دۇنيا ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە ئەربابلىرى تارىخشۇناس نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئىجادىي تۆھپىلىرىنى قۇتلۇقلىدى

 
2023-يىلى 15-ئاپرېل كۈنى قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ئالمۇتا شەھەرلىك شۆبىسى، جەمئىيەت قارمىقىدىكى ئالىملار كېڭىشى ۋە قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئاتاقلىق ئالىم، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى نەبىجان تۇرسۇننىڭ 60 ياشلىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان «ئالىم بىلەن ئىجادىي ئۇچرىشىش» ماۋزۇسىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي ئۇچرىشىش ۋە مۇھاكىمە يىغىنى زۇم تور سۇپىسىدا (Zoom) ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ئۇچرىشىش ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، رۇسىيەدىن باشقا يەنە ئامېرىكا، گېرمانىيە، تۈركىيە ،ياپونىيە ، ئاۋسترالىيە ۋە باشقا ئەللەردىكى ئۇيغۇر ئالىملىرى، زىيالىيلىرى، ژۇرنالىستلىرى، جەمئىيەت ئەربابلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتنىشىپ نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئىلمىي ئىجادىي ھاياتى، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتلىرى، ئەسەرلىرىنىڭ ئىلمىي قىممىتى، ئۇيغۇر خەلقىگە قوشقان تۆھپىسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىن باھا بېرىپ چىقتى شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ تىلەك يوللىدى.
 
بىئولوگىيە پەنلىرى دوكتورى، ئاكادېمىك، قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت جەمئىيىتى ئالىملار كېڭىشىنىڭ رەئىسى مەسىمجان ۋېلەموفنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكەن مەزكۇر ئۇچرىشىشتا جەمئىيەت رەئىسى دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل، جەمئىيەتنىڭ ئالمۇتا شەھەرلىك شۆبىسىنىڭ رەئىسى، مېدىتسىنا پەنلىرى كاندىدات دوكتورى ئەبەيدۇللام جاپپاروۋ، جەمئىيەت ئالىي كېڭەش رەئىسى، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف تەۋەللۇد ئىگىسى نەبىجان تۇرسۇننى سەمىمىي تەبرىكلەپ، ئۇچرىشىشنىڭ مەزمۇنلۇق ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ئاندىن سۆزگە چىققان مۇستەقىل تەتقىقاتچى، دوكتور نەبىجان تۇرسۇن «ئالىمنىڭ ئاساسىي ئىلمىي تەتقىقات ئەمگەكلىرى ۋە ئۇتۇق-مۇۋەپپەقىيەتلىرى» ماۋزۇسىدا دوكلات قىلدى. نۆۋەتتە سۆز ئالغان «ر.ب. سۈلېيمېنوۋ» نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ يېتەكچى ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرى كاندىدات دوكتورى رەخمەتجان يۈسۈپوۋ تۇران ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئابلەخەت كامالوف بىلەن بىرلىكتە تەييارلىغان «كەسىپداشنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ھەققىدە سۆز» ماۋزۇسىدىكى دوكلاتىنى ئوقۇپ، نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئىلمىي ئىجادىي ھايات يوللىرى ھەققىدە تەپسىلىي بايان قىلدى.
 
ن. تۇرسۇن بىلەن بولغان ئىجادىي ئۇچرىشىش مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزگە چىققان ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ سابىق باشلىقى ، ئابلەھەت خوجايېۋ نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئىجادىي ھاياتىنى يۇقىرى باھالاپ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بولغان تەنھا ئورۇندىغان 13 توملۇق <<ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى>> ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مەركىزىي ئاسىيا، تۈرك دۇنياسى ئۈچۈنمۇ مۆجىزە خاراكتېرلىك تۆھپە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
 
ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇئاۋىن مۇدىرى مەمەتجان جۈمە نەبىجان تۇرسۇن بىلەن ئۇزۇن يىللىق كەسىپداشلىق مۇناسىۋىتىدىن قاراپ، ئۇنىڭ ئالىي مۇھەررىرلىك ھاياتىدا ئۇيغۇر بۆلۈمى ئۈچۈن يۇقىرى تۆھپە قوشقانلىقى، ئۇنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، تىرىشچانلىق روھى، قابىلىيىتى، توختاۋسىز ئىجاد قىلىش ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ تارىخ تەتقىقاتىدا بۆسۈش ياراتقانلىقى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەتتا ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشلىرىنىمۇ كىشىلەر تەرىپىدىن پايدىلىنىلغانلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلدى.
 
ۋاشىنگتوندىكى ئاسىيالىق ئامېرىكىلىقلار جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئىجادىي ھاياتى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى 9 نۇقتىدىن ئىلمىي ئاساستا شەرھلىدى. ئۇنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى زور تەسىرى ھەمدە ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي ئىدىيەنىڭ كۈچىيىشىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بولۇپمۇ ئۇ نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى بىلەن چەتئەللەردىكى ۋە ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنى باغلاشتا كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
 
بۇلاردىن باشقا گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئابلەت ئسېمەت نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئىلمىي قىممىتى ۋە ئۇنىڭدىن كەڭ پايدىلىنىشنى تەكىتلىدى. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ئەركىن ئەمەت ئۆزىنىڭ ن.تۇرسۇن بىلەن بولغان 40 يىللىق مۇناسىۋىتىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭ كەڭ بىلىمگە ئىگە ۋە تارىخى بويىچە تۆھپىكار ئىكەنلىكىنى شەرھلىدى. ئىستانبۇلدىكى بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور مەغپىرەت كامال نەبىجان تۇرسۇننىڭ تارىخى تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالاپ، ئۇنى «ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىدىكى بىر يۇلتۇز» دەپ ئاتىدى.
 
قىرغىزىستاندىكى «ئىتتىپاق» گېزىتى باش مۇھەررىرىنىڭ ئورۇنباسارى پەلسەپىچى ئەكبەرجان باۋدۇنوۋ، موسكۋادىكى رۇسىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى رەفقەت سادىقوۋلار ئۆزلىرىنىڭ نەبىجان تۇرسۇن بىلەن بولغان 1990-يىللاردىن باشلانغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپلا تىرىشچان ئىكەنلىكى، ماتېرىياللارنى توپلاشقا، ھازىرقى كىتابلىرىنى يېزىشنى باشلىغانلىقلىرىنى ئەسلىدى. رەپقەت سادىقوف نەبىجان تۇرسۇننىڭ موسكۋادىكى رۇسىيە ئالىملىرى ئارىسىدىمۇ ياخشى تەسىر قالدۇرغانلىقى،ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇش جەريانلىرىدىكى پائالىيەتلىرىگە گۇۋاھچى بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆز ئەسەرلىرى ۋە خىسلەتلىرى بىلەن رۇسىيە ئالىملىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغانلىقى، رۇسىيە ئالىملىرى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىشلىرىنى باغلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
 
مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە قازاقىستان ئاگرارلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئاكادېمىك شەيمەردان شەرىپوۋ نەبىجان تۇرسۇنغا يۇقىرى باھا بېرىپ: « ئۇ، ئۆز تىرىشچانلىقى، ئەمگەكلىرى، خەلقى ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىق روھى ھەم قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىلەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئالىملىرى ئۈلگە تىكلەپ بەردى. مەن نەبىجان تۇرسۇن بىلەن زامانداش ۋە تونۇش بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن» دەپ تەكىتلىدى.
 
مۇختەر ئاۋېزوۋ نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئالىمجان ھەمرايېف نەبىجان تۇرسۇننى پەقەتلا تارىخشۇناس ئەمەس، بەلكى كۆپ قىرلىق ئالىم ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ فىلولوگىيە ساھەسىدىمۇ نەتىجە ياراتقانلىقى، ئىنىسى مەرھۇم ئابدۇرېھىم تۇرسۇن بىلەن بىرلىكتە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ رۇسچە شېئىرلار توپلىمىنى يورۇققا چىقارغانلىقى، ئۇنىڭ « موسكۋا خىياللىرى» ناملىق ئەسىرىنىڭ ۋەتەن ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇر ئاسىيادىكى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى شەرھلىدى.
 
قازاقىستان ۋە خەلقئارادا تونۇلغان رەسسام ئەخمەتجان ئەخەت ئۆزىنىڭ رەسساملىق نۇقتىسىدىن تۇرۇپ، نەبىجان تۇرسۇن تارىخ ئەسەرلىرىنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رەسساملىق سەنئىتىگە پايدىلىنىش قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى تەكىتلىدى.
 
جامائەت ئەربابى ئازتېكىن ئىبراھىموۋ ۋە باشقىلار ئالىمنىڭ ئىلمىي پائالىيىتى، ئىنسانىي خىسلەتلىرى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپى ئازتېكىن ئىبراھىموۋ نەبىجان تۇرسۇن ھەققىدە قانچە سۆزلىسەكمۇ گەپ تۈگىمەيدۇ. لېكىن بىرلا سۆزگە خۇلاسىلەپ، نەبىجان تۇرسۇن ھەقىقىي ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئۆز مىللىتىنى تىكلەش يولىدىكى ھەقىقىي زىيالىي، ھەقىقىي تارىخشۇناس، ھەقىقىي ئالىم ۋە ئۇيغۇر ئوغلى بولۇشقا مۇناسىپ دەپ تەكىتلىدى.
 
پائالىيەت جەريانىدا يىغىنغا بىۋاسىتە قاتنىشالماي ئۆزىنىڭ تەبرىكىنى يىراقتىن تور ئارقىلىق ئەۋەتكەن ئامېرىكىلىق ئالىم جوشۇا فرېماننىڭ ۋىدېئولۇق تەبرىك سۆزى كۆرسىتىلدى.
 
نەبىجان تۇرسۇننىڭ 60 ياشلىقى تەۋەللۇتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ ئىلمىي ئىجادىي ھاياتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى تىكلەشكە قوشقان تۆھپىسىنى تەبرىكلەشكە ئائىت مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىمۇ يۇقىرى ئەھمىيەت بەرگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات باشتىن ئاخىرى ئاڭلىغۇچى سۈپىتىدە قاتناشقان، بۇلاردىن باشقا يەنە ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە،قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم جامائەت ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتچىلىرى، ئوقۇغۇچىلاردىن خېلى كۆپ تولۇق قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ قوللاش ۋە تەبرىكلەش ھېسسىياتلىرىنى بىلدۈرۈشكەن.
 
مەنبە: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2023-يىلى 17-ئاپرېل