بارىن ئىنقىلاۋىينىڭ ئىلھامى ۋە شېھىت ئابدۇشۈكۈر نۇرۇللا

(بۈگۈن "زىمىستان " تورىدا ئېلان قىلىنغان مۇشۇ تىمىدىكى ماقالىنىڭ قىسقارتىلما تەرجىمىسى)
كۆك بايراق, 2023-يىلى 5-ئاپرىل
 
" بۇ دىن( ئىسلام دىنى) بارىن يېزىسىدىكى مۇشۇ نامرات، مۇشۇ جاپاكەش كىشىلەرنى خىتايدەك بىر ۋەھشىي دۆلەتكە قارشى تۇرالىغۇدەك جاسارەت ئاتا قىلالىغان ۋە 70 يىلدىن بۇيان سېستىمىلىق مائارىپ ۋە ئەسكىرىي تەلىمدىن مەھرۇم قالغان بىر خەلقنى جەڭ مەيدانىدا بىرلەشتۈرەلىگەن ئىكەن، بۇ دىندا مۇتلەقكى ھەققىقەت بار، ئىستىقبالىمىزغا بېرەلەيدىغان چەكسىز يورۇقلۇق بار!! "
 
مانا بۇ، قورغاس ناھىيەلىك 1 ‏-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى، شېھىت ئابدۇشۈكۈر نۇرۇللانىڭ 1990‏- يىلى بارىن ئىنقىلاۋى پارتىلىغاندىن كېيىن، سۈيدۇڭدە دوستلارئاارا بىر سۆھبەتتە دېگەنلىرى .
 
شۇ يىللاردا، كومۇنىستىك مائارىپ قاتارلىق كۆپلىگەن سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر زىيالىلىرىدا دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە سۇسلۇق كەڭرى ئىدى.
 
ئابدۇشۈكۈر نۇرۇللا دوستلىرىمىز ئارىسىدا ئېتىقادى نىسبەتەن مۇستەھكەم بىرسى ئىدى. ئۇ سۆھبەتلىرىمىزدە ئىلمىي قانۇنىيەتلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ دىننىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەندۈرەتتى. بارىن ئىنقىلاۋىدىكى زەينىدىن يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ 200 چە سەپدىشىنىڭ خىتاي قوشۇنى بىلەن بىر ھەپتە ئېلىشىشى ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسىنى ئىككى كۈنچە قولدا تۇتۇپ تۇرالىشى ، ئابدۇشۈركۈنىڭ " تەبلىغ"لىرىغا يېڭى بىر مەزمۇن قاتقان ئىدى. ئۇ داۋاملىق مۇنداق دەيتتى:
 
" دىنىمىز-مىللىتىمىزنى ئاسىمىلاتسىيەدىن قوغدايدىغان قورغانىمىزلا ئەمەس، دۈشمىنىمىزنى ۋەھىمىگە سالالايدىغان تەڭداشسىز بىر قورالىمىزدۇر؛ بارىن ئىنقىلاپچىلىرى ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان جاسارىتى ۋە پىداكارلىقى بىلەن دىنىمىزنىڭ بۇ رولىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى!"
 
1990 ‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرى قورغاس ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتە بىر يىغىن ئېچىلدى. يىغىندا "بارىن توپىلىڭى"نىڭ زەينىدىن يۈسۈپ قاتارلىق بىر تۈركۈم " بۇزغۇنچىلار" تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ قاغىلىقتىكى ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىم ئىسىملىك بىر "ئەكسىيەتچى" دىنىي زاتتىن تەلىم ئالغانلىقى ، ئۇ زاتنىڭ" ۋاھابى " ئىكەنلىكى چۈشەندۈردى ۋە تەنقىدلەندى. شۇ چاغدا قورغاس 1 ‏- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىلى سۈپىتىدە بۇ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئابدۇشۈكۈر، يىغىن مېھمانخانىسىنىڭ ياتاق ئۆيىدىكى خالىي سۆھبەتىمىزدە مۇنداق دەيدۇ:
 
"نامى ۋە مەزھىپى نىمە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇلار قوراللانغان ئىدىيە، "بارىن ئىقىلاۋىي"دېگەن بىر تارىخنى ياراتقان ئىكەن، ئۇ مەن ئۈچۈن توغرا بىر ئىدىيە. بۇ ئىدىيە نەدىن كەلگەن بولسا بولسۇن، خەلقىمىزگە خىتاينىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى تونۇتالىغان ئىكەن، ئۇ زامانىۋىي بىر ئىدىيە؛ ئۇ ئىدىيەنىڭ ئىجاتكارى كىم بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، بۇ ئادەم مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇلۇغ ۋە ئالىيجانپ بىر ئىنسان. ئەسىر مىللەتنىڭ بىر زىيالىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېنىڭ ئۈچۈن توغرا بىلەن خاتانىڭ، ئاق بىلەن قارىنىڭ، ياخشى بىلەن -ياماننىڭ بىرلا ئۆلچىمى بار، ئۇ بولسىمۇ خىتايغا قانداق پوزىتسىيەدە بولۇش. بىر ئىنسان خىتايدىن يىرگەنمىسە، ئۇنى قوللىسا، مەيلى ئۇ ئالىم بولسۇن، مەيلى پۇلدار بولسۇن، مەيلى قايسى ساھەنىڭ چولپىنى بولسۇن، ئۇ مېنىڭ نەزىرىمدە رەزىل ، شەخسىيەتچى ۋە پەسكەشتۇر"
 
بىر ئادەم ھەم رادىكال ئىسلامچى ھەم غەرپپەرەست بولالالىشى مۈمكىنمۇ؟ بۇ مۈمكىنسىزدەك كۆرىلىدۇ، ئەمما شېھىت ئابدۇشۈكۈر نۇرۇللانى ئەسلىسەم، بۇنى تامامەن مۈمكىن دەپ قارايمەن.
 
ئۇنىڭ ئەڭ سۆيىدىغان ئالىمى ئېينىشتىيىن، ئۇ ئەڭ ياقىلايدىغان سىياسىي سېستىما ئامېرىكا دېموكىراتىيەسى؛ ئۇ سۆزلىرىدە ئەڭ كۆپ نەقىل ئالىدىغان كىتاپ -مىسىرلىق ئالىم سەيىد قۇتۇپنىڭ "يولدىكى ئىشارەتلەر" ناملىق كىتاۋى ئىدى ؛ بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى بىرلا ئاللاھغا قۇلچىلىق قىلىش، بىرلا ئاللاھتىن قورقۇش تەشەببۇسى ئىدى.
 
" خىتاي بىزنىڭلا ئەمەس، ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى، ئۇ ۋەھشىلىكتە نورمالدىن تاشقىرى بىر كۈچ، غەرپنىڭ زامانىي دۇنيا قاراشلىرى بىلەن ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرغىنى بولمايدۇ، ئۇنىڭ جاجىسىنى غەرپنىڭ زامانىۋىي قوراللىرى بېرەلەيدۇ. بىز رادىكال بىر ئىدىيەگە ۋە كۈچلۈك بىر دوستقا مۇھتاج" دەيتتى ئۇ سۆھبەتلىرىمىزدە. ئۇ خۇددى بۈگۈنكى بەزى تالاش-تارتىشلارنى ئالدىن پەرەز قىلغاندەك مۇنداقمۇ دېگەن ئىدى:
 
" دىنىمىزدىن قاخشاپ يۈرگەنلەرمۇ، غەرپكە سوغۇق قارىغانلارمۇ مىللىتىمىزنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ"
 
ئابدۇشۈكۈر نۇرۇللا، 36 نەپەر سەپدىشى بىلەن بىرلىكتە، 1998 ‏-يىلى كۈزدە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 1999 ‏--يىلى 7 سەپدىشى بىلەن بىرلىكتە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ جازا ئىجرا قىلنىشتىن ئاۋۋال ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن بىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلگەندە ۋەسىيىتى مۇنداق بولغان " يىغلىماڭلار، يىغلىساڭلار دۈشمەننى خوش قىلىسىلەر... ئايالىم ۋە قىزىم ئاۋۋال ئاللاھ ، ئاندىن ئەل-جامائەتكە ئامانەت قالدى، خارلانمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن،مەندىن رازى بولۇڭلار، مەن سىلەردىن مەڭگۈ رازى" .
 
ئابدۇشۈكۈر ۋە سەپداشلىرىنىڭ نامى ۋە ئىش ھەرركىتىنى ئىزچىل سىر تۇتۇپ كەلگەن خىتاي دائىرىلىرى، 2021 ‏-يىلى 5 ‏-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئاخبارات يىغىنىدا، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ بىر مۇخبىرىنى ئەيىپلەۋاتقان چېغىدا ئابدۇشۈكۈر ھەققىدە مۇنداق يىپ ئۇچى بېرىدۇ:
" ئۇ ) ئەركىن ئاسىيا مۇخبىرى( ، ئۈستىدىن قانۇن بويىچە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان، " 14‏-ئىيۇل " بومبا پارتىلىتىش تېرورلۇق ۋەقەسىنىڭ باش جىنايەتچىسى ئابدۇشۈكۈر نۇرۇللانىڭ )بۇرۇنقى( شېرىكى......."
 
ئابدۇشۈكۈر ۋە سەپداشلىرىنىڭ خىتايغا قارشى ھەركەتلىرى ھەققىدە جەمىيەتتە ھەر خىل قەھرىمالىق ھېكايىلىرى بار، ئەمما رەسمىي ئاخبارات خەۋەرلىرىدە ، يۇقارقى بىر جۈملىدىن باشقا ھىچقانداق خەۋەر يوق.
 
شۇنداق، ئابدۇشۈكۈر ياراملىق بىر مائارىپچى ئىدى، ئوقۇغان كەسپىي خىمىيە بولسىمۇ، سىياسەت ئۈستىدە كۈپ باش قاتۇردى ، دوست ۋە ئەتراپدىكىلەرگە، غەرپ مۇستەملىكىچىلىكى بىلەن خىتاي مۇستەملىكىچىلىكنىڭ پەرقىنى چۈشەندۈرۈشنى خۇددى بىر ۋەزىپە قىلىۋالغان ئىدى. ئۇ غەرپ مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ غايىسىنى سودا مونوپۇلچىلىقى ، خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ بولسا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ چۈشەندۈرەتتى.
 
بىرقانچە يىل ئاۋۋال، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تور دۇنياىسىدا قارا كىيىملىك خانىم قىزلار ھەققىدە بىر تالاش-تارتىش بولدى. بۇ تالاش-تارتىشتا، قارا كىيىمنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئاساسلىق كىيىنىش ئادىتىگە ۋەىللىك قىلالاميدىغانلىقى، بۇ قىياپەت بىلەن نامايىشقا چىقىشنىڭ غەرپكە يامان تەسىر بېرىپ قويىدىغانلىقى ھەققىدە شىكايەت ۋە تەنقدىلەر بولۇندى. مەن شۇ تىمىغا جاۋابەن ماقالەمدە مۇنداق دېدىم:
 
"غەرپ قارا كىيىملىكلەرگە قارشى ئەمەس، بۇ كىيىمنى ئۆزىدىن باشقىلارغا تېڭىشقا قارشى، غەرپ ئۆزىنى دورىغانلارنى ئەمەس، ئۆز خاسلىقىنى قوغداپ قالغانلارنى ھۆرمەتلەيدۇ."
 
ئەگەر بۇ پىكرىمدە زەررىچە بىر توغرۇلۇق بولسا، بۇ توغرۇلۇقنىڭ ھەسسىدارلىرى بارىن ئىنقىلاپچىلىرى ۋە ئابدۇشۈكۈر نۇرۇللا قاتارلىق شېھىت دوستلۇرۇمدۇر.
 
ئۇلار ئۆز ئىدىيەسىنى ئېغىزدا دىيىش بىلەنلا چەكلەنمىدى، بەلكى ئەمەلىيى ھاياتى ، بولۇپمۇ ئۆلۈم ئالدىدىكى مەردانە پوزىتسىيەسى بىلەن بىر ئابىدىگە ئايلاندۇردى. ئۇلار قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات.