ئولىۋىيە ئېنوس: «ئۇيغۇر بالىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى قوغداشنىڭ تەخىرسىزلىكى»

ئولىۋىيە ئېنوس ئوڭدىن بىرىنچى كىشى. 

خوڭكوڭ ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ۋاشىنگتون ئىشخانىسى مۇدىرى ئولىۋىيە ئېنوس (Olivia Enos)  فوربېس ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئىستىقبالىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ئولىۋىيە ئېنوس «ئۇيغۇر بالىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى قوغداشنىڭ تەخىرسىزلىكى» ناملىق بۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئانىلىق ھېسسىياتى بىلەن كۆڭۈل بۆلگەندىكى تۇيغۇسىنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: 

«مەن بۇ ماقالىنى يېزىۋاتقان چاغدا تۇنجى ئوغلۇم تۇغۇلغىلى 10 ھەپتە بولدى. بۇ بالام پات ئارىدا مەن ئۈچۈن مۇھىم بىر ئادەمگە ئايلىنىدۇ. مەن ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلىشقا ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا مەسئۇل بولۇشۇم كېرەك.

كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ ۋەھشىيلىكى ھەم دەھشەتلىكىنى بىلسەممۇ، يېڭى تۇغۇلغان ئوغلۇم ماڭا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن بالىلارنىڭ ئازابىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇردى».

ولىۋىيە ئېنوس بۇ ماقالىسىدە ئۆزىگە تەسىر قىلغان ئۈچ دانە ۋىدىيونى تىلغا ئالىدۇ.  بۇ ھەپتە «زىمىستان» تورى 5 ياش بىلەن 10 ياش ئارىسىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۈچ دانە ۋىدىيو تارقاتقان بولۇپ، بۇ ۋىدىيودا ئۇيغۇر بالىلىرى خىتايچە سۆزلەپ، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.  يەنى ئۇلار خىتاي نېمىنى ئۆگەتسە شۇنى دەيدۇ.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئادرىيان زېنىز خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ 900 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى ۋە بۇ بالىلارنىڭ تامامەن خىتايچە تەربىيەلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. يۇقىرىقى ۋىدىيولار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ بالىلارنى خىتايچە مائارىپ ۋە ئاڭ بىلەن ئۆزگەرتىپ چىققانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە ئىكەن.

ئولىۋىيە ئېنوس بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مەنچە بۇ ئوغۇل بالىلارنىڭ چىرايىنى كۆرگەن، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي سۆزلىتىلگەن گەپلىرىنى ئاڭلىغان ھەر قانداق ئادەم ئۇ يەردىكى بالىلار كۆرۈۋاتقان زۇلۇمنى ھېس قىلىدۇ. ئۆزۈمنى ئېيتسام، مەن شۇ ئوغۇللارنىڭ چىرايىغا قارىسام، ئوغلۇمنىڭ چىرايىنى كۆرگەندەك بولىمەن ۋە ئاھ خۇدا، ئوغلۇمنىڭ بۇنداق مېڭە يۇيۇشقا دۇچار بولۇشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن دەپ ئويلايمەن».    

ئولىۋىيە ئېنوس  بۇ ھەقتە ماقالىسىدە مۇنۇلارنى يازىدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋەتكەنلىكى، ئاخىرقى مەقسەتنىڭ بۇ بالىلارنى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرىغا ئەمەس، پارتىيەگە ئەگىشىدىغان قىلماقچى ئىكەنلىكى مەلۇم. بەزى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى تەڭلا سىياسىي جىنايەتچى سۈپىتىدە لاگېر ياكى تۈرمىلەرگە سولانغان بولغاچقا، بالىلار يېتىم قالغان. بۇ لاگېرلاردا 1.8 مىليوندىن 3 مىليونغىچە كىشىنىڭ سولانغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. بەزىلىرى خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا ئەۋەتىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا.  خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ  بالىسىنى چۈشۈرۈۋەتكەنلىكى ۋە ئۇلارنى تۇغماس قىلىۋەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن بەزى ئۇيغۇر بالىلىرى ھەتتا دۇنياغا كېلەلمەس بولدى».

ئولىۋىيە ئېنوس ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇر بالىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى چوقۇم بىزنىڭ ئەڭ باشتا ئوتتۇرىغا قويىدىغان مۇھىم مەسىلىمىز بولۇشى كېرەك. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئىجرائات ئورۇنلىرى بۇ لاگېرلار تاقىلىپ، مەھبۇسلار قويۇپ بېرىلمىگەن بۇ ئىشنى بولدى قىلماسلىقى كېرەك. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى، ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى ۋە باشقا كومىتېتلار كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئېتنىك ئالاھىدىلىكىنى يوق قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى، گۇۋاھلىق ئېلىشى، ئۇيغۇر بالىلىرىنى يېتىمخانىلارغا مەھكۇم قىلىپ ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇشقا مەسئۇل خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى كېرەك. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمەت زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە 2-دەرىجىلىك پاناھلىق ئىمتىيازى بېرىشى، چېگرامىزدىن ئۇلارنى بىخەتەر كىرگۈزۈشى كېرەك؛ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى يەنە راھىلە ئۆمەرگە ئوخشاش تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر بالىلىرىنى بېقىۋېلىشى، ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى داۋاملىق تەلەپ قىلىشى كېرەك. (راھىلە ئۆمەر 2018-يىل تۇتقۇن قىلىنغاندا ئاران 15 ياشقا كىرگەن)».

ئولىۋىيە ئېنوس ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ۋە ئاتا-ئانىلىرىنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ناھايىتى جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەنچە بىز كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان ۋە ئىنسانلارغا بۇ خىل شەكىلدە زۇلۇم سالغان شەخسلەرنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللىقاچان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ جاكارلىدى، يەنى بۇ جىنايەت ئاياغلاشتى دېگىنى يوق، بەلكى يەنىلا داۋاملاشماقتا. شۇڭا ئۇنىڭغا تەدبىر قوللىنىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ بۇ نۇقتىنى تونۇشى ۋە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى، خىتاينىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان مەسۇم بالىلارنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».  

ئولىۋىيە ئېنوس ماقالىسىنىڭ ئاخىرىنى مۇنداق ئاياغلاشتۇرىدۇ: «مەن بۇ ماقالىنى تۇغۇت دەم ئېلىشى كۈنلىرىدە يېزىۋاتىمەن، ئەگەر مېنىڭ ئوغلۇممۇ مۇشۇنداق باستۇرۇشقا دۇچ كەلسە، گەرچە مەن ياردەم قىلالمىساممۇ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ياردەم قىلىپ، ئوغلۇمنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئانىلىق رىشتە دۆلەت چېگراسى ئايرىمايدۇ. بىز  سۆيۈملۈك بالىلىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرىمىز. بىز ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى ئەركىنلىككە چىقىپ ئۆز ئارزۇسىغا يەتمىگۈچە، بۇ يولدىن قايتمايمىز».