رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى

 
شەكسىزكى، رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى بارلىق كۈنلەرنىڭ ۋە كېچىلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ ئەھمىيەتلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ئايلىرىدا ئىبادەتكە قاتتىق بېرىلەتتى ۋە باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا تەشەببۇس قىلاتتى. خۇسۇسەن رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئىبادەتكە قاتتىق بېرىلىشكە ۋە قەدىر كېچىسىنى تېپىشقا بۇيرۇيتتى. ئۆزىمۇ بۇ كۈنلەردە ئىبادەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا كىرىشىپ كېتەتتى . ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا باشقا كۈنلەردىكىدىن بەك ئىبادەتكە بېرىلەتتى» (مۇسلىم رىۋايىتى).
 
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونى يېتىپ كېلىشى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىدىن ئۇزاقلىشىپ، ئىبادەت بىلەنلا مەشغۇل بولاتتى، كېچىلىرى ئۇخلىمايتتى، ئائىلىسىدىكىلەرنى كېچىلىرى ئىبادەت قىلىشقا ئۇيغىتاتتى» (بۇخارى رىۋايىتى).
 
يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «رەسۇلۇللاھ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئېتىكاپ قىلاتتى ۋە رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىنىڭ تاق كېچىلىرىدە قەدىر كېچىسىنى تېپىشقا تىرىشىڭلار! دەپ مۇسۇلمانلارنى تەشەببۇس قىلاتتى» (بۇخارى رىۋايىتى).
 
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن رەسۇلۇللادىن،- ئەگەر مەن قەدىر كېچىسىنىڭ بولىدىغان ۋاقتىنى بايقىسام، بۇ كېچىدە نېمە دەپ دۇئا قىلسام بولىدۇ؟-دەپ سورىۋىدىم، ئۇماڭا مۇنۇ دۇئانى ئۈگەتكەن: اَللَّهُمَّ اِنَّكَّ عَفُوٌّ تُحِبُّ الْعَفْوَ فاَعْفُ عَنّيِ يەنى «ئى ئاللاھ! سەن ھەقىقەتەن گۇناھلارنى ئەپۇ قىلدىغان ۋە ئەپۇ قىلىشنى ياقتۇرىدىغان ئىلاھىمسەن، گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغايسەن» (تىرمىزى رىۋايىتى).
 
قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلەتلىرى
 
ئاللاھ تائالا قەدىر كېچىسىنى ئۇلۇغ قىلىپ، ئۇنى رامىزاننىڭ باشقا كېچىلىرىدىن ئالاھىدە شەرەپلىك ۋە خەيرلىك قىلىپ بەلگىلىدى. چۈنكى بۇ كېچە قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرى تۇنجى قېتىم يەرشارىدا پارلاشقا باشلىغان بىر كېچە ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كېچىنىڭ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدىكى تاق كېچىلەرنىڭ بىرىدە بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن ۋە بۇ كېچىنى تېپىش ئۈچۈن رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىشقا تەشەببۇس قىلغان ھەم ئۆزىمۇ شۇنداق قىلغان. چۈنكى بۇ كېچىدە قىلىنغان ئەمەل- ئىبادەتلەر پەزىلەتتە ۋە ساۋابتا مىڭ ئايلىق ئەمەل- ئىبادەتتىن ئارتۇقتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿قەدىر كېچىسى (پەزىلەت ۋە ساۋابتا) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر ﴾ دەيدۇ (قەدىر سۈرىسى 3- ئايەت).
 
دېمەك، قەدىر كېچىسى مىڭ ئايغا تەڭ بولغان ئىكەن، ئۇ بىر ئىنساننىڭ ئۆمرىدىن 83 يىلغا تەڭ بولغان بولىدۇ. ئەگەر بىر ئىنسان 83 يىل ھەمىشە ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولغان تەقدىردىمۇ، بىرىمىزنىڭ قەدىر كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگىنىمىزنىڭ ساۋابى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا 83 يىللىق ئىبادەتتىن ئەۋزەلدۇر، ئەلۋەتتە.
 
شۇبھىسىزكى، قۇرئان كەرىمنىڭ پارلاق نۇرى ئىسانىيەتنىڭ قەلبىگە نۇر چېچىشقا باشلىغان بۇ كېچە باشقا ھەرقانداق كېچىلەردىن ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىكتۇر. ھېچقانداق كېچە ئۇنىڭغا تەڭ بولالمايدۇ. لېكىن شۇنى ياخشى بىلىش كېرەككى، ھەرقانداق ئۇلۇغ ئاينىڭ، ھەرقانداق ئۇلۇغ كۈن ياكى كېچىنىڭ ۋە ھەرقانداق ئۇلۇغ سائەتنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە ياخشىلىقلىرى، پەقەت ئۇنىڭ ئۇلۇغلىقىنى بىلىپ، ئۇنى قەدىرلەپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنالىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئەمما بۇ كېچىنى قەدىرلىمەي، ئۆزىنىڭ غەپلەت ئۇيقۇسىدا جىمىقىپ قالغان كىشىلەر ئۈچۈن بۇ كېچىنىڭ باشقا كېچىلەردىن ھېچبىر پەرقى يوقتۇر.
 
قەدىر كېچىسى ئىسلام مىللىتىگە بېرىلگەن ئىمتىيازدۇر
 
ئىمام خەتتابىي قەدىر كېچىسىنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىسلام مىللىتىگە مەخسۇس ئاتا قىلىنغان بىر كاتتا ئىمتىياز ئىكەنلىكىگە پۈتۈن ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ كېچىنى قۇرئان كەرىم بىلەن شەرەپلەندۈردى. قۇرئان كەرىم بولسا، ئىسلام مىللىتىنىڭ ئەڭ مۆتۈۋەر دەستۇرىدۇر. ئىمام مالىك ئۆزىنىڭ « ئەلمۇۋتتەء» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۇممەتلەرنىڭ ياشىغان ئۆمۈرلىرى كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈممەتلىرىنىڭ ئۆمرىنىڭ بۇرۇنقىلارنىڭ ئۆمرىگە نىسبەتەن قىسقا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۈممەتلىرىنىڭ بۇ قىسقا ئۆمرىدە بۇرۇنقىلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى قىلالمايدىغانلىقىدىن ئەنسىرىگەندە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈممىتىگە مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان قەدىر كېچىسىنى ئاتا قىلغان ».
 
ئاللاھ تائالا بۇ كېچىنىڭ قايسى كېچىدە ئىكەنلىك ۋاقتىنى بىزگە مەلۇم قىلمىغان. بۇ، كىشىلەر شۇ كېچىنى تېپىش مەقسىتى بىلەن رامىزان كېچىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىبادەتكە بېرىلسۇن ئۈچۈن ئىدى. شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالا جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەتنى ۋە قۇرئان كەرىمدىكى ئۇنى ئوقۇپ نېمە تىلسە بېرىلىدىغان ئىسمۇلئەزەمنى بىزگە بىلدۈرمىگەن. بۇمۇ كىشىلەرنىڭ دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەتنى ۋە ئىسمۇلئەزەمنى تېپىش ئۈچۈن ھەرۋاقىت دۇئا قىلسۇن ۋە قۇرئان ئوقۇسۇن ئۈچۈن ئىدى. ئەگەر قەدىر كېچىسىنىڭ ۋاقتى، دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەت ۋە ئىسمۇلئەزەم ئېنىق بىلدۈرۈلگەن بولسا ئىدى، كىشىلەر قەدىر كېچىسىدىلا ئىبادەت قىلىشقا، شۇ سائەتتىلا دۇئا قىلىشقا، ئىسمۇلئەزەمنىلا ئوقۇشقا ئۈگىنۋېلىپ، باشقىلىرىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن بولاتتى.
 
ئېتىكاپ ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى
 
ئېتىكاپ- ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش نىىيتى بىلەن مەسجىدتە ئولتۇرۇش دېمەكتۇر. ئېتىكاپ قىلىشنى دەسلەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشلىغان. ئېتىكاپنى ھەرقانداق ۋاقىتتا قىلسا بولىدۇ. ئەمما رامىزاندا قىلىش سۈننەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر يىلى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە مەسجىدتە ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ ئېتىكاپ قىلاتتى. كېيىن ئۇنىڭ ئاياللىرى، ئاندىن ساھابىلار ئېتىكاپ قىلىشقا باشلىغان. شۇنداق قىلىپ، ئېتىكاپ ئىسلام دىنىدا ئەڭ پەزىلەتلىك ئەمەللەردىن بولۇپ ئورۇن ئالغان. ئېتىكاپ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش مەقسىتى بىلەن، پۈتۈن دۇنيالىق ئىشلاردىن قول ئۈزۈپ، مەسجىدتە ئولتۇرۇپ تۈرلۈك ئىبادەتلەرنى ئورۇنلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىبادەتتۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر يىلى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلاتتى. ئۇ، ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى يىلقى رامىزاندا 20 كۈن ئېتىكاپ قىلغان ئىدى» (بۇخارى رىۋايىتى).
ئىمام ئەتائىي مۇنداق دېگەن: «ئېتىكاپ قىلغان كىشى، خۇددى پادىشاھتىن سورايدىغان ھاجىتى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تەلمۈررۈپ، ھاجىتىم راۋا بولمىغىچىلىك ھېچ كەتمەيمەن دەپ تۇرۇۋالغان كىشىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆيلىرىدىن بىرى بولغان مەسجىدتە ئولتۇرىدۇ ۋە گۇناھلىرىم مەغپىرەت قىلىنىپ، ھاجەتلىرىم راۋا بولمىغىچىلىك مەسجىدتىن چىقمايمەن، دەپ ئېتىكاپقا داۋام قىلىدۇ» («ئەلئىختىيار» دىن).
 
ئېتىكاپنىڭ پەزىلەتلىرى
 
ئېتىكاپنىڭ پەزىلەتلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. شۇڭا ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچىلىك ھېچ تەرك قىلمىغان. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىلى ئېتىكاپتا كۆپرەك ئولتۇرغان. بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئېتىكاپنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلدۈرگەن. چۈنكى ئىنسان تۇرمۇشنىڭ تەلەبلىرى ۋە غەپلەتلەر سەۋەبى بىلەن گاھىدا ئاللاھ تائالادىن ئۇزاقلىشىپ قالىدۇ، ئاخىرەتلىك ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئېتىكاپ قىلىش بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئاللاھ تائالا تەرەپكە قايتىشى ۋە دۇنيانىڭ تۈگىمەيدىغان مەشغۇلاتلىرىدىن بىرئاز بولسىمۇ ئازات بولۇپ، ئۆزىنىڭ مەنىۋىيتىنى كۈچەيتىشى ھەم يۈكسەلدۈرۈشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر.
 
ئېتىكاپقا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلار
 
ئېتىكاپ قىلىش پەزىلەتلىك ئەمەل ۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنىڭ چوڭ پۇرسىتىدۇر. ئەمما ئېتىكاپ قىلىمەن دەپ مەسجىدتە ئولتۇرۇۋالغان كىشىلەرنىڭ كۆپ سانلىقى دىققەت قىلمىغان بەزى خاتالىقلار بار. ئۇلار:
 
1. پەرزەنتلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قايرىپ قويۇپ، ئۆزىنىلا ئويلاپ مەسجىدكە كىرىپ ئولتۇرۇۋېلىش. ئەسلىدە مۇئمىن ئادەمنىڭ پۈتۈن ھەرىكىتى ئىبادەت بولۇشى لازىم. ئىبادەت مەسجىدىلا ئەمەس. ئادەم ھەر ئىشنى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن بويىچە قىلسا، مەيلى ئۇ ئىش دۇنيالىق ئىش بولسىمۇ، ئۇ ئادەم ئىبادەت ئىچىدە بولغان بولىدۇ. شۇڭا ئېتىكاپ قىلماقچى بولغان ئادەم ئائىلىسىنىڭ بارلىق ئېھتىياجىنى تولۇقلاپ بېرىپ، ئاندىن مەسجىدكە كىرىۋالسا بولىدۇ.
 
2. نۇرغۇن كىشىلەر ئېتىكاپتا ئولتۇرسىمۇ، يانفون قولىدىن چۇشمەيدۇ، سوتسىيال مېدىيادىن ئايرىلالمايدۇ، بەزىسى تېخى يۇتۇبتىن ۋىدىيو كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالا بىلەنلا بولىمەن دەپ، مەسجىدكە كىرىۋېلىپ، دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلار بىلەن بىللە بولىدۇ. بۇ قانداق ئېتىكاپ بولسۇن؟ شۇڭا ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئېتىكاپ قىلىمەن دەپ مەسجىدكە كىرگەن ئادەم مۇمكىن بولسا يانفوننى ئالماي كىرىشى لازىم ۋە قولىدا ئاللاھ تائالانىڭ كالامى بولغان قۇرئان كەرىملا بولۇشى لازىم.
 
3. يەنە نۇرغۇن ئېتىكاپچىلار بامداتتىن كېيىن پىشىنگىچە، پىشىندىن ئەسىگىچە، يەنە بەزىسى شامغىچە ئۇخلاپ ئۆتكۈزىدۇ. بۇنداقلار ئۆيىدىلا ئۇخلىسا بولماسمۇ؟ توغرا، ئۇخلاش كېرەك. ئەمما بىر كۈننى ئۇخلاش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئادەم قانداقمۇ ئۆزىنى روزا تۇتتۇم، ئېتىكاپ قىلدىم دېيەلەيدۇ؟ ئۇ شۇنداق سانىسىمۇ، ئاللاھ تائالا قوبۇل قىلارمۇ؟ بۇنى ئويلاپ كۆرۈش كېرەك.
 
4. بەزى ئادەملەر تۇرماستىن باشقىلار بىلەن تېلېفونلىشىدۇ. سىز ئاللاھ تائالا بىلەن بولۇش ئۈچۈن ئېتىكاپ قىلغان ئىكەنسىز، چوقۇم پۈتۈن ۋاقتىڭىزنى ئاللاھ تائالاغا ئاتىشىڭىز لازىم. ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسىڭىز، ئۆيىڭىزگە بېرىپ ئۇخلىسىڭىزمۇ سىزگە گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى سىز ئېتىكاپ قىلىشقا مەجبۇر ئەمەس.
 
ئۆيدە ئېتىكاپ قىلىشنىڭ شەرتلىرى
 
ئېتىكاپ قىلىشنىڭ شەرتلىرىدىن بىرىنچىسى مەسجىدتە ئولتۇرۇش بولۇپ، ئېتىكاپ مەسجىدلەردىلا قىلىنىدۇ. ئەمما ھازىرقىدەك مەسجىدتە ئولتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغان شارائىتلاردا، ئۆلىمالار تۆۋەندىكى ئىككى شەرت بىلەن ئۆيلەردە مەخسۇس جاينى مەسجىد قىلىپ، شۇ جايدىلا ئولتۇرۇپ ئېتىكاپ قىلىشنى جائىز دەپ قارايدۇ:
 
1. ئۆيدىكى ناماز ئوقۇشقا خاس قىلىنغان خانە ۋە ياكى جايدىلا ئولتۇرۇش، زۆرۈرىيەتسىز باشقا خانىلارغا ۋە سىرتقا قەتئىي چىقماسلىق. چۈنكى ئېتىكاپ قىلىشنىڭ شەرتلىرىدىن بىرىنچىسى مەسجىدتە ئولتۇرۇشتۇر. «مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار» دېگەن ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ.
 
2. ئۆيىدە ئېتىكاپ قىلغان ئادەم ئۆزىنى مەسجىدتە ئولتۇرغاندەك ھېس قىلىشى، ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش، دۇئا قىلىش، زىكىر، تەسبىھ ئېيتىش دېگەندەك مەسجىدلەردە قىلىشقا تېگىشلىك ئىبادەتلەرنى قىلىشى ۋە باشقىلار بىلەن پاراڭ سالماقلىق، ئايالىدىن يىراق تۇرۇش، ئويۇن ۋە كۈلكىلەردىن ساقلىنىش، بىھۈدە گەپ - سۆزلەرنى قىلماسلىق دېگەندەك مەسجىدلەردە قىلىشقا بولمايدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلىنىشى.