مۇستافا چوقاي ۋە ئۇنىڭ ئىنقىلابى پائالىيەتلىرى

 
مۇندىن يېرىم ئەسىر مۇقەددەم مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدە نەشىر قىلىنغان «تۈركىستان ئاۋازى» ژۇرنىلىنىڭ 1953- يىلى ئىككىنچى سانىدا، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ قۇرغۇچىسى، ئەينى ۋاقىتتا ئەرەب دۇنياسىدا تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن بىرى بولغان ئىبراھىم ۋاسىلىينىڭ قەلىمى بىلەن مۇستافا چوقاي ھەققىدە بىر ماقالا ئېلان قىلىغان ئىكەن.
تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن يولباشچىلىرىدىن بىرى بولغان، بۈيۈك ئىنقىلابچى مۇستافا چوقاي مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى باتۇرلارچە كۈرەش قىلىش، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداش يولىدا ھاياىتىنى ئاتاشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشلىرى بىلەن قەلبىمىزدە ھەر زامان يادلىنىدۇ. مۇستافا چوقاي ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتقان كىشى ئىدى.
 
مۇستافا چوقاينىڭ دۇنياغا كېلىشى ۋە تەھسىل يولىدىكى سەپەرلىرى
 
ماقالىدا مۇنداق يېزىلغان : «بۈيۈك ئىنقىلابچى مۇستافا چوقاي تۈركىستان (ھازىرقى ئىستىلاھتا «ئوتتۇرا ئاسىيا»)دا تونۇلغان تورغاي دادخان ئائىلىسىدىن چوقايبەك دېگەن كىشىنىڭ ئوغلى بولۇپ، 1890- يىلى 7- يانۋار كۈنى قازاقىستاننىڭ قىزىل ئوردا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىپتىدائىي مەكتەبنى قىزىل ئوردىدا تاماملىغان مۇستافا چوقاي ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدىكى رۇس گىمنازىيىسىگە ئوقشقا چۈشكەن. ئوتترا مەكتەبنى تاشكەنتتە تاماملىغان مۇستافا ئۇستازلىرىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدۇ. نەتىجىدە، ئۇنى ئۇستازلىرى ھۆكۈمەت ھېسابىغا رۇسىيەنىڭ پېتروسبۇرگ شەھىرىگە ئەۋەتىش تەكلىبىنى بېرىپ، ئەگەر دۆلەت ھېسابىغا ئوقۇيدىغان بولسا، قانۇنشۇناسلىق فاكۇلتېتىدىن باشقىسىغا كىرىشىنى شەرت قىلىدۇ. لېكىن مۇستافا چوقاينىڭ ئارزۇسى قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇش بولغانلىقتىن، ھۆكۈمەتنىڭ خىراجىتىدىن ۋازكېچىپ، ئۆنىۋېرسىتېتنى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇشقا باشلايدۇ. مۇستافا چوقاي ئۆنىۋېرسىتېتتىكى ۋاقىتلىرىدا 1910- 1914- يىللىرى ئارىسىدا، تۈركىستانلىق ۋە رۇسىيىلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە قاتنىشاتتى.
 
مۇستافا چوقاينىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرى
 
مۇستافا چوقاي ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، خارەزم قەسرىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن پېتروسبۇرگ شەھىرىدىكى پادىشاھ قەسرىسىگە كىرىپ ئىشلەشكە باشلايدۇ. بۇ ئارىدا ئۇ تۈركىستان ۋىلايەتلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەرگە تەرجىمانلىق قىلىش ۋە تۈركىستانلىق ۋالىيلارنىڭ يىغىنلاردا سۆزلەيدىغان نوتۇقلىرىنى يېزىپ بېرىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئارىدا تۈركىستانلىق مەسئۇللار بىلەنمۇ ياخشى تونۇشۇپ قالىدۇ. بولشىۋىكلەرنىڭ ئىنقىلابى باشلانغاندىن كېيىن، مۇستافا چوقاي ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، بولشىۋىكلەرنىڭ ئالدىنى توسۇش ۋە خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەب قىلىش يولىدا جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەش نەتىجىسىدە، ئاز ۋاقىت ئىچىدە خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ ، ئۆزبېكىستاننىڭ قۇقەند شەھىرىدە مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان مىر ئادىل، ھىدايەت بەك، ئورغۇل ئاغا، نامانگاندىكى نەزىرخان تۆرە بۇخارادىكى ئابىدجانلار بىلەن بىرلىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇستەقىل تۈركىستان ھۆكۈمىتى قۇرۇش سېپىگە ئاتلىنىدۇ.
 
ئوتتۇرا ئاسىيادا « تۈركىستان مىللى ھۆكۈمىتى» قۇرۇلۇشى بىلەن كوممۇنىستلارنىڭ ئوغىسى قايناپ، بۇ ياش ھۆكۈمەتنى ھەر خىل تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا كىرىشىدۇ. بۇ ئارىدا رۇسىيىلىك بولشىۋىكلەر مۇستافا چوقايغا ۋەكىللىرىنى ئەۋەتىپ مۇنازىرە ئۆتكۈزىدۇ. مۇستافا چوقاينىڭ ئۇلارغا بەرگەن جاۋابى:« ئەگەر بولشىۋىكلەر خەلقىمىزنى بولاپ – تالاش ئىشلىرىنى توختىتىپ، قولغا ئالغان «تۈركىستان مىللىي ھۆكۈمىتى»نىڭ ئەزالىرىنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرسە، مەن ئۇلارغا ئۆزۈمنى تاپشۇرۇشقا ھازىرمەن» دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ. ئەمما بۇ شەرتكە كۆنمىگەن بولشېۋىكلەر مىللى ھۆكۈمەتنىڭ مەركىزى بىناسىغا توساتتىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىدۇ. بارلىق ھۆكۈمەت ئەزالىرى كوچىلارغا چىقىپ خەلقنى بولشىۋىكلەرگە قارشى ئاتلىنىشقا چاقىرىدۇ. ئەمما ئەپسۇسكى، بولشىۋىكلەر غالىپ كېلىپ، بۇ يېڭى ھۆكۈمەتكە خاتىمە بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇستافا چوقاي ۋەتىنىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
 
مۇستافا چوقاينىڭ ياۋروپادىكى پائالىيەتلىرى
 
مۇسافا چوقاي گېرمانىيىگە كەلگەندىن كېيىنمۇ يۇرتىنىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسىنى بىر كۈنمۇ توختاتمىدى. ۋەتىنى ئۈچۈن كېچە – كۈندۈز ھاماي – تالماي ئىشلىدى. راھەت دىدارىنى ھېچ كۆرمىدى. گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىدىكى تۈركىستانلىق مۇھاچىرلارغا باش بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تۈركىستانلىقنى گاھ چوڭ يىغىنلارنى چاقىرىش بىلەن، گاھ ماقالىلارنى يېزىپ ئەۋتىش بىلەن روھلاندۇرۇپ، ئۈمىدلەندۈرۈپ كەلدى.
 
مۇسافا چوقاي چىقارغان ژۇرناللار
 
مۇستافا چوقاي 1917- يىلى تاشكەنتتە چاغاتاي تىلىدا « ئۇلۇغ تۈركىستان» ناملىق ژۇرنالنى چىقارغان بولسا، 1918- يىلى يەنە رۇس تىلىدا تاشكەنتتە « ھۆر تۈركىستان»، چاغاتاي تىلىدا «يېڭى دۇنيا»ناملىق ژۇرناللارنى چىقارغان. 1921- يىلى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە« يېڭى تۈركىستان»ناملىق ژۇرنالنى چىقارغان. 1938- يىلى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىن شەھىرىدە «ياش تۈركىستان» ناملىق ژۇرنالنى چىقارغان.
 
مۇستافا چوقاينىڭ ۋاپاتى
 
بۈيۈك مىللىي ئىنقىلابچى مۇستافا چوقاي 1941- يىلى بېرلىن شەھىرىدە 51 يېشىدا تۇيۇقسىز ۋاپات بولۇپ، بېرلىندىكى تۈركىستانلىقلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.
 
2019-يىلى 5-ماي