دۇنيادىكى ئەڭ غەلىتە «جىنايەتلەر ئارخىپى»

(بۈگۈن "زىمىستان" تورىغا چىققان مۇشۇ تىمىدىكى ماقالىنىڭ قىسقارتىلما تەرجىمىسى)
 
كۆك بايراق, 2023-يىلى 12-ماي
 
ئىنسانىيەت ئۆز تارىخىدا ھەر خىل جىنايەت، ھەر خىل جازالارغا شاھىت بولدى، ئەمما "شىنجاڭ ساقچى ئارخىپلىرى"دىكىدەك غەلىتىسىگە يولۇقۇپ باقمىدى. بىرقانچە مىسال:
 
1. " ئېلى جۈمە، 28 ياش: قولغا ئېلىنىش سەۋەبى، چەتئەلگە چىقىشقا بولمايدىغان ئائىلە ئەزاسى بولۇش"
 
خوش، قانداق كىشىلەر چەتئەلگە چىقىشتىن چەكلىنىشى مۈمكىن، دۆلەتكە قەرزى بولغان ياكى دۆلەتنىڭ سىررىنى پاش قىلىپ قويىدىغانلار. مەنچە بۇ دېلو كېيىنكىسىگە مەنسۇپ. ئېلى جۈمەنىڭ ئائىلە ئەزالىىرىدىن بىرى چوقۇم ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ قۇربانى ، شاھىدى ياكى ئىسيانكارى. يەنە بىر غەلىتىلىك ئەلى جۈمە چەتئەلگە چىقىشقا ئۇرۇنماي تۇرۇپلا تۇتقۇن قىلىنغان.
346993756_620463476776023_7272375869065488031_n
 
2. "ئابدۇېغى پازىل، 25 ياش، تۇتۇلۇش سەۋەبى: ئىشەنگىلى بولمايدىغان كىشىلەر. "
 
ئارخىپتا قانداق كىشىلەرنىڭ ئىشەنچسىز كىشىلەر ئىكەنلىكى ئىزاھلانمىغان. ئەمما ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ بىر خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ بىر ھۆججىتىدە 1970 ‏-، 1980‏- ۋە 1990 ‏-يىللىرى تۇغۇلغان ئۇيغۇرلار ئىشەنچسىز ئەۋلادلار دەپ بېكىتىلگەن. چۈنكى بۇ ئەۋلادلار ئاچارچىلىق دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھىممىتىنى بىلمەيدىغان ۋە قارشىلىق كۆرسىتىپ قېلىش "تەلۋىلىكى" بولغان كىشىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن.
 
خەلقئاارا قانۇندا، بەلگىلىك ياش گۇرۇپىسىدىكىلەر جازالاش ئوبېكتى قىلىنسا نىمە دىيىلەتتى؟ ئىرقىي قىرغىنچىلىق!
346833579_1163140881031524_5982638440165570931_n
 
3. " ئېزىز ياسىن، 32 ياش، تۇتۇلۇش سەۋەپلىرىدىن بىرى: بەش يىل بۇرۇن ئاكىسى كېرىم ياسىندىن 3 كۈن قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگەنگەن"
 
دېمەك خىتاي، دىن ئۆگىنىشكىلا ئەمەس، دىننىڭ بىر ئېلمىنتىنىڭ يۇقۇپ قېلىشىغىمۇ قارشى. خىتاينىڭ يەنە بىر ئاشكارىلانغان دوكىلاتىدا ئىسلام دىنى زېھنىي كېسىللىك دەپ دىيوگناز قويۇلغان ئىدى. خىتاينىڭ نەزىرىدە بۇ "كېسەل"نىڭ دورىسى جازا-تۈرمە.
 
4. "ئېزىز ئىبراھىم، 33 ياش، 2012 ‏-يىلى توي قىلغاندا مەرىكىسىدە پىيانو چېلىشقا رۇخسەت قىلمىغان"
 
شەرقى تۈركىستاندا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەردە قىممەتلىك سەپداشلىرىن ئايرىلىپ قالغان ۋە ئۇلارنىڭ جەسىتىگىمۇ ئىگە بولالمىغان بىر تۈركۈم ياشلار، تويلاردا نەغمە-ناۋادىن ئۇزاق تۇرۇش ئارقىلىق شېھىت دوستلىرىغا ھۈرمىتىنى بىلدۈرۈشكەن.
ئۇيغۇرلاردىكى بۇ مىللىي ئاڭ-سېزىم جىنايەت سانالغان.
 
5. ھۈسەيىن مەمەت، 51 ياش، تۇتۇلۇش سەۋەبى، ئانىسى تۈگەپ كەتكەندە نەزىر ئۆتكۈزمىگەن.
.........
ئارخىپتىكى بۇ غەلىتە "جىنايەت"لەرنى تىزساق 100دىن ئارتۇق كاتېگورىيە ۋە ھەر بىر كاتېگورىيەدە 1000دىن ئارتۇق تىزىلىشى .
 
بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئارخىپتىكى بۇ غەيرىي جازالارغا ھەيران قالمايمان. ئەمما ھەيران قالىدىغىنىم، خىتاينىڭ مۇشۇ ئارخىپى دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ يەنىلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە داۋاملىق ئەزا بولۇپ تۇرالشىدۇر؛ دۇنيادا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۇكرائىنىيە مەسىلىسىدەك خەلقئاارۋىي مەسىلىلەردە يەنە خىتايدىن تېنچلىققا كېلىشتۈرگۈچى بولۇشىنى كۈتۈشىدۇر. دۇنيانىڭ مۇشۇ دەرىجىدىكى بىر ھەقسىزلىقنى كۆرىدىغان ۋە ھەققانىي بىر پوزىتسىيە تۇتىدىغانغا ئەقلى ئاجىز كېلىۋاتامدۇ؟ ۋىجدانى زەئىپلىك قىلىۋاتامدۇ ياكى كۈچى يەتمەيۋاتامدۇ؟!!?