمىز، نەپسىمىزنى يىغىشنى، ئۆزىمىزنى كونترول قىلىشنى ۋە سېخىيلىقنى ئۆگىنىمىز. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «كىمكى رامىزان روزىسىنى چىن ئىمانى بىلەن، ئاللاھ تائالادىن ساۋاب كۈتۈش مەخسىتىدە تۇتىدىكەن، ئۇنىڭ بۇرۇن قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ» . بۇ ھەدىستىكى: «ئىمانى بىلەن» دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالانىڭ روزا تۇتقان بەندىلىرىگە ئاتا قىلىدىغان ئەجىر ۋە ساۋابلار ھەققىدە قىلغان ۋەدىسىگە چىن ئىشەنگەن ھالدا روزا تۇتسا دىگەنلىكتۇر. رامىزان ئېيى يەنە دۇئالا ئىجابەت بولىدىغان ئايدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئۈچ خىل كىشىنىڭ دۇئاسى رەت قىلىنمايدۇ: روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئىپتار ۋاقتىدا قىلغان دۇئاسى، ئادالەتلىك پادىشاھنىڭ ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ دۇئاسى» . رامىزان ئېيىنىڭ شاراپىتى ۋە ئۇلۇغلىقىدىن بۇئايدا ئادا قىلىنغان ئۆمرە خۇددى ھەج پەرزىنى ئادا قىلغانغا ئوخشاش ساۋابلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «رامىزان ئېيىدا ئادا قىلىنغان ئۆمرە (ساۋاب جەھەتتە) ھەج قىلغانغا ئوخشاشتۇر» .
 
رامىزان ئېيى قۇرئان ئېيىدۇر
 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم»نىڭ پەزىلىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ مۇشۇ كىتاب (قۇرئان) بىلەن بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ مەرتىبىسىنى يۇقىرى قىلسا، يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ مەرتىبىسىنى تۆۋەن قىلىدۇ»( ).
 
قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلسۇن ـ بىلمىسىمۇن، ئۇنىڭ لەۋزىنى تىلاۋەت قىلغان ئادەم چوقۇم ساۋابقا ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار، نامازنى ئادا قىلىدىغانلار ۋە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى (ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغانلار ھەرگىز كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلسا بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمىتىدىن ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر»( ).
 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ئوقۇڭلار، قۇرئان ئۆزىنى ئوقۇغانلارغا قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلغان ھالدا كېلىدۇ»( ).
 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ئوقۇپ تۇرىدىغان مۆمىن خۇددى ئۇترۇج دېگەن مېۋىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇي، تەمى تاتلىق كېلىدۇ. قۇرئان ئوقۇپ تۇرمايدىغان مۆمىن خورمىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى يوق، ئەمما تەمى تاتلىقتۇر. قۇرئان ئوقۇپ تۇرىدىغان مۇناپىق رەيھانغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇي، ئەمما تەمى ئاچچىقتۇر. قۇرئان ئوقۇپ تۇرمايدىغان مۇناپىق (ياۋا) خەمەككە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقىمۇ يوق، تەمىمۇ ئاچچىقتۇر»( ).
 
شۈبھىسىزكى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، تەكبىر، تەھلىل، تەسبىھ ۋە دۇئادىنمۇ ئەۋزەل ئىبادەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ‹قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە ماڭا زىكىر ئېيتىش بىلەن مەشغۇل بولغانلىقتىن مەندىن ھاجىتىنى سورالمىغان بەندەمگە، سورىغانلارغا بەرگىنىمدىنمۇ ياخشىراقىنى بېرىمەن› دېدى. ئاللاھنىڭ كالامى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ باشقا سۆزلەردىن ئۇلۇغلىقى، خۇددى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن ئۇلۇغلىقىغا ئوخشاشتۇر»( ).
 
قۇرئان كەرىمنى ئاڭلاشمۇ كاتتا ئىبادەتلەر قاتارىدىن سانىلىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا، ئۇنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار ۋە(سۆز قىلماستىن) جىم تۇرۇڭلار»( ).
 
قۇرئاننى ئوقۇش، يادىلاش، مەنىسىنى چۈشىنىش، ئۇنى باشقىلارغا ئۆگىتىش ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىش ھەم ئەمەل قىلىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سائادەتمەنلىرى ۋە ئەڭ سەرخىللىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەنلەردۇر»( ) دەپ كۆرسەتكەن.
 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىشكە تەشەببۇس قىلىپ مۇنداق دېگەن: «قۇرئاننى ماھىرلىق بىلەن ئوقۇيدىغان ئادەم ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ. كۆكۈل قويسىمۇ ئۇنى تەسلىكتە قىينىلىپ ئوقۇغان كىشىگە ئىككى ھەسسە ئارتۇق ساۋاب بېرىلىدۇ»( ).
 
قۇرئان ئوقۇغاندا كۆز يېشى قىلىشنىڭ پەزىلىتى چوڭدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن بۇ قۇرئان غەمكىنلىك بىلەن چۈشتى، ئۇنى ئوقۇغىنىڭلاردا يىغلاپ تۇرۇپ ئوقۇڭلار، ئەگەر يىغا كەلمىسە، ئۆزئارا يىغلىشىڭلار. ئۇنى چىرايلىق ئاھاڭدا ئوقۇڭلار. كىمكى قۇرئاننى چىرايلىق ئاھاڭدا ئوقۇمايدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس»( ).
 
ئاللاھ تائالا پەرزەنتلىرىگە قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشنى ۋە ئۇنىڭ تەلىماتلىرىغا ئەمەل قىلىشنى ئۆگەتكەن ئاتا ـ ئانىلارنىڭمۇ مۇكاپاتلىرىنى تولۇق بەرگۈچىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى قۇرئان ئوقۇيدىكەن ۋە ئۇنىڭ تەلىماتلىرى بويىچە ئىش كۆرىدىكەن، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ بېشىغا قۇياشنىڭ نۇرىدىنمۇ نۇرلۇق تاجىنى كىيگۈزىدۇ»( ).
 
قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئەدەپلىرى
 
1. قۇرئاننى تاھارەت بىلەن ئوقۇش. قۇرئاننى تاھارەت بىلەن ئوقۇش شەرت ئەمەس، شۇنداقتىمۇ تاھارەت بىلەن ئوقۇسا ياخشى. ئەمما جۇنۇپ كىشى ياكى ھەيزدار ئايال تاھارەتسىز ئوقۇسا بولمايدۇ.
 
2. قۇرئان ئوقۇشتىن بۇرۇن أعُوذُ بِاللهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيْمِ دەپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسە قىلىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەش. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «سەن قۇرئان ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، قوغلاندى شەيتاننىڭ (ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن»( ).
 
3. قۇرئاننى چىرايلىق ئاۋازدا ئوقۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئاننى چىرايلىق ئاۋازدا ئوقۇڭلار»( ).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ھېچ بىر نەرسىگە قۇرئاننى يۇقىرى ئاۋازدا چىرايلىق ئاھاڭ بىلەن ئوقۇغان پەيغەمبەرگە قۇلاق سالغىنىدەك قۇلاق سالغان ئەمەس»( ).
 
4. قۇرئاننىڭ مەنىسىنى بىلمىسىمۇ، ئاللاھ ماڭا سۆزلەۋاتىدۇ دېگەن ئېتىقادتا تۇرۇپ، ئىخلاس بىلەن ئوقۇش. «ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى»( ).
 
5. قۇرئاننى قۇرئان ئوقۇش قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ، ئوچۇق، دانە- دانە ئوقۇش. «قۇرئاننى دانە _ دانە، ئوچۇق ئوقۇغىن»( ).
 
6. قۇئاننى ئېغىزنى مىدىرلىتىپ ئوقۇش لازىم. چۈنكى ئېغىزنى مىدىرلاتماي، كۆڭلىدە ئوقۇش قۇرئان ئوقۇشقا كىرمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋەھيى چۈشۈۋاتقان چاغدا ئۇنى ئوقۇشق ائالدىراپ تىلىنى مىدىرلىتىشتىن مەنئى قىلغان. بۇنىڭدىن چىقىدۇكى، تىلنى مىدىرلىتىپ ئوقۇش ئۇنى ئوقۇغانلىق، ئىچىدە ئوقۇش ئوقۇمىغانلىقتۇر.
 
7. قۇرئاننى ئىمكانقەدەر قۇرئانغا قاراپ ئوقۇش. قۇرئان بار يەردە، ئۇنى قۇرئاندىن ئوقۇماي تېلېفوندىن ئوقۇش ياخشى ئەمەس، چۈنكى قۇرئانغا قاراشنىڭ ئۆزىمۇ ئىبادەتتۇر.
قۇرئاننى قانداق ئوقۇش كېرەك؟
 
شەكسىزكى، قۇرئاننى ئاللاھ تائالا ماڭا سۆزلەۋاتىدۇ، ماڭىلا خىتاب قىلىۋاتىدۇ، دېگەن ھېس – تۇيغۇ بىلەن، ۋايىغا يەتكەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئوقۇش كېرەك. ئەبۇلھەسەن نەدەۋى ئىسلام شائىرى مۇھەممەد ئىقبال ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئۇسلۇبى باشقىلارنىڭ ئۇسلۇبىغا ئوخشىمايتتى. ئۇ مۇشۇ ئۇسلۇبنىڭ بەرىكىتى بىلەن قۇرئاننىڭ ھالاۋىتىنى ئەڭ تولۇق تېتىيالىغان ۋە ئۇنىڭ سايىسىدا ھۇزۇرلۇق ھايات كەچۈرگەن شەخسلەرنىڭ بىرىدۇر.
 
ئەللامە ئىقبال ئۆزى توغرۇلۇق مۇنداق دەپ يازغان ئىكەن:«مەن ھەر ئەتىگىنى بامدات نامىزىدىن كېيىن قۇرئان ئوقۇشنى ئادەت قىلىۋالغان ئىدىم. ھەر كۈنى دادام مەندىن نېمە قىلىۋاتىسەن؟ دەپ سورايتتى. مەن «قۇرئان ئوقۇۋاتىمەن»دەپ جاۋاب بېرەتتىم. دادام ھەر كۈنى شۇ بىر خىل سوئالنىلا سورايدۇ، مەنمۇ شۇ بىر خىل جاۋابنىلا بېرىمەن. بىر كۈنى مەن دادامدىن «دادا ھەر كۈنى قۇرئان ئوقۇۋاتقىنىمنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە مەندىن نېمە قىلىۋاتقىنىمنى سوراشتىن زېرىكمىدىڭىزمۇ؟ »دەپ سورىۋىدىم. دادام ماڭا «بالام! مەن ساڭا قۇرئاننى خۇددى ساڭا چۈشكەندەك ئوقۇغىن دېكچى ئىدىم» دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن قۇرئاننى خۇددى ئاللاھ تائالا ماڭا ماڭا خىتاب قىلىۋاتقاندەك ھېس-تۇيغۇ بىلەن ئۇنى چۈشىنىپ ئوقۇيدىغان بولدۇم. ئۇنىڭ پارلاق نۇرىدىن ۋە جەۋھەرلىرىدىن مېنىڭ شېئىرىي ئەسەرلىرىم بارلىققا كەلدى.»
 
جانابى ئاللاھ تائالا ھەممىڭلارنىڭ روزىسىنى قوبۇل قىلغاي، ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى قوبۇل قىلغاي، ئامىن.
 
2023-يىلى 22-مارت