قەلبنى ئىسلاھ قىلىش

 
قەلبنىڭ ساغلاملىقى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر قانداق بىر مەنىۋى كېسەللىك ۋە بارچە يېتەرسىزلىكلەردىن ساق بولىشى ئىنسانلىقنىڭ، جۈملىدىن مۇسۇلمانلىقنىڭ تەلەپلىرىدىن بىرىدۇر.
 
خۇددى تۆمۈر داتلاشقاندەك قەلبمۇ داتلىشىدۇ، خۇددى بۇزۇلغان گۆشنى مىكروب قاپلىغاندەك بۇزۇلغان قەلبنىمۇ مىكروبلار قاپلايدۇ.
 
ئىنساننىڭ قەلبى تۈزۈلسە، ئۇنىڭ باشقا ئورگانلىرىنىڭ ئىشلىرىمۇ تۈزۈلىدۇ، ئۇنىڭ قەلبمۇ بۇزۇلسا، ئۇنىڭ بارچە ئىشلىرىمۇ بۇزۇلىدۇ. قەلب قوماندان، باشقا ئورگانلار ئەسكەردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ«ئۇنتۇماڭلاركى، تەندە بىر پارچە گۆش بار بولۇپ، ئۇ تۈزۈلسە، جىمى بەدەن تۈزۈلىدۇ، ناۋادا ئۇ بۇزۇلسا، جىمى بەدەن بۇزۇلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ قەلبتۇر»دېگەن ھەدىسى بۇنى ئىپادىلەيدۇ.
 
ئىماننىڭ تاكامۇللىقىمۇ قەلبنىڭ ساغلام بولىشىغا باغلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە:« بەندىنىڭ قەلبى تۈزەلمىگىچە ئۇنىڭ ئىمانى تولۇقلانمايدۇ، ئۇنىڭ تىلى تۈزەلمكىگىچە ئۇنىڭ قەلبى تۈزەلمەيدۇ»دەپ كۆرسەتكەن.
 
قىيامەت كۈنىدە ئەسقاتىدىغىنمۇ ساغلام قەلبتۇر. ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان ئايەتلەردە«ساغلام قەلب» ئىككى ئورۇندا زىكىر قىلىنغان ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇددى جىمى پەيغەمبەرلەرنىڭ پېشۋاسى بولغىنىدەك، ساغلام قەلب بابىدىمۇ ئىنسانىيەتكە پېشىۋا ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان.
 
قەلبنىڭ ساغلام بولۇشىدىن ئۇنىڭ ئىسلام ئەقىدىسىگە زىت كېلىدىغان ئېتىقاد، پىكىر ۋە ئېقىملەردىن خالىي بولغىنىدەك، كىشىلەرگە قارشى دۈشمەنلىك، كۆرەلمەسلىك، ئۆچمەنلىك، كۆڭلى تارلىق قاتارلىق مەنىۋى كېسەللىكلەردىن خالىي بولىشى ۋە ھەر كىمگە كۆڭلى-كۆكسى كەڭ، ئەپۇچان، مەرد، كۆيۈمچان بولىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
 
قەلبنى ئىسلاھ قىلىش ئىشى ھەر قانداق بىر ئورگاننى ئىسلاھ قىلىشتىن قىيىن ۋە مۇشەققەتلىك بولغان بىر كۈرەشتۇر. چۈنكى قەلبنى ئىسلاھ قىلىش نەپسنىڭ ئىسيانكارلىقىغا قارشى قاتتىق كۈرەش قىلىپ، ئۇنى يېڭىش بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش. شۇڭا نەپسنىڭ شۆھرەتكە، مال-دۇنياغا ۋە ھەر قانداق بىر ئىنسانىي ھەۋەسكە بولغان ھېرىسمەنلىكىنى يېڭەلمىگەنلەر نەپسنى ئىسلاھ قىلىش جېڭىدە يېڭىلگەن بولىدۇ. نەپسنىڭ ئىسيانكارلىقىنى يېڭەلمىگەن ئادەم قەلبىنىمۇ ئىسلاھ قىلالمايدۇ.
 
قەلب ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرى چۈشىدىغان جاي
 
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئاللاھ سىلەرنىڭ تەقى تۇرقۇڭلارغا ياكى مال-دۇنيايىڭلارغا قارىمايدۇ. بەلكى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا ۋە ئەمەلىڭلارغا قارايدۇ»دېگەن. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، قەلب ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرى چۈشىدىغان جاي.
 
يۈزنى سوۋۇنلاپ پاكىز يۇيۇپ، كىيىمنىڭ ئەڭ ئېسىلىنى كىيىپ، ئۆزىگە خۇشپۇراقلارنى چېچىپ تاشقى قىياپەتنى كىشىلەرگە چىرايلىق ۋە پاكىز قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن كۆپ چىقىم ياكى كۆپ تىرىشچانلىق كەتمەيدۇ. ئەمما قەلبتىكى ئۆچمەنلىك، كۆرەلمەسلىك، دۈشمەنلىك، ئىچى تارلىق قاتارلىق ئىللەتلەرنى تەۋبە-ئىستىغفارنىڭ سۈيى بىلەن يۇيۇپ، نەپسنىڭ ئىسيانكارلىقىنى يېڭىپ، ئۇنى ئاللاھ تائالاغا پاك پاكىز قىلىپ كۆرسىتىش ئوڭاي ئىش ئەمەس.
 
ئىچكى دۇنياسىنى تۈزەپ، ئۇنى ئىسلام ئەخلاقىي بىلەن پارلىتىشقا ھېچ ئەھمىيەت بەرمەستىن، پەقەت تاشقى كۆرۈنۈشىگىلا ئەھمىيەت بېرىدىغان، كىيىنىش، گەپ-سۆز ۋە يۈرۈش- تۇرۇش قاتارلىق ئىشلىرىدا بىرەر ئەيىب-نۇقسان كۆرۈلۈپ قېلىشىدىن ياكى بىرەر يولسىزلىقى سەۋەبلىك ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا رەسۋا بولۇپ قېلىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىپ، ئۆزىنىڭ تاشقى ئەيىبلىرىنى يۆگەشكە شۇنچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغان ياكى قىسقا بىر تەبىر بىلەن ئېيتقاندا، ئاللاھ تائالا ئەڭ ئاۋۋال قارايدىغان جاينى چىرايلىق كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بەرمەستىن، ئىنسانلار قارايدىغان جايلارنى چىرايلىق، پارقىراق قىلىپ كۆرسىتىشكىلا ئەھمىيەت بېرىدىغانلار رىياكارلادۇر.
 
زامانىمىزدىكى مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالا نەزەر سېلىپ تۇرىدىغان قەلبىنى ئۇنىڭغا چىرايلىق ۋە پاكىز كۆرسىتىشكە، ئىنسانلار قارايدىغان تاشقى ئەزالىرىنى چىرايلىق، ئېسىل ۋە كۆركەم كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بەرگەنچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغان بولسا ئىدى، ئەھۋال باشقىچە بولغان بولار ئىدى.
 
قەلب ئەڭ ئۆزگىرىشچان ئەزادۇر
 
مىقداد ئىبنى ئەسۋەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئادەم بالىسىنىڭ قەلبى خۇددى قايناۋاتقان قازاندىنمۇ بەك ئۆزگىرىشچاندۇر» دېگەن. بۇنىڭدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمىشە «ئى قەلبلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ! مېنىڭ قەلبىمنى دىنىڭدا مەھكەم قىلغىن» دەپ دۇئا قىلىشىدىكى ھېكمەت ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. قەلب سۆزى ئەرەب تىلىدا «ئۆزگىرىش» دېگەن سۆز يىلتىزىدىن چىققان بولۇپ، لۇغەتتە بىلەن ئۆرۈپ چۆرۈگەننى ئىپادىلەيدۇ.
 
قەلبنى ئىسلاھ قىلىش دېگەن خۇددى ئۆينى سۈپۈرگەندەك كۆڭۈلدىكى يامانلىقلارنى، ئۆچلۈك-ئاداۋەتلەرنى ۋە بارچە يامان ئىللەتلەرنى بىر قېتىمدىلا سۈپۈرۈپ تاشلاپ قۇتۇلىدىغان ئوڭاي ئىش ئەمەس. بەلكى ئاللاھ تائالادىن ياردەم سوراش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەپسنىڭ ئىسيانكارلىقى ۋە شەيتاننىڭ كۈشكۈرتىشىنى باستۇرۇپ، قەلبنى ھەمىشە ئۆز كونترولىدا تۇتۇپ، سەگەك، ھوشيار بولۇش، سىرتتىن كىرىدىغان مەنىۋى مىكروب تۇمانلىرىدىن قەلبنى قوغداش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
 
قەلبتە بولىدىغان زىددىيەتلەر
 
ئىنسان قەلبى ھەر خىل زىددىيەتلىك سۈپەتلەرگە ئىگە بولۇپ، بەزىلەرنىڭ قەلبى يۇمشاق كەلسە، بەزىلەرنىڭ تاشتەك قاتتىق كېلىدۇ، بەزىلەرنىڭ سۈتتەك ئاپئاق كەلسە، بەزىلەرنىڭ قاپقارا كېلىدۇ. قەلبنىڭ يۇمشاقلىقى ئەسىرى بولغىنىدەك، ئۇنىڭ قاتتىقلىقى كۇفرىنىڭ ئەسىرىدۇر. شۇنىڭدەك، قەلبنىڭ ئاقلىقى ياخشى ئەمەلنىڭ ئىزى بولغىنىدەك، ئۇنىڭ قارىلىقى گۇناھ-مەسىيەتنىڭ ئىزىدۇر. شۇڭا گۇناھ-مەسىيەتلەرنى ئىككىلەنمەستىن قىلىدىغان ئادەملەرنى كىشىلەر «قەلبى قارا ئادەم» دەيدۇ. گۇناھ-مەسىيەنىڭ قەلبنى قارايتىۋېتىدىغانلىقى ۋە ياخشى ئەمەللەرنىڭ قەلبنى يورۇتىدىغانلىقى ھەققىدە كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەر بۇنى كۈچلەندۈرىدۇ.
 
بىراۋنىڭ قەلبىدىكى زىددىيەتلەر ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىشىنى ياكى دوزاخقا كىرىشىنى بەلگىلەيدۇ. بىر مۆمىن ئايالنىڭ بىر مۈشۈكنى نان، سۇ بەرمەي باغلاپ قويغانلىقى سەۋەبلىك دوزىخى بولۇپ كەتكەنلىكى ۋە يەنە بىر بۇزۇق ئايالنىڭ ئۇسسۇزلىقتىن ھالسىراپ قالغان بىر ئىتقا ئىچ ئاغرىتىپ ئۇنى سۇغۇرۇپ قويغانلىقى سەۋەبلىك جەننىتىي بولۇپ كەتكەنلىكى بۇنىڭ مىسالى. چۈنكى قەلبنىڭ قاتتىقلىقى ئۇنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن، قەلبنىڭ يۇمشاقلىقى ئۇنىڭ ساغلاملىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
 
قەلبنىڭ ساغلاملىقى جەننەتنىڭ كاپالىتىدۇر
 
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلغان: «بىز بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق. ئۇ"ھازىر سىلەرگە جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر ئادەم كېلىدۇ"دېدى. راستىنلا ئەنسارلاردىن بىر ئادەم كەلدى. ئۇ تاھارەت ئېلىپلا كەلگەنلىكىدىن ئۇنىڭ ساقىلىدىن سۇ تامچىلاپ تۇراتتى. ئەتىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە شۇنداق دېدى، يەنە شۇ ئادەم شۇ ھالىتىدە ھازىر بولدى، ئۈچىنچى كۈنىمۇ شۇنداق بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆھبەتتىن تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر ھېلىقى ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدى ۋە ئۇنىڭغا"دادام بىلەن قېيىدىشىپ قېلىپ، ئۈچ كۈنگىچە ئۇنىڭ يېنىغا كىرمەسلىككە قەسەم قىلغان ئىدىم. شۇڭا سەن مېنى ئۈچ كۈن قوندۇرغان بولساڭ" دەپ ئۆتۈندى، ئادەممۇ قوبۇل قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار كەتتى. كېيىن ئابدۇللانىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ ھېلىقى ئادەم بىلەن ئۈچ كۈن بىللە تۇرۇش جەريانىدا، ئۇنىڭدا سەھەر ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ بامدات ۋاقتىغىچە ئاللاھ تائالاغا زىكىر ۋە تەكبىر ئېيتىشتىن باشقا ھېچقانداق ئارتۇقچىلىق كۆرمىگەن، پەقەت ئۇنىڭ ھەمىشە ياخشى سۆز قلىدىغانلىقىدىن تەسىرلەنگەن. ئابدۇللا مۇنداق ھېكايە قىلىپ بەرگەن «ئۈچ كۈن توشقاندىن كېيىن، مەن ئۇ ئادەمنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرىنى ئاددى ساناپ قالدىم ۋە ئۇ ئادەمگە" ئەي ئاللاھنىڭ بەندىسى! مەن راستىمنى ئېيتسام مەن دادام بىلەن قېيىدىشىپ قالغان ئەمەسمەن. پەقەت رەسۇلۇللاھتىن سېنىڭ جەننەت ئەھلىدىن ئىكەنلىكىڭىزنى ئارقا-ئارقا ئۈچ كۈن ئاڭلاپ ساڭا قىزىقىپ قالغانتىم. شۇڭا سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى ئۆگىنىپ ساڭا ئەگىشەي دېگەن مەقسەتتە سېنىڭ ئۆيۈڭگە كەلگەنتىم. ئەمما قارىسام چوڭ بىر ئىشلارنى قىلغىنىڭنىمۇ كۆرمىدىم. سېنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھلى جەننىتى دېيىشىگە سازاۋەر قىلغان ئىشىڭ زادى قايسى؟"دەپ سورىدىم. ئادەم"مېنىڭ ئەمەللىرىم پەقەت سەن ئۈچ كۈندىن بېرى كۆرگىنىڭ شۇ، دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ يېنىدىن قايتىۋاتقانتىم. ئۇ مېنى چاقىردى ۋە مۇنداق دېدى" مېنىڭ قىلىدىغان ئەمەللىرىم سەن كۆرگەنلىرىڭنىڭ ئۆزى. باشقىسى يوق. پەقەت مەن مۇسۇلمانلاردىن ھېچكىمگە يامانلىق سېغىنمايمەن، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ياخشىلىقلىرىغا كۆز قىزارتمايمەن". شۇ ۋاقىت مەن ئۇنىڭغا" ھە، ئەمدى بىلدىم. سېنى بۇ دەرىجىگە يەتكۈزگەن ۋە بىزنىڭ قولىمىزدىن كەلمەيدىغان ئىش بۇ ئىكەندە"دېدىم».
 
2023-يىلى 9-ئىيۇن