«بېيجىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقاتماقتا - ۋاشىنگتون ۋە ئىتىپاقداشلىرى تېخى يېتەرلىك كۈچ چىقارمىدى»

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ (USCIRF) رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى جورج بۇش ئىنستىتۇتى ژۇرنىلىنىڭ 2023-يىللىق باھار پەسللىك سانىدا «خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە كىمملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بۇنىڭغا قارشى يېتەرلىك كۈچ چىقارمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

نۇرى تۈركەل ئەپەندى ماقالىسىدە خىتاينىڭ 2017-يىلى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى يولغا قويۇپ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننى باشلىغانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى غەرب ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقئارادىكى قانۇن مۇتەخەسىسلىرى خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىرقىي قىرغىنچلىقنىڭ 7-يىلىدمۇ تېخى يېتەرلىك خەلقئارالىق ئىنكاس كەلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ خىتاينىڭ بۇ جەرياندا يۇقىرى تېخنىكىدىن پايدىلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۆتكەن ئەسىردە يۈز بەرگەن يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى ۋە باشقا چوڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن پەرقلىنىدىغان يېرىنىڭ، پەقەتلا خىتاينىڭ ھازىرقى زاماندىكى يۇقىرى تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، بۇ جىنايەتنى مەخپىي ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدۇر» دېگەن.

ئۇ ماقالىسىدە: «خىتاي رېجىمى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىۋاتىدۇ، ئەمما ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىر چەتتە قاراپ تۇرۇۋاتىدۇ» دېگەن پىكىرنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن بولۇپ، خىتاينىڭ يېقىنقى ئالتە يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان دەھشەتلىك زۇلۇمى، دۇنياغا تېخى ئاشكارا بولمىغان لاگېر جىنايەتلىرى، ئەرلەرنىڭ غۇرۇرىغا، ئاياللارنىڭ ئىپپىتىگە قىلىنغان ھۇجۇم، بالىلارنى يىغىۋېلىپ خىتايلاشتۇرۇش، ياشلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق قاتمۇ قات جىنايەتلەرنى توختىتىشقا، خىتاينى ھەقىقىي چەكلەپ، ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشقا خەلقئارا سەپەرۋەرلىكنىڭ تېخى باشلانمىغانلىقىنى، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭمۇ بۇ جەھەتتە قىلغانلىرىنىڭ تېخى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ ماقالىسىدە يەنە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداشنى ئىقتىساد ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانلىق ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىش دۇنيا جامائەتچىلىكى ئۈچۈن ۋىجدانىي ھەم قانۇنىي مەجبۇرىيەت. ھازىر تېخى ئاران ئون دۆلەت بۇ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلدى. ھەر قانداق دۆلەت ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايدەك بىر ھاكىمىيەتكە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكنىڭ گېپىنى قىلماي تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىمۇ قوغدىيالمايدۇ» دېدى.

ئۇ ماقالىسىدە يەنە خىتاينىڭ ئەسلىدە ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدىن ئوغرىلىغان تېخنىكا بىلەن غەرب ئەللىرىدىن ئۈستۈن كېلىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئەنە شۇ غەرب تېخنىكىلىرىدىن پايدىلىنىپ، غەربنىڭ كىشىلىك قىممەت قارىشىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئامېرىكا دۇنيا بويىچە ئەڭ تەرەققىي قىلغان دېموكراتىك دۆلەت، ئەمما ئامېرىكا ئۆزىدىن مەغرۇرلىنىپ بىخۇد يۈرمەسلىكى، خىتاينى سەل چاغلىماسلىقى، خىتاينىڭ شۇم نىيەت، رەزىل پىلانلىرىنى، ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى بىلىشى كېرەك. خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھاۋا شارى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكاغا بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال. ئۇيغۇرلار بۈگۈن ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە قۇل ئەمگىكى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئەشەددىي مىللەتچىلىك غەرىزىنى ئاشكارىلاۋاتقانلىقىنىڭ، مۇستەبىتلىك ۋە جىنايەتنى نورمال كۆرسىتىۋاتقانلىقىنىڭ، ھەتتا ئۇنى باشقا دۇنياغا كېڭەيتىۋاتقانلىقىنىڭ بىر باشلىنىشى، دۇنيا بۇنىڭدىن چۆچۈشى ۋە سەگەك بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما خىتاي «بىر بەلباغ بىر يول» تۇزاقلىرى ۋە ساختا تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق بۇنى باشقا ئۇسۇلدا دۇنياغا چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ ۋە ئىشەندۈرۈۋاتىدۇ» دېگەن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى ماقالىسىدە يەنە: «گەرچە خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى ۋە كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن تېخىچە ھېساب ئېلىنمىدى. بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىپ يەتتىنچى يىلىغا قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىنكاسى ھېلىھەم ئاستا ۋە تۆۋەن بولماقتا» دېگەن.

2023-يىلى 31-ماي