خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستانغا «سەددىچىننى يۈتكەش» خىيالى

(بۈگۈن "زىمىستان" تورىغا چىققان مۇشۇ تىمىدىكى ماقالىدىن ئۈزۈندىلەر تەرجىمىسى)
 
كۆك بايراق، 2023-يىلى 19-ماي
 
ئىككى خىتاي تەتقىقاتچى ئۈرۈمچى ياكى قەشقەردە خىتاينىڭ ئىككىنجى پايتەختىنى تەسىس قىلىش پلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەقسىتىنى بولسا رايونلارئارا ئىقتىسادىي تەڭپۇڭلۇق شەكىللەندۈرۈش دەپ ئىزاھلدى.
 
مەنچە خىتاينىڭ دەردى باشقا: سەددىچىن ئۆزىگە پۇتلىشىۋاتىدۇ....
 
ئۇيغۇرلار " بىز سەددىچىننىڭ سىرتىدا ، ئاتا-بوۋىلىرىمىز خىتايغا بېقىنىپ ئەمەس، خىتاي بىزدىن مۇداپىيەلىنىپ ياشىغان" دەپ مەغرۇرلۇق قىلىۋاتىدۇ، چەتئەللىكلەر "ئۈرۈمچى بېيجىڭغا قارىغادا تاشكەنگە يېقىن" دېگەندەك "زەھەرلىك" جۈملىلەر بىلەن خىتاينىڭ چىشىغا تېگىۋاتىدۇ ۋە " شىنجاڭ ئەلمىساقتىن بىر پارچىمىز" نەزەرىيەسىنىڭ يىلتىزىغا پالتا ئۇرۇۋاتىدۇ.
............
قانداق قىلىش كېرەك: يەنىلا بۇرۇنقىدەك شەرقى تۈركىستاندىن تېپىلغان بىر خەي، بىر يىرتىق ۋاراق ۋە ياكى بىر پاناق بۇرۇن جەسەتكە تايىنىپ تۇرۇپ زىمىن پۈتۈنلىكى نەزەرىيەسىنى بازارغا سېىلىش كېرەكمۇ؟
 
خىتاينىڭ بۇ باش قېتىمچىلىقىغا، ئىككى تەتقىقاتچى چارە تاپقان. ئۇ بولسىمۇ، شەرقى تۈركىستانغا ئىككىنجى پايتەختتىن ئىبارەت بىر ئابىدە تىكلەپ قويۇش. بۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ پلان ئەمەلگە ئاشسا، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ كىندىكىدە ياشىغان خەلققە ئايلىنىدۇ، شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇرنىڭ ئانا ۋەتىنى بولۇپ ئەسلەنمەي، خىتاينىڭ ئىككىنجى پايتەختى بولۇپ ئەسلىنىدۇ، ئۆتمۈشتىكى ، جاڭييەننىڭ تىجارىي سەپىرى ، لىنزەيشۈنىڭ غۇلجىغا پالىنىشى ، بۈگۈن قانداق رول ئويناۋاتقان بولسا، ئىككىنجى پايتەخت كەلگۈسىدە، ئۇنىڭدىن يۈز ھەسسە ئارتۇق رول ئوينايدۇ.
....
دېمەك خىتاينىڭ ئىككىنجى پايتەخت پلانى ماھىيەتتە، سەددىچىننى شەرقى تۈركىستاننىڭ سىرتىغا يۆتكەش خىيالىدۇر، ئەلۋەتتە فىزىكى جەھەتتىن ئەمەس، تارىخىي مەنا جەھەتتىن.
 
ئەپسۇسكى، پۇتلىشىاۋاتقىنى، يالغۇز سەددىچنلا ئەمەس..بۇنىڭدىن باشقا:
ئۇيغۇرنىڭ
1. ياۋروا-ئاسىيا چىراي تىپى
2. تۈرك ئىسلام مەدەنىيىتى
4. كۈرەش تارىخىي-سۇنمىغان مۇستەقىللىق ئىرادىسى
5. مۇستەملىكىچىلىك پۇراپ تۇرغان " شىنجاڭ" دېگەن يەر نامى.
 
مانا بۇلار شەرقى تۈركىتاننىڭ تارىخىي ئىگىسى توغرىسىدا ئىزاھات ، مۇنازىرە ۋە تەتقىات تەلەپ قىلمايدىغان پاكىتلاردۇر.
.............
خىتاي بۇ توسالغۇلارنى يوقۇتۇش ئۈچۈن، ئاخىرقى چارە سۈپىتىدە، لاگىرلارنى تەسىس قىلدى. لاگىرلار قۇرۇلۇپ 6 ‏-يىلىمۇ ،خىتاي يەنىلا مۇقىملىقتىن ئەندىشە قىلىۋاتقان، ئىككىنجى پايتەت قۇرۇش كويىغا چۈشكەن بولسا، ئۇ تونىغان بىر رېئاللىق بار، ئۇ بولسىمۇ، 21 ‏-ئەسىردە ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۆزلىگەن نەتىجىنى بەرمەيدۇ، لاگىردىكى 3 مىليون ئۇيغۇر چىرىتىۋېتىلگەن تەقدىردمۇ، لاگىر سىرتىدا ياشاۋاتقان 15 مىليون ئۇيغۇر يەنە يەر شارىدا مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلىدۇ، يۈرەكلىرى قىساسقا تولغان بۇ ئىنسانلار كەلگۈسىدە باشلىرىغا بالا بولىدۇ...
 
شۇڭا خىتاي سەددىچىننى يۆتكەش خىيالى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئاخىرى چارىنى كەلگۈسى ئەۋلاتللىرىغا ھاۋالە قىلىۋاتىدۇ........”