دوپپىلىق داھىي- ئۇيغۇر ئوغلى ئەخمەتجان قاسىمى

 
ئۇيغۇر تارىخىدىكى دوپپا ئەڭ ياراشقان ئۇيغۇر داھىيسى ئەخمەتجان قاسىمىدۇر! ئۇيغۇر تارىخىدىكى ھېچقاچان ۋە ھەر كۈنى، ھەر ۋاقىت بېشىدىن دوپپىسىنى چۈشۈرمىگەن داھىي پەقەت ئەخمەتجان قاسىمىدۇر!
 
ئەخمەتجان قاسىمى ھېچقاچان دوپپىسىنى رەسمىيەت ئۈچۈن كىيىپ قويغان ئەمەس!
 
دوپپا، بۇرۇت ۋە ساقال ئۇيغۇر ئەرلىكىنىڭ سىمۋولى بولسا، 35 يېشىدا شېھىت بولغان ئەخمەتجان قاسىمى ئەنە شۇ دوپپا بىلەن بۇرۇتنى ئەرلەرنىڭ ئەرلىك گۈزەللىكى دەپ ئۆزىگە مۇجەسسىم قىلغان داھىيدۇر!
 
ھەقىقىي ئۇيغۇر ئوغلى ئەخمەتجان قاسىمى ئەنە شۇ دوپپىسى بىلەن خىتاي تۈرمىسىدە ياتقان، دوپپىسى بىلەن جەڭگە ئاتلانغان، دوپپىسى بىلەن 9 ماددىلىق شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى يازغان، ئەنە شۇ دوپپىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ فرونت ئۇرۇش پىلانىنى تۈزگەن، ئەنە شۇ دوپپىسى بىلەن جاڭ جىجوڭدەك خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن كەسكىن تالاش-تارتىش قىلىپ، خىتاينىڭ دىپلوماتىيە تۈلكىسى دەپ نام ئالغان مەزكۇر جاڭ جىجوڭنى زار-زار قاقشىتىپ، «بولدى، مەن ساڭا تەڭ كېلەلمىدىم، سەن بىلەن تالاش-تارتىش قىلالىغۇدەك باشقا بىرىنى ئەۋەتەي» دېگۈزگەن، ئەنە شۇ دوپپىسى بىلەن خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەنلەرنى كېزىپ خەلقنى تەۋرەتكەن، قەشقەر خەلقىنى يېڭىشەھەردىن كوناشەھەرگىچە 10 كىلومېتىر يول ئۈستىدە «ياشىسۇن ئەخمەتجان!» دەپ قارشى ئالدۇرالىغان، تۇرپان خەلقىنى ئۆزى ئولتۇرغان ماشىنىسى بىلەن تەڭ كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان دەرىجىدە ھاياجانلاندۇرالىغان، ئۈرۈمچىدىكى 10 مىڭلىغان خىتاي نامايىشچىلارنى ئۆزىگە قارشى قوزغىيالىغان ھەم ئۇلار «ئەخمەتجاننى ئۆلتۈرەيلى، ئەخمەت يوقالسۇن!» دەپ نامايىش قىلىپ ئالدىغا ئېتىلىپ كەلگەندە ئەنە شۇ دوپپىسىنى كىيگەن ھالدا جاللاتلارنىڭ ئالدىدا مەيدىسىنى تىك تۇتۇپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ قۇيرۇقىنى خادا قىلدۇرالىغان، ئەنە شۇ دوپپىسى بىلەن نەنجىڭدىكى خىتاي قۇرۇلتىيىدا جاڭ كەيشىنى ساراسىمىگە سالالىغان، نەنجىڭ، بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە باشقا شەھەرلەردە ئۇيغۇرلارنى «ياۋايىلار »دەپ كۆزگە ئىلمىغان خىتاي گېنېراللىرى، ياۋروپالاشقان خىتاي بۇرژۇئازىيە ئاقسۆڭەكلىرىنى«نېمە دېگەن قاملاشقان، كېلىشكەن ۋە ئەقىللىق ئۇيغۇر، شۇڭا بىزنىڭ ئارمىيەمىزنى مەغلۇپ قىلالىغانكەن-دە ؟»دېگۈزۈپ،قايىللىق ئىچىدە باش ئېگىپ سالام قىلىشقا مەجبۇر قىلالىغانىدى.
 
ئۇيغۇر داھىيسى ئەخمەتجان قاسىمى ئەنە شۇ دوپپىسى بىلەن كۆكرىكىدىكى ئۇيغۇر مۇستەقىللىقىنىڭ سىمۋولى بولغان ئەڭ ئالىي ئوردېن- شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ئالتۇن ئوردېنى تاقالغان يارىشىملىق، چىرايلىق، ھەر ۋاقىت پاكىز كاستىيوم-بۇرۇلكىلىرى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا، ئەنگلىيە كونسۇللىرى ۋە مۇخبىرلىرىنى ھەيرانلىق ئىچىدە ئۆزىگە جەلپ قىلالىسا، بۇنىڭغا چوڭقۇر ۋە كەڭ بىلىم ساپاسى، كۈچلۈك ئەقلىي ئىقتىدارى، كەسكىن ۋە يول قويماس خاراكتېرىنى قوشۇپ، سوڭ شىلەندەك، « سىلەرنى ھەر ۋاقىت قىرىۋېتەلەيمەن، بىزنىڭ 400 مىليون ئادىمىمىز ۋە 8 مىليون ئارمىيەمىز، زامانىۋى قوراللىرىمىز بار، سىلەر ئارانلا 3 مىليون» دەپ ھەيۋە قىلىدىغان خىتاي گېنېراللىرىنى ۋە ئەشەددىي مىللەتچى ئەمەلدارلىرىنى ئۆزى ئالدىدا شۈمشەيتىپ ھەيۋىسىنى سۇندۇرالىغانىدى.
 
ئەخمەتجان قاسىمى ئەنە شۇ دوپپىسى، ئەنە شۇ ئازادلىقى ئوردېېنى، مەرتلىكى،بىلىمى، ئەنە شۇ مىللەتپەرۋەر ۋە خەلقپەرۋەرلىكى، قىسقىسى مىللەت يولىدىكى قولىدىن كەلگەن ھەممە ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۈشمەنلىرى، ئۆزىنى كۆرەلمەس ھەسەتخورلار، خائىنلار، جاللاتلار ۋە غالچىلار، بولۇپمۇ ئۇ دائىم سۆز نۇتۇقلىرى ۋە ماقالىلىرىدە ھەتتا يۈزمۇيۈز تۇرۇپ تىلغا ئالىدىغان «خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى» تەرىپىدىن ناھايىتى ئۆچ كۆرۈلگەن، تىللانغان ۋە ھاقارەتلەنگەنىدى.
 
ئۇيغۇر داھىيسى ئەخمەتجان ئاخىرىدا ئەنە شۇ دوپپىسى بىلەن مەيدىسىدىكى مۇستەقىللىق سىمۋولى ئاييۇلتۇزلۇق ئازادلىق ئوردېنىنى تاقىغان ھالدا ستالىن-ماۋ دوستلۇقىنىڭ قۇربانى، يەنى شېھىتلىك يولىنى تاللىدىكى، بېيجىڭغا بېرىپ، ماۋ زېدوڭغا دوپپا ۋە تون كىيدۈرۈش يولىنى تاللىمىدى!
 
ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن ھازىرغىچە بولغان بىر ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە « سۆيۈملۈك رەھبىرىمىز» دېگەن ئەڭ شەرەپلىك نامغا ئېرىشەلىگەن بىردىنبىر ئۇيغۇر داھىيسى ئەخمەتجان قاسىمى ئەنە شۇ دوپپىسى، ئەنە شۇ گۈزەل ئەرلىك بۇرۇتى، ئەنە شۇ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ئوردېنى بىلەن ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، ئازادلىقى، دىنى ۋە مۇستەقىللىقى يولىدىن ۋاز كەچمەي، ئۇيغۇر خەلقىگە پايدىسىز ۋە زىيانلىق بولغان ئەڭ مۇرەككەپ خەلقئارالىق ۋەزىيەت ۋە خەلقئارالىق دۈشمەنلىك ئارىسىدىن چىقىش يولى ئىزدەپ ئاخىرى ئۆز غايىسى يولىدا يوق بولدى! ئۇ، قولىدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلىپ، ئەنە شۇ دوپپىسى ۋە ئازادلىق ئوردېنىنى تاقىغان ھالدا شېھىت بولدى! ئۇنىڭ دوپپىسى، ئۇنىڭ مۇستەقىللىق ئوردېنىلىق چاپىنى ئۇنىڭ كېپىنى بولغانىدى !
 
لېكىن، ئۇ بىر بەندە بولغانلىقى ئۈچۈن خاتاسىز ئەمەس ئىدى! يۈزدەيۈز مۇكەممەل ئىنسان بولمىغاندەك ئۇمۇ شۇنداق ئىنسانلارنىڭ بىرى ئىدى، گۇناھىنى ئاللاھ ئۆزى كەچۈرگەي !
 
2023-يىلى 5-ماي