«ئامېرىكا ئاۋازى»نىڭ كۈچلۈك ئ‍ۇيغۇر مۇخبىرى سالاھىيتىنى ئاشكارىلىدى

2019-يىلدىن باشلاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق، ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات ۋاستىسى بولغان ئامېرىكا ئاۋازىدا تۇيۇقسز بىر تونۇش ئەمما نائىنىق بىر ئۇيغۇرچە ئسىم-ئاسم كاشگارىيان (قەشقەرىيەلىك ئاسىم ) دىكى مۇخبىر كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى.ئاسم ئسىملىك بۇ مۇخبىر ئىزچىل ھالدا ختاي -ئامېرىكا مۇناسۋىتى، ئوتتۇرا ئاسيا تېمىسى، ئۇيغۇر مەسلىسى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكەتلىرى، تىرورلۇقنى كۆزىتىش قاتارلىق ساھەلىرى بويىچە ئىزچىل سۈپەتلىك ئاخبارات ئەسەرلىرىنى سۇنۇپ، ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق ئۇيغۇر مەسلىسى ئاخباراتچىسى بولۇپ قالدى.
 
ئۇنىڭ تەلىۋى بىلەن يولغا قويۇلغان ئامېرىكا ئاۋازى «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى خەۋەرلىرى »ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر بىرىدىغان ئاساسلىق ئاخبارات ماركىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.
 
ئاسم يەنە تونۇلغان يۈزلىگەن ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، مۇتەخەسسلەر، ئۇيغۇرشۇناسلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى-ئاكتىپلىرىنى زىيارەت قىلىپ،دۇنياغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىرىنچى قول ئاخبارات ماتېرىيالى بىلەن تەمىن ئەتتى.
 
گەرچە ئۇنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە زىيالىلىرى ئۇنىڭ كىملىكىنىڭ بىلسمۇ،ئەمما ئۇنىڭ قاچان قانداق بولۇپ ئامېرىكا ئاۋازىغا قوشۇلغانلىقى ھەققىدە ئامېرىكىلىقلار ۋە كۆپ قسم ئۇيغۇرلار ئوخشاشلا بىلمەيتتى.
 
20-ئيۇن دۇنيا مۇساپىرلار كۈنىدە،ئامېرىكا ئاۋازى «قورقۇنچتىن-ئەركىنلىككىچە-بىر ئۇيغۇرنىڭ مۇساپىسى»ناملىق چوڭ ھەجىملىك ھۈججەتلىك فىلىم ئىلان قىلدى.مەزكۇر ھۈججەتلىك فىلىم -قەشقەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ئۈرۈمچىدە شنجاڭ ئۇنېۋرستىتىدا ئوقۇغان، ختاي مەركىزى تىلىۋىزىيە ئستانسى ئىنگىلىزچە سۆزلەش مۇسابىقىسدە چىمپىيون بولغان، ئۈرۈمچىدە ئاتلان تىل مەكتىۋىنى قۇرۇپ، ئون مىڭلىغان ياشلارنى تەربىيلىگەن مائارىپچى ۋە كارخانىچى قاسمجان ئاتلاننىڭ ھايات ھېكايسنى ئاڭلىتىدىغان فىلىم ئىدى.
 
فىلىمدە قاسمجاننىڭ ئامېرىكىدىكى ئۆيىدە ئايالى ۋە پەرەزنىتلىرى بىلەن بولغان ھايات كارتنىسى، ئۇنىڭ ۋەتەندە قالغان ئۇرۇق-تۇققانلىرى، ئۇ دائىم دىگۈدەك كۆرىدىغان ۋەتەن ھەققىدىكى چۈشلەر،ئۇ باشتىن-كەچۇرگەن ختتايدىكى تۈرلۈك سياسى باستۇرۇشلار، ئۇ ئۇتۇق قازانغاندا،ختاي دۆلەت مۇئاۋىن رەئىسى لى يۇۋەنچاۋ بىلەن كۆرۈشكەن ۋە باشقا سياسى دىراممىلار ،ختاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقتىشتكى ئۇسۇللىرى بىر ئۇيغۇر زىيالىسى ۋە كارخانىچىسى نۇقتسدىن تونۇشتۇرۇلغان.
 
قاسمجان يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سياسى پاناھلىقى رەسمى تەستىقلانغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ئاۋازىدا ئاسم كاشگارىيەن نامىدىكى ئاپتور ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاشنى قارار قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.
 
مەنبە: ئۇيغۇر ئاگېنتلىى، 2023-يىلى 20-ئىيۇن