ئانا ۋەتىنىمىزدىكى بەزى مەشھۇر ئىلىم يۇرتلىرى

 
خانلىق مەدرەسە
 
قەشقەر «خانلىق مەدرەسە» سەئىدىيە خانلىقىنىڭ سەككىزىنچى سۇلتانى ئابدۇللاخان(1639 – يىلدىن 1652 – يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان) تەرىپىدىن 1641 – يىلى بىنا قىلدۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى زاماندا ئۇيغۇر مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈشتە ئالاھىدە رول ئوينىغان مەدرەسەدۇر.
 
ئەينى ۋاقىتلاردا خانلىق مەدرەسەلەر ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ھېسابلىناتتى. بولۇپمۇ خوتەن، يەكەن، قەشقەرگە ئوخشاش چوڭ مەركىزىي شەھەرلەردە بۇنداق بىلىم يۇرتلىرىنى بىنا قىلدۇرۇش شەرت قىلىنغاچ ھەم كۆپىنچە خانلىقلار ۋە خانلىقلاردا ئىشلەيدىغان مەشھۇر ئەربابلار، مۇشاۋىرلار، ئالىملارنىڭ تەشەببۇس – ئىشتىراكلىرى بىلەن قۇرۇلىدىغان بولغاچ، مەدرەسەلەرنىڭ نامىمۇ شۇ كىشىلەرنىڭ ئىسىم – شەرىپى ياكى مۇشۇ مەركىزىي شەھەر نامى بىلەن ئاتىلاتتى. قەشقەردىكى «خانلىق مەدرەسە»مۇ خانلىق ئوردا تۇرۇشلۇق شەھەردە قۇرۇلغاچقا، مەدرەسەنىڭ مالىيىسى، مەبلىغى ۋە تۈرلۈك خىراجەتلىرى چەكلىك ھالدا پادىشاھلىق خەزىنىدىن چىقىم قىلىنىپ، ئاز قىسمى ھەر قايسى ۋەقىپلەرنىڭ تەمىنات بېرىشى بىلەن تولۇقلىناتتى. شۇڭلاشقا، بۇ مەدرەسەنىڭ ئىقتىسادى مەدرەسە كوللېكتىپى بەلگىلىگەن «مۇتەۋەللى»لەر ئارقىلىق باشقۇرۇلاتتى.
 
«خانلىق مەدرەسە» پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى بويىچە ئالىي بىلىم يۇرتى بولۇپ، ئۇنىڭغا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلار كېلىپلا قالماستىن، بەلكى كەشمىر، پاكىستان، ئافغانىستان، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سەمەرقەند، قوقان، پەرغانە، نەمەنگان قاتارلىق جايلىرىدىن تالىپلار كېلىپ ئوقۇغان.
 
قەشقەر«خانلىق مەدرەسە»نىڭ دەسلەپكى ياسالغان قۇرۇلۇشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا جەمئىي تۆت قېتىم رېمونت قىلىنغان. بىرىنچى قېتىم مىلادى 1805 – 1806 – يىللىرى (ھىجرىيە 1220 – يىلى) قەشقەرنىڭ چوڭ ئاقساقىلى ئابدۇۋارىس بەگ؛ ئىككىنچى قېتىم مىلادى 1844 – يىلى (ھىجرىيە 1260) قەشقەرلىق مۇھەممەد سادىق ئەلەم ئاخۇنۇم؛ ئۈچىنچى قېتىم مىلادى 1905 – 1906 – يىلى (ھىجرىيە 1323 – يىلى) قەشقەرلىك چوڭ باي مۇسابايوپ؛ تۆتىنچى قېتىم مىلادى 1936 – 1937 – يىللىرى (ھىجرىيە 1355 – يىلى) مەھمۇد مۇھەممىدى قاتارلىق كىشىلەر رېمونت قىلدۇرغان.
 
قەشقەر «ساچىيە» مەدرەسەسى
 
10- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، يەنى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ۋاقتىدا قەشقەردە مەشھۇر (مەدرەسەئى ساچىيە»(ساچ — قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز بولۇپ، سېچىش، يېيىش، ئىلىم – پەننى كېڭەيتىش قاتارلىق مەنىلەرگە ئىگە) قۇرۇلغان بولۇپ، داڭلىق ئەدىب جامالىددىن قەشقەرى قاتارلىق ئۆلىمالارنىڭ دەرس باشلىشى بىلەن ئېچىلغان. 1057– يىلى ئاتۇشتا بۇ مەكتەپنىڭ شۆبە دارىلفۇنۇنى قۇرۇلغان.
 
«ساچىيە» مەدرەسەسى شۇ دەۋردىكى ئومۇملاشقان ئىلمىي ۋە تىببىي مەكتەپ بولۇپ، ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋرۇپادا قۇرۇلغان ھەم ھازىر دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا سانىلىدىغان پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى (1200 – يىلى فرانسىيىدە قۇرۇلغان) ئوكسىفورت ئۇنىۋېرسىتېتى (1200 – يىلى ئەنگلىيىدە قۇرۇلغان) قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىنمۇ ئۈچ ئەسىر ئىلگىرى قۇرۇلغان. بۇ مەكتەپ قۇرۇلغاندىن كېيىن قاراخانىيلار تەۋەسىدىكى نۇرغۇنلىغان مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭ بىلىم ئىگىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئىمكانىيەت يارىتىلغان.
بۇ مەكتەپتە شۇ ۋاقىتلاردا ھۆسەيىن ئىبنى خەلەف قەشقەرى، سەيىد جالالىدىن باغدادى، خوجا ياقۇپ سۈزۈكى، ئىمامىدىن قەشقەرى، ھۆسەيىن پەيزۇللا، جامالىدىن قەشقەرى، رەشىد ئىبنى ئەلى قەشقەرى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان نوپۇزلۇق ئەربابلار ھېساب، يۇنان پەلسەپىسى، تىلشۇناسلىق، ئىسلام ئەقىدىسى، ئاسترونومىيە، تىبابەتچىلىك، ئىلمىي مەنتىق، تارىخ، ئىلمىي روھ، ئۇرۇش تاكتىكىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەردىن دەرس بەرگەن. بۇ مەكتەپتە يەنە كۇتۇپخانا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان مەشھۇر كىتابلار تېما قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەۋزەل شارائىت ھازىرلاپ بېرىلگەن. «سۇراھ» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى جامال قارشى ئۆز كىتابىدا جەۋھەرنىڭ «سۇھاھ» ناملىق تۆت توملۇق كىتابىنى مۇشۇ مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانىسىدىن ئېلىپ پايدىلانغانلىقىنى يازغان.
 
ساچىيە مەدرەسەسىنىڭ قۇرۇلۇشى قاراخانىيلار زىيالىيلىرىنىڭ ۋە ئىلىم ھەۋەسكارلىرىنىڭ بۇخارا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش قىيىنچىلىقىغا خاتىمە بەرگەن. نۇرغۇنلىغان زىيالىيلار يول ئازابى ۋە مۇساپىرچىلىق دەردىدىن بىر يولىلا قۇتۇلۇپ، ئۆزىنىڭ ئىلىمگە بولغان تەشنالىقىنى مۇشۇ مەكتەپتە قاندۇرغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن نۇرغۇنلىغان ئالىملار، تارىخشۇناسلار، شائىرلار، سىياسىي ئەربابلار ۋە ھەر تەرەپلىمە بىلىمگە ئىگە ئىستىداتلىق كىشىلەر يېتىشىپ چىقىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان. بۇ ئىلىم يۇرتىنىڭ جاھانغا تونۇلۇشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىن نۇرغۇن ئىلىم ھەۋەسكارلىرى كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان. قەشقەر ئۆزىنىڭ بۇ ئىلىم ئوچىقى بىلەن پۈتكۈل شەرق دۇنياسىغا تونۇلۇپ «سانى بۇخارا» (ئىككىنچى بۇخارا) دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
 
قەشقەر ساقىيە مەدرەسەسى
 
قەشقەر ساقىيە مەدرەسەسى (ئىلىمگە تەشنا بولغۇچىلارنى سۇغارغۇچى بىلىمگاھ دېگەن مەنىدە بولۇپ) مىلادىيە1630-يىلى خەير-ساخاۋەتچى ئايال بەھرىگۈل بانۇنىڭ شەخسىي مەبلەغ سېلىشى بىلەن بىنا قىلىنغان. 1911-يىلىغا كەلگەندە، كاتتا باي باھاۋۇددىن باينىڭ باشچىلىقىدا مەدرەسەنىڭ دەرۋازىسى، دەرۋازا تېمى، مەسجىدى يېڭىلانغاندىن تاشقىرى، پەلەمپەينىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ھۇجرىلار ئىككى قەۋەتلىك قىلىپ ياسالغان.
 
ساقىيە مەدرەسەسى ئەڭ ئاتاقلىق مەدرەسە «خانلىق مەدرەسە» دىن قالسىلا بىر قەدەر ئالاھىدە ئورۇن تۇتقان مەدرەسە بولۇپ، ئورنى «خانلىق مەدرەسە»نىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ مەدرەسەدە خوتەن، ئاقسۇ، تۇرپان، قۇمۇل، ئىلى، ئالتاي، چۆچەك قاتارلىق جايلاردىن تالىپلار كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئۆز ۋاقتىدا ساقىيە مەدرەسەسىگە تەۋە37يۈرۈش قۇرۇلۇش بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 56 ئېغىز ھۇجرا، 9 ئېغىز دەرسخانا، بىر مەسجىد بولغاننىڭ سىرتىدا، 500مو تېرىلغۇ يېرى، 6 ئورۇندا ساراي، 16 ئېغىز دۇكان، 10 ئېگىز ئۆي، چوڭ بىر باغ قاتارلىق ۋەقىپ مۈلكى بار ئىدى. بۇ مەدرەسە ئاللىبۇرۇن بۇزۇپ تاشلانغان بولۇپ، 1991-يىلى ئۇنىڭ ئورنىغا قەشقەر ۋىلايەتلىك دىنىي مەكتەب تەسىس قىلىنغان.
 
لۈكچۈن مەدرەسەسى
 
تۇرپان دىيارىدا ئىسلام دىنى 14-ئەسىردە تولۇق يىلتىز تارتىپ بولغان. تۇرپان رايونىدىكى لۈكچۈن دېگەن جايدا تۇنجى ئىسلام بىلىم يۇرتى 1568-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا«لۈكچۈن جاھاننامە مەدرەسەسى» دەپ نام بەرگەن. بۇ مەدرەسەنى لۈكچۈن خانلىق ئوردىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئەللامە ئەلى ئاخۇنۇم دېگەن كىشى قول سېلىپ بىنا قىلدۇرغان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ مەدرەسەدە ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن تالىب ئىلىملەر ئىلىم تەھسىل قىلغان ئىكەن. بۇ مەدرەسە ئاللىبۇرۇن بۇزۇپ تاشلانغان بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ ئىزى قالمىغان.
 
دامىكۇ پۇناق مەدرەسەسى
 
پۇناق مەدرەسەسى 1938-يىلى چىرا ناھىيىسىنىڭ دامىكۇ رايونىدىكى پۇناق دېگەن جايدا قاسىم ھاجىم دېگەن كىشىنىڭ تەشەببۇسى ۋە مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن كاتتا ئولىما مەرھۇم ئابدۇراھمان قارىئاخۇنۇمنىڭ قان-تەر ئاققۇزۇپ تىنىمسىز ئىشلىشى بىلەن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ ئىلغارلىقى، ئوقۇتىلىدىغان دەرسلىكلەرنىڭ مەزمۇن جەھەتتىكى موللىقى ۋە چوڭقۇرلىقى بىلەن مەشھۇردۇر.
 
ئابدۇراھمان قارىئاخۇنۇم ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان ۋىلايىتىدىن بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچ ئېتىپ كېلىپ، خۇتەن ۋىلايىتىدە يەرلىشىپ قالغان. 1935-يىلىدىن باشلاپ دامىكۇ پۇناق مەدرەسەسىگە ئۇل سېلىپ ئاخىرى ئۇنى پۈتتۈرۈپ چىققان ۋە شۇ مەدرەسەدە ئۇزۇن مۇددەت مۇدەررىسلىك قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ مەدرەسەدە كۈنلۈك ئوقۇيدىغان ئوغۇل-قىزلارنىڭ سانى 400دىن ئاشاتتى. قارىيلىق ۋە ئالىملىق ئۈچۈن يېتىپ ئوقۇيدىغان تالىبلارنىڭ سانىمۇ كۆپ بولغان.
پۇناق مەدرەسەسى شۇ رايونلاردا قىزلار قوبۇل قىلىنىپ ئوقۇتۇلغان تۇنجى مەدرەسە ھېسابلىنىدۇ. مۇندىن باشقا بۇ مەدرەسەنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسى ئالاھىدە يۇقىرى، تۈزۈمى چىڭ، شارائىتىنىڭ تولۇقلىقى بىلەن داڭق چىقارغان. بۇ مەدرەسە 1958-يىلىغىچە داۋام قىلالىغان.
 
پۇناق مەدرەسەسىدە ئىلگىرى –كېيىن بولۇپ 3000دىن كۆپرەك تالىپ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چىققان. بۇ مەدرەسەدە ئوقۇپ چىققانلار ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيىلەردە ئالاھىدە ھۆرمەت قازانغان زاتلاردىن بولغان. مەسىلەن: گۇلاخمالىق ئاتاقلىق تېۋىپ ۋە تېڭىقچى غازى قارىھاجىم، كېرىيىلىك ئۆلىما جاپپار قارىھاجىم، ئالاھىدە تونۇلغان مەشھۇر تېۋىپ مەرھۇم مۇھەممەد قۇربان قارىھاجىم (پېقىرنىڭ ئۇستازى)، رۇزى قارىھاجىم، شائىر مۇھەممەد قاسىم زۇھۇرى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پۇناق مەدرەسەسىنىڭ تالىبلىرى ئىدى.
 
كېرىيە دۆڭ مەدرەسە
 
دۆڭ مەدرەسە ياقۇب بەدەۋلەت زامانىدا، ئۆزبېكىستانلىق مىرمۇھەممەد ھاجىمنىڭ تەشەببۇسكارلىقى ۋە مەبلەغ پىقىرىشى بىلەن كېرىيىنىڭ بازار ئىچى ھېيتگاھ مەھەللىسىدە قۇرۇلغان بولۇپ، كۆلىمىنىڭ چوڭلىقى، قۇرۇلۇشىنىڭ ھەشەمەتلىكى، ئوقۇتۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىقى، ئوقۇتۇش تۈرىنىڭ كۆپ ھەم يېڭىلىقى بىلەن كېرىيىنىڭ مەدرەسە مائارىپىدا يۇقىرى پەللە يارىتىپلا قالماستىن، پەننى مائارىپقىمۇ پۇختا ئاساس سالغان. دۆڭ مەدرەسەدە ئۆز ۋاقتىدا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيىلىرىدىن، چەرچەن، چاقىلىق قاتارلىق جايلاردىن تالىپلار كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان، دائىملىق تالىب 100دىن كەم بولمىغان. دۆڭ مەدرەسەدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 8000دىن كۆپرەك تالىب ئوقۇپ چىققان. بىر ئۆمۈر ئاۋامنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز كۆرۈپ، ئەرزان، ئاددى رېتسىپلار بىلەن كېسەل داۋالىغان ۋە ئۇيغۇر مىللىي تىبابەتچىلىكىنىڭ سېھرىي كۈچى ھەم يۇقىرى پەللىسىنى نامايان قىلىپ، ئالاھىدە شۆھرەت قازانغان ئالىم ئەھمەد ھاجىم، «تۈركى تىللار دىۋانى»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تۈزۈشكە قاتناشقان مەشھۇر تەتقىقاتچى، تىلشۇناس ئالىم ئوسمان ھاجىم قۇدۇق قاتارلىقلاردىن باشقا كېرىيە ناھىيىسىدىكى ئالىملار، ئىمام –خەتىبلەر ۋە ئوقۇمۇشلۇق پىشقەدەم كادىرلار، ئىشچى خىزمەتچىلەر ھەممىسى دۆڭ مەدرەسەدە ئوقۇپ يېتىشىپ چىققانلاردۇر.
 
دۆڭ مەدرەسە 1958-يىلى تاقىۋېتىلگەنگە قەدەر ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. 1980-يىلى دۆڭ مەدرەسە مەسجىدىنىڭ نامى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، جامائەت ساقلىنىپ قالغان كونا تاملىققا بادرا، شاخ-شۇمبا يېيىپ ناماز ئوقۇشقا باشلىغان. 1986-يىلى 300كۋادرات مېتىر يەرگە پىششىق خىش، ياغاچ قۇرۇلمىلىق قىلىپ مەسجىد قايتىدىن بىنا قىلىنغان. ھازىر بۇ مەسجىد ئۆتمۈشلەردە ئىلىم-مەرىپەت بۇلىقى بولغان دۆڭ مەدرەسەنىڭ مەسجىدى سۈپىتىدە ساقلىنىپ كەلمەكتە.
 
( دىن ۋە ھايات 2000 سوئالغا جاۋاب) ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى.