8-ئاپرىل شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 78 يىللىق خاتىرە كۈنى

ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ خىتاي ۋە سوۋېت جاھانگىرلىكىگە قارشى ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ بىر نامايەندىسى بولغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 78 يىللىقىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىپتىخارلىق ۋە ھەسرەت بىلەن خاتىرىلەنمەكتە.

20-ئەسىردىكى شەرقىي تۈركىستان كەسكىن سىياسىي داۋالغۇشلارغا تولغان رايون ئىدى. 1931-يىلدىن 1934-يىلغىچە ۋە 1944-يىلدىن1949-يىلغىچە  شەرقى تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچى ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈچەيگەن ئازادلىق ھەرىكەتلىرى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدا ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى. بولۇپمۇ  1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ 1949-يىل تارقىتىلۋېتىلشىگچە بولغان جەرياندا بېسىپ ئۆتكەن كۈرەش مۇساپىلىرى ئۇيغۇر تارىخىدا شانلىق ئىزلارنى قالدۇردى. 

جاللات شېڭ شىسەي 1943-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن تۇيۇقسىز يۈز ئۆرىگەندىن كىيىن، 1944-يىلى شەرقى تۈركىستاندا ئىككىنچى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ئىنقىلاب پارتلىدى. 1944-يىلى 9-ئاپرېل، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى بىلەن غۇلجا ناھىيە بازىرى(ھازىرقى غۇلجا شەھىرى)دە شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى يەر ئاستى تەشكىلات – غۇلجا ئازادلىق تەشكىلاتى قۇرۇلدى، ئېلىخان تۆرە رەئىس بولدى. 1944- يىلى 8-ئايدا پاتىخ باتۇر، ئەكبەر باتۇر، سېيىت باتۇر، غېنى باتۇر قاتارلىقلارنىڭ باشچىلىقىدا  نىلقا ناھىيەسىنىڭ ئۇلاستاي تاغلىق رايونىدا پارتىزانلار ئەترىتى قۇرۇلدى. 

1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8- كۈنى، غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان دۆلەت ئارمىيەسىگە بايراق تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇنتىزىم شەرقى تۈركىستان دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. قوشۇننىڭ فورمىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىگە تەقلىد قىلىپ تىكتۈرۈلدى. ئارمىيەنىڭ پاگون، كاكار، بايراقلىرى بېكىتىلدى، مېدال ۋە ئوردېنلار تارقىتىلدى. شەرقىي تۈركىستان دۆلەت ئارمىيە باش شتابى قارمىقىدا ھەربىي تەمىنات باشقارمىسى، سىياسىي باشقارما، ھەربىي قۇرۇلۇش باشقارمىسى، ھەربىي سوت، ھەربىي ھەرىكەت باشقارمىسى قاتارلىق ئورگانلار تەسىس قىلىندى. سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىدىن قېچىپ غۇلجىغا كېلىپ يەرلەشكەن چار پادىشاھنىڭ ئاق ئورۇس سولداتلىرىدىن بولغان پالېنوف باش قوماندانلىققا، مازھاروف شتاب باشلىقلىقىغا، ئۇيغۇرلاردىن زۇنۇن تېيىپوف مۇئاۋىن باش قوماندانلىققا، غېنى باتۇر ھەربىي سوتنىڭ باشلىقلىقىغا، ئابدۇكېرىم ئابباسوف سىياسىي باشقارمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. مۇنتىزىم قوشۇننىڭ ئومۇمىي ئەسكەر سانى 40 مىڭدىن ئاشاتتى.

گەرچە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى ئەينى ۋاقىتتا يېڭىدىن قۇرۇلغان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى ئۈچ ۋىلايەتنى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خىتاينىڭ تاجاۋۇزىدىن قۇتۇلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارمىيە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك مۇداپىئە لىنىيىسى بولغان جىڭ ۋە شىخونى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ بوسۇغىسىغا قىستاپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، جەنۇبىي يۆنىلىش قىسمىنى تەشكىللەپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارغا ھۇجۇم باشلاش بىلەن تەڭ، بۇ جايلارغا مەخپىي ئادەم ئەۋەتىپ جاي – جايلاردا خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ تەشكىللەيدۇ. جەنۇبتا تاشقورغان، تاشمىلىقلارنى مەركەز قىلغان قوراللىق قوزغىلاڭچىلار قىسمىنى قۇرۇپ، خىتاي قوشۇنلىرى ئىشغالىيىتىدىكى جايلارغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلايدۇ. مۇنتىزىم قىسىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن ھېسابلانغان باي، ئونسۇ ناھىيەلىرىنى ئازاد قىلىپ، خىتاي قوشۇنلىرىنى ئاقسۇ شەھەر سېپىلى ئىچىگە قاپسىۋالىدۇ. باشقا قوراللىق قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلارمۇ تۇشمۇتۇشتىن ھۇجۇم باشلاپ، ئۆز تەۋەسىدىن خىتاي قوشۇنلىرىنى قوغلاپ چىقىرىدۇ. خىتاي قوشۇنلىرى ھەممىلا يەردە ئاساسەن شەھەرلەردىكى سېپىل ئىچىگە قاپسىلىپ قالىدۇ.

1946-يىلى، 6-ئايدا خىتاي تەرەپ بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەرەپ 11 ماددىلىق بىتىم ئىمزالىغاندىن كېيىن، ماناس دەرياسى بويىدىكى مىللىي ئارمىيە قوشۇنلىرى قىسقارتىلىپ، بىر قىسمى غۇلجىغا قايتقان بولۇپ، بىتىم بويىچە مىللىي ئارمىيە 6 پولكقا قىسقارتىلدى.

ئەپسۇسلىنارلىقى، بىر قانچە يىللىق كۈتۈش، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى سىياسىي مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى ۋە 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلشى بىلەن، مىللىي ئارمىيە ئىستراتېگىيە ۋە رايون سىياسىتى جەھەتتە پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. 1950-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى تاجاۋۇزچى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن خىتاي ئارمىيىسىنىڭ 5-بىڭتۈەنى قىلىپ قايتىدىن تەشكىللەندى. كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى 10 يىل داۋاملاشقان  مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە شەرقى تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ گېنېراللىرى ۋە ئەسكەرلىرىنى تۈرلۈك سۇيىقەست ۋە باھانىلەر بىلەن ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىدۇ. 

2023-يىلى 9-ئاپرىل